لالە گۈللەر ئېچىلغان كېچە،
يەتكەن چەكسىز قىيامغا سۆيگۈ.
ۋىسال پەسلى يادىكار بولۇپ،
سۇنۇق دىلغا ئورنىغان مەڭگۈ.
لالە گۈللەر ئېچىلغان كېچە،
شېرىن تۇيغۇ ئوينىغان لەۋدە.
گۈزەل ھايات ۋايىغا يەتكەن،
ئىرىپ تاشقا ئايلانغان گەۋدە.
لالە گۈللەر ئېچىلغان كېچە،
ئەلۋەك باغدىن ياڭرىغان ناخشا.
خىجىل بولۇپ مەستانە بۇلبۇل،
كېتىپ قالغان مۇڭلىنىپ ئاستا...
لالە گۈللەر ئېچىلغان كېچە،
ئۇچۇپ ئۆتكەن زوقلۇنۇپ شامال.
مۆككەن بۇلۇت كەينىگە ئايمۇ،
قارا تۈنگە كۆرسەتمەي جامال.
لالە گۈللەر ئېچىلغان كېچە،
تەقدىر ئېسىل قىسمەتنى پۈتكەن.
دۇنيا ئارزۇ-ئارمانغا تولۇپ،
بەختى كەلگەن ئىنساننى كۈتكەن.
مەنبە: ئىجادىيىتىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەھرا ئوغلى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-28 09:00 PM