مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 541|ئىنكاس: 5

ئېچىلىش مۇراسىمى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن ھامان پارتىلايمەن!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 601
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 8664
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 192 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 07:43:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئېچىلىش مۇراسىمى


-دېھقانلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش،خەلىقنىڭ تەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بازىرىمىزغا بىر قۇرۇلۇش سېلىشنى ئويلاشتۇق ،ئەلۋەتتە بۇ قۇرلۇش يەنىلا پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلىقى،كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقۇسى،شۇڭا كەك دېھقان -چارۋىچىلارنىڭ ئىشىنچا ئەمگەك كۈچىنى چىقىرىپ بۇ قۇرۇلۇشنىڭ بالدۇراق پۈتۈشى ئۈچۈن بىرلىكتە ياردەم بېرىشىنى سورايمىز....
كەنىتنىڭ رادىيو ئۇزىلىدىن چىقىۋاتقان بۇچاقىرىق ئىختىيارسىز كىشىلەرنىڭ قەدىمىنى توختاتتى،مەيلى پىيادە ياكى قاتناش ۋاستىلىرى بىلەن مېڭىۋاتقان كىشىلەر بولسۇن ھەممىسى گويا بىرسى توختا دېگەندەكلا قەدەملىرىنى توختىتىپ كانايدىن چىقىۋاتقان چاقىرىقنى زەن قۇيۇپ ئاڭلىماقتا ئىدى.
-ئاڭلىسام بازاردىكى ھېلىقى بىكار يەرگە گۇئاڭچاڭ سالامىش .
-ياق،شەھەردىكىدەك چىنىقىش ئورنى دەمدۇ ئىشقىلىپ بىر قۇرلۇش سالغۇدەك،ئەينا ،خەلىقنىڭ ساپاسى دەۋاتمامدۇ؟
-ئۇنداق ئەمەس ،ئۇنداق ئەمەس...   
زادى قانداق قۇرۇلۇش سېلىنىدىغانلىقى توغرىلىق بەس مۇنازىرە قىلىۋاتاتتى،بازاردىكى قاينام تاشقىنلىقنى تۇيۇقسىزلا يېڭى تېما ئىگىلىدى،كىشىلەر ئالىقانداقتۇر بۇ يېڭى قۇرۇلۇشنىڭ پايدىسى توغرىلىق سۆزلىشەتتى .
دېگەندەكلا ئەتىسى ئۆزىنى قاۋۇل ئەمگەك كۈچى دەپ قارايدىغان كىشىلەر بازارلىق ھۆكۈمەتكە بېرىپ ئۆزىنى تىزىملاتتى.
دېھقان دېگەن ئاجايىپ خەق، بىر ئۆمۈر تەر تۆكۈپ ئىشلىسىمۇ قىلچە ۋايسىمايدۇ ،قىلغان ئىشىغا پەقەتلا مېننەت  قىلمايدۇ،ئۇ ئاشۇنداق بەندە ئىكەنكى ھىچ نىمىدىن تاما قىلمايدۇ، بەلكىم ئۇ دېھقان دەپ ئاتالغان كۈندىن باشلاپ تاما قىلىشنىڭ نېمىلىكىنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا كېرەك،ئازغىنە مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ۋۇجۇدۇنى ئاتايدۇ،شۇ ئازغىنە بەخىتتىن ئۆزىگە ئالەمچە خوشالىق ئىزدەيدۇ .
تىزىملاتقان تۇنجى كۈنىلا بۇ قۇرۇلۇش ئۈچۈن خالىس كۈچ چىقىرىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى،ھەتتا ئاتمىش نەچچە ياشلىق بوۋايلارمۇ ئۆزىنى تىزىملاتقىلى كېلىشكەنىدى ،كادىرلار كېلىدىغانلارنىڭ بۇنداق جىق بولىشىنى ئويلىمىغان بولسا كېرەك بىرەر يۈزچە كىشىنى تىزىملىتىپ قالغانلارغا بولسا ئۆزرىخالىق ئېيتىپ قايتۇرىۋەتتى، نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن قۇرۇلۇش باشلاندى، دېھقانلار بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ پارتىيە-ھۆكۈمەتكە رەخمەت ئوقۇيتى، شۇلارنى ئويلىغىنىدا ئۇلارنىڭ ھارغىنلىقىمۇ بىلىنمەيتى،بىكار بوپ قالسىلا بىر يەرگە توپلىشىپ  بۇقۇرلۇشنىڭ ئۆزىگە ئىلىپ كېلىدىغان پايدىسى،پارتىيىنىڭ توغرا سىياسىتى توغرىلىق سۆزلىشەتتى.
تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە قۇرۇلۇشنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن پۈتۈپ قالدى ،كىشىلەر بۇ قۇرلۇشنىڭ ھەيۋەتلىكىگە قاراپ ئۆزىدىن پەخىرلىنەتتى، مانا ئوتتەك ئىشتىياق،يۈكسەك پەخىرلىنىش نەتىجىسىدە بۇ قۇرۇلۇشمۇ تاماملاندى .لېكىن قىزىق يېرى ، قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كىيىن بىزگە ئېچىۋېتىلىدۇ دەپ ئويلىغان خەلق ،قۇرۇلۇشنىڭ تاماملانغان كۈنىلا پەچەتلەنگەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى،مانا بۈگۈن قۇرۇلۇش تاماملانغىلى 15كۈنچە بولۇپ قالدى، بىراق ئېچىلىشتىن قىلچە سادا يوق ئىدى.
-بازار كۈنى ئاچىدىكەن.
-ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزەمىش،شۇ چاغدا ئاچىدىكەن.
كىشىلەرنىڭ قۇلىقى نىمانداق ئۇزۇن ھە، دېگەندەكلا ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتۈپ بازارنىڭ رادىيو ئۇزىلىدا ئەلگە نەپ ئەكىلىدىغان قۇرۇلۇشنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىدىغانلىقى توغرىلىق ئۇختۇرۇش قىلىندى. ئۇختۇرۇشتا دېيىلگىنىدەك شۇكۈنى كىشىلەر خۇددى ئايەم بولغاندەك ،روھى كۆتۈرەڭگۈ ھالدا ،يېڭى كىيىملىرىنى كىيىپ ئىچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى .مۇراسىمغا كەلگەنلەرنىڭ سانى پەۋقۇلادە كۆپ ئىدى،قۇرۇلۇش مەيدانى كىشىلەر دېڭىزىغا ئايلانغانىدى.كىشىلەر ئۇزاق كۆرۈشمىگەن  تۇنۇشلاردەك بىر يەرگە توپلىشىۋالغانتى ئەلۋەتتە ئۇلار توپلاشسىلا يەنىلا شۇ قۇرۇلۇش توغرىلىق گەپ بولاتتى .كىشىلەر خېلى ئۇزاققىچە پاراڭلىشىپ تۇرۇشتى بىراق مۇراسىمنى ھىچبىر باشلاي دېمەيتى،تۇيۇقسىزلا كانايدىن ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ كىچىكتۈرۈلگەنلىكى توغرىلىق ئۇقتۇرۇش بەردى، بىردەمدىلا قۇرۇلۇش مەيدانى ئۆزىگە ماس كەلمىگەن كەيپىياتقا كېلىپ قالدى،ھەممە كىشىنىڭ  نېمىشقا مۇراسىمنىڭ كىچىكتۈرۈلگەنلىكىنى بىلگۈسى بار ئىدى.
-نىمىشقا باشلىمايدۇ، قۇرۇلۇش پۈتكىلى نەۋاخ،،،
بىرسىنىڭ توساتتىنلا ۋارقىرىشى كىشىلەرنىڭ بىلىش ئويىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى.
-راس باشلىسۇن مۇراسىمنى.
-مەن ئىشىمنى تاشلاپ قۇيۇپ ئاتايىتەن كەلگەن تېخى.
-شۇنى دەيمەن ،ئادەمنى گالۋاڭ قىلىپ ..
كىشىلەرنىڭ نارازىلىقى بارغانچە كۈچىيىشكە باشلىدى ،مەمۇرىيلار ،كادىرلار ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى بىلىپ بۇنى پۇقرالارغا چۈشەندۈرۈشنى لايىق تاپتى .
-دېھقان-چارۋىچى دوستلار ،دېققەت،ئەسلى بۈگۈن قۇرۇلۇش مۇرسىمىنى باشلايلى دېگەن ،بىزمۇ بۇ مۇراسىم ئۈچۈن نەچچە ئاي تەييارلىق قىلغان ،بىراق بۈگۈن مەلۈم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن مۇراسىمنى كىچىكتۈرۈشنى لايىق تاپتۇق .نېمە سەۋەپ دېگەندە،ھەممىڭلارغا مەلۇم ،بۇ قۇرۇلۇش سىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشۇڭلارنى بېيىتىش، تەن ساپايىڭلارنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۇچۈن سېلىنغان بىر زور قۇرۇلۇش ،شۇڭا مۇشۇنداق قۇرۇلۇشقا شەھىرىمىزدىن بىرەر ۋەكىل قاتناشمىسا بولمايدۇ ئەلۋەتتە،بىراق ئۇ ۋەكىلنىڭ بۈگۈن ئىشى چىقىپ كېلەلمەي قالدى شۇ سەۋەپتىن  مۇشۇنداق ئەھۋال يۈز كۆرۈلدى شۇڭا سىلەرنىڭ توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن ،ئېچىلىش مۇراسىمىنى چۇقۇم ئۆتكۈزىمىز ،شۇ چاغدا يەنە قايتىدىن ئۇختۇرۇش قىلىنىدۇ.
