|
|
|
|
ئەركىڭنى يوقاتما مىسكىن سىياقتىن،
دەردلەرنى يۈدمىگىن ئەزىزىم غەمكىن.
بۇ قانلىق كۆزلىرىم تۆكەر ھەسرەتنى،
شۇ يۈرەك تارىمنى، سەن چالغىن تەمكىن. ~ مەن چىللاي باھاردا مەيىن شامالنى،
سەگىتسۇن ھەم ئىللىق سېنىڭ مېھرىڭنى.
زارىققان قەلبىمدىن تۇتىمەن ئىزگۈ،
ئاۋايلاپ تۇتقىن سەن مىھىر دىلىڭنى. ~ قۇيغۇم يوق باغرىمنىڭ ۋاپا سۈيىنى،
ھەرگىزمۇ بىلەمسەن پۇچۇق چىنىگە.
ئىلكىڭدىن تۇيىمەن چاڭقىغان ئوتنى،
ئېيتقىنە،ئالۋۇنۇڭ گۇۋاھ نىمىگە...؟ ~ ۋاپالىق شۇ باغلار ماكانىڭ بولسۇن،
چاقىرما ئازاب سۆيۈملۈك بولسىمۇ.
زارىققان قەلبىڭگە ئېسىپ قوي چىدام،
قاناتما يۈرەكنى ھىجران تولسىمۇ. ~
2012-يىلى8-ئاينىڭ28-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zulayha تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-29 03:22 PM
|
|
|
|
|
|