|
|
|
|
1 ئاپا جىن !
-ئاپا ئاۋۇ يەردە جىن باركەن!
بالا ناھايىتى قورققان ھالدا ئاپىسىنى يېنىغا كېلىشكە ئۈندەيتى.
-ئاپا ئايەگە قارىغىنە ،مىدىرلاۋاتىدۇ.
ئاپىسى ئۇماق بالىنىڭ قىلىقلىرىغا مەستلىكى كېلىپ ئۇنىڭ قولىغا بويسۇنغىنىچە دەرىزىنىڭ يېنىغا كەلدى.
-قورقما قوزام ئۇيەردە جىن يوق ،پەردە مىدىراپتۇ ،قورقما قوزام ،ئۇيۇنۇڭنى ئوينا.
ئاپا شۇنداق دېگىنىچە بالىنىڭ پىشانىسىگە ئانىلىق مېھرى بىلەن بىرنى سۆيۇپ قويدى.
-قارا ،قارا يەنە مىدىرلىدى.
بالىنىڭ كۆڭلىنى راستىنلا ئەنسىزلىك قاپلىۋالغانىدى،ئانا شاپپىدە ئەقىل تاپقاندەك بولدى.
-ھە،مەن ئاخشام جىنلارغا ،ئەگەر ئوغلۇم تاماق يېمىسە ئۇنى ئەكىتىڭلار دەپ قويغان ،ئۇلار شۇڭا كەپتۇ.
بالىنىڭ چىرايىنى تۇيۇقسىز بىر خىل تەشۋىشلىنىش ئالامەتلىرى قاپلىدى.
-ئاخشام مەن ئېشىمنى ئاشۇرۇپ قويماي يېگەن ، ئىشەنمىسىڭىز كارۋاتنىڭ ئاستىغا قاراپ بېقىڭ ....
-چاڭ!!!!
قاتتىق تەگكەن شاپىلاقتىن بالا نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالدى.
-خەپ سېنى ،نەچچە كۈندىن بىرى تېخى تاماقنى نىمانداق تېز يەيدۇ دېسەمزە،ئەسلىدە كارىۋات ئاستىدىكى چاشقانلىرىڭنى بوداۋېتىپسەندە،نىمىدىگەن جىق ئاش قالدۇقى دەيمەن تېخى كارۋات ئاستىدىكى.
ئانا شۇنداق دېگىنىچە بالىنى يەنە ساۋاشقا باشلىدى.
بىچارە بالا قانداق قىلىشىنى بىلمەي ئۈن-تىنسىز ياش تۆكمەكتە ئىدى.... 2
-خەپ جۇمۇ، خەپ جۇمۇ
-نىم بولدۇڭ ئاداش،نىمىگە جىلە بولىسەن؟
-ما نەس باسقۇر ئۇيۇننى ئويناپ ھەممە پۇلۇمنى ئۇتتۇرىۋەتتىم.
-جىلە بولغىدەك قانچە پۇل ئۇتتۇرۋەتتىڭ ئاداش؟
ئۇ گېپىمگە جاۋابەن بەش بەرمىقىنى كۆرسەتتى.
-ئاران بەش كويما؟
كۈلكەمنى زورىغا بېسىپ ئۇنىڭغا قارىدىم.
-تولا چىشىمغا تەگمىگىنە، ئارقىسىغا نۆلدىن ئىككىنى قۇشىسەن مانداق.
-شۇ ، بەشنىڭ ئارقىسىغا ئىككى نۆل قويسىمۇ يەنىلا شۇ بەش بولىدىغاندۇ؟.........
بۇ ئىككى يازمىنى ئۇقۇپ قانداق ئويغا كەلدىڭىز؟ بەلكىم بىرىنچى ھېكايىنى ئۇقۇپ كۆڭلىڭىز سەل غەش بولغاندۇ،ئىككىنچى تېمىدىكى قىزىقارلىق دىئالوگلار بىزنى ئىختىيارسىز كۈلدۈرىشى مۇمكىن ئەلۋەتتە،
ئەمما ،مېنىڭ قارىشىمچە ئاشۇ سەبىي بالىنىڭ ئاپىسىغا گۆدەكلەرچە بەرگەن جاۋابى مېنى ئىختىيارسىز كۈلكە قوينىغا غەرىق قىلدى.چۈنكى كىچىك بالىنىڭ گېپى ئاشۇنداق تاتلىق ئەمەسمۇ؟بىراق ئارقىدىنلا يەنە كۆڭۈل غەش بولىدىغان پاراڭلار بىلەن ئەسەر ئاخىرلاشتى.
ئەمدى ئىككىنچى يۇمۇرچۇ؟
ئەمىلىيەتتە ئۇ بىر يۇمۇر ،قايسى كۈنى بىر ئاغىينەم بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا بولغان بىر دىئالوگ خالاس، بۇلارنى ئېيىتقىنىمدا سىز بەلكىم ياشلا تۇرۇپ قىمارنىڭ قاينىمىغا چۈشۈپ كېتىپتۇ دە ئۇ دوستى دەپ ئويلىدىڭىز،بەلكىم بايا كۈلگەن بولسىڭىز مۇنۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقىنىڭىزدا ئىشقىلىپ قانداقتۇر بىر ھىسيات قەلبىڭىزدە لاپپىدە بىر ئۆچۈپ ياندى بولغاي.
دۇنيا تولىمۇ رەڭگارەڭ ،لېكىن بىز نىمىشقىكىن مۇشۇ رەڭگارەڭ دۇنيادىن بەھرىلىنىشنى خالىمايمىز ئەكىسچە بۇ دۇنيانى رەڭسىز قىلىشقا ئۇرۇنىمىز، كۈلكىنىڭ ئارقىسىدا زادى بىر يىغىنىڭ بولغىنى بولغان، چۈنكى بۇ تەڭشەلمىگەن جاھان ،بەزىلەر ئۆز كۈلكىسىنى ھەت تەرەپنى چىقىش قىلىپ ئىپادىلەيدۇ، يىغىنچاقلىنىپ ھەممىسى ئوخشاش يىغاياكى كۈلكە بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ ، بىراق مەقسەت بىزنىڭ ھەقىقى يىغا بىلەن كۈلكىنى تۇلۇق چۈشىنىشىمىزدە،....
قېنى سىز مۇنۇ ئىككى يازمىنى ئوقۇپ نېمىنى ھىس قىلدىڭىز ئورتاقلىشىپ باقايلى...
مەنبەسى: ئەپچىلەم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Dakyanos تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-29 12:26 AM
|
|
|
|
|
|