|
|
|
|
ئەي ئادەملەر، ئەجەب ئىكەنمىز
ئاپتۇرى : نەزەردىن جامالىدىن
>><<>><<>><<>><<>><<
ئەي ئادەملەر، ئەجەب ئىكەنمىز ،
بەزىدە گۈل ، بەزەن تىكەنمىز .
بىراۋلارغا خۇشپۇراق چاچساق ،
بىراۋلارغا سانجىلدىكەنمىز .
ئەي ئادەملەر، ئەجەب ئىكەنمىز ،
تىنىم تاپماي ئىشلەيدىكەنمىز .
ھوقۇق تۇتسا بىرەرسى، توۋۋا ،
كۆرەلمەستىن چىشلەيدىكەنمىز .
ئەي ئادەملەر، ئەجەب ئىكەنمىز ،
ئۆزىمىزنى ئويلايدىكەنمىز .
ئەجەب ئېقىن شەخسىيەتچىلىك ،
شۇ ئېقىننى بويلايدىكەنمىز .
ئەي ئادەملەر، ئەجەب ئىكەنمىز ،
غەيۋەت قىلىپ تويمايدىكەنمىز .
باشلىقلارغا سويغان شۇ قوينى ،
ئانىمىزغا سويمايدىكەنمىز .
ئەي ئادەملەر، ئەجەب ئىكەنمىز ،
ئويۇن بىلەن ئۆتىدىكەنمىز .
پۇشايمانغا قالغاندا بىركۈن ،
ئامال قانچە ، ئۆكىندىكەنمىز .
ئەي ئادەملەر، ئەجەب ئىكەنمىز ،
سورۇننى بوش قويمايدىكەنمىز .
ناخشا ـ ئۇسۇل نىم بەردى بىزگە ؟
ئېيتىپ ، ئويناپ تويمايدىكەنمىز .
ئەي ئادەملەر، ئەجەب ئىكەنمىز ،
نېمىنىدۇر كۆزلەيدىكەنمىز .
خويمۇ ئوبدان تىلىمىز تۇرۇپ ،
ئارلاشتۇرۇپ سۆزلەيدىكەنمىز .
ئەي ئادەملەر، ئەجەب ئىكەنمىز ،
كۆرمىگەننى كۆرىدىكەنمىز .
ئەرلىرىمىز ئايالدەك گويا ،
ياسىنۋىلىپ يۈرىدىكەنمىز .
ئەي ئادەملەر، ئەجەب ئىكەنمىز ،
بەزەن ئالغا باسىدىكەنمىز .
قىزلىرىمىز قۇلاققا توۋۋا ،
نەچچە ھالقا ئاسىدىكەنمىز .
ئەي ئادەملەر، ئەجەب ئىكەنمىز ،
تالاي ئېشنى بىلىدىكەنمىز .
ئاخىرەتنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ،
ئەسكىلىكنى قىلىدىكەنمىز .
ئەي ئادەملەر، ئەجەب ئىكەنمىز ،
بەزەن چېكىپ ، ئىچىدىكەنمىز .
ئىچىۋىلىپ جىدەلنى تېرىپ ،
قېرىنداشتىن كېچىدىكەنمىز .
ئەي ئادەملەر، ئەجەب ئىكەنمىز ،
پۇلنى جاندەك كۆرىدىكەنمىز .
شۇ پۇلنى دەپ بەزىدە ھەتتا ،
دوستتىن يۈزنى ئۆرىدىكەنمىز .
ئەي ئادەملەر، ئەجەب ئىكەنمىز ،
ئورا كولاپ قەسلىشىدىكەنمىز ،
بىلىم بىلەن بەسلەشمەي ئەجەپ .
ھەشەمەتتە بەسلىشىدىكەنمىز .
ئەي ئادەملەر، ئەجەب ئىكەنمىز ،
بالام دەپلا ئۆتىدىكەنمىز .
شۇ بالىنىڭ غېمىنى يەپلا ،
ئاخىر بىركۈن ئۆچىدىكەنمىز .
ئەي ئادەملەر، ئەجەب ئىكەنمىز ،
ئۇنى - بۇنى دەپ قويدىكەنمىز .
سۈرۈشتۈرمەي ھالالمۇ - ھارام ،
ئانچە - مۇنچە يەپ قويدىكەنمىز .
ئەي ئادەملەر، ئەجەب ئىكەنمىز ،
تىرىشقانلار ئۇزىدىكەنمىز .
تىرىشمىغان ئارقىدا قېلىپ ،
جەمئىيەتنى بۇزىدىكەنمىز .
ئەي ئادەملەر، ئەجەب ئىكەنمىز ،
ھامان بىر كۈن ئۆلىدىكەنمىز .
شۇ تۆت كۈنلۈك ئالەمدە يەنە ،
يۇرت ئايرىشىپ، بۆلىدىكەنمىز .
ئەي ئادەملەر، ئەجەب ئىكەنمىز ،
بىر ناخشىنى ئېيتىدىكەنمىز .
‹‹ھايات›› ناملىق ئەشۇ ناخشىمىز ،
تۈگىگەندە كېتىدىكەنمىز . . . .............................. 2010 ـ يىلى 11 ـ ئۆكتەبىر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Dakyanos تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-29 12:41 AM
|
|
|
|
|
|