كىشىلەر يىلى چىققان توپتەك لاسسىدە بولۇپ  قۇرۇلۇش مەيدانىغا ھەۋەسلىنىپ قارىغىنىچە بۇ يەردىن  ئايرىلدى، بىراق كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە بۇ يەردە چوقۇم بىز بەھىر ئالىمىز دېگەن ئىدىيەسىدە سەل تەۋرىنىش بولۇپ قالغانىدى.
ئەمدى كىشىلەر ئۇ قۇرلۇش توغرىلىق بىرە-بىرە گەپ قىلمىسا بۇرۇنقىدەك قىزغىن مۇنازىرىگە چۈشىدىغان پاراڭلار بارغانچە ئازلاپ قېلىۋاتاتتى ،تۇرمۇش يەنىلا ئۆز رېتىمىغا چۈشكەن بولۇپ كىشىلەرنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمىغا بولغان تەلپۈنىشى سەل سۇسلاشقانىدى،مۇشۇ چاغدا تۇيۇقسىز يەنە   ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ ئېچىلىدىغانلىقى  توغرىلىق ئۇختۇرۇش قىلىندى.
ئەلگە نەپ ئەپكىلىدىغان  بۇنداق ئېسىل قۇرۇلۇش قانداقلا بولمىسۇن يەنىلا ئۆزىنىڭ تارتىش كۈچىنى يوقاتمىغان چېغى،كىشىلەرنىڭ سۇسلاشقان روھى يەنە قايتىدىن قەد كۆتۈردى .ئۇلار بۇ قېتىملىق مۇراسىمنىڭ چۇقۇم ئۆتكۈزىلىدىغانلىقىغا بولغان يۇكسەك ئىشەنىچ بىلەن مۇراسىمغا كەلدى،بىراق نىمىشقىكىن بۇ قېتىم كەلگەنلەرنىڭ سانى سەل ئازلاپ قالغانىدى، لىكىن كەلگەنلەردىكى قىزغىنلىق يەنىلا بۇرۇنقىدەك شۇنچە يۇقىرى بولۇپ ، ئەينى چاغدىكى كەيپىيات قىزغىنلىق شەكىللەنگەنىدى.كىشىلەر توختىماي مۇراسىمنىڭ ئۆزىگە ئەپكىلىدىغان تۆھپىسى توغرىلىق سۆزلىشەتتى،ئۇلار شۇنچە سۆزلىشىۋاتقان بولسىمۇ مۇراسىمنى ھىچبىر باشلاي دېمەيتى،كىشىلەر توساتتىنلا تەشۋىشلىنىشكە باشلىدى.
-ئەجەپ باشلىمايدىيا؟
-شۇنى دەيمەن ،يەنە ئاخماق قىلمىغاندۇ ھە؟
- يەنە كىچىكتۈردى دەيدۇ،مېنىڭ كادىر ئىنىم شۇنداق دەيدۇ؟
-نېمە؟يەنە كېچىكتۈرۈپتۇ،قانداق ئىش بوپ كەتتى بۇ ،بۇ قۇرلۇشنى ئەلگە مەنپەئەت ئەپكىلىدۇ دەۋاتاتتى، مۇشۇ بىزگە كەلگەن مەنپەئەتما؟
-ھاي ھاي ،ئاڭلاڭلار،،ئاڭلىسام ،بۇ قۇرۇلۇش ئىچىش مۇراسىمىغا مۇخبىرلارنىمۇ تەكلىپ قىلىپ تەشۋىق قىلماقچىكەنتۇق،لېكىن مۇخبىر بۇگۈن كېلەلمەيدىكەن،شۇڭا.....
-توۋا ،ئۆتكەندە باشلىق ،ئەمدى مۇخبىر دەپ مۇراسىمنى توختىتامدىكەن ،بىز پايدىلىنامدۇق ياكى باشلىق پاشلىق دېگەنلەر پايدىلىنىمدۇ بۇ قۇرۇ.....
-ھەي ،بوش قاينا ئۇكام ھېلى كۆرگىلىكىڭنى كۆرسىتىدۇ.
-قېنى كۆرەي، شۇنچە زۆرۈر ئىشىمنى تاشلاپ كەلگن تۇرسام ، ئۇلارنىڭ ئۇيۇنچۇقىمۇ بىز،ئۇلار پۇل چىقارسا بىز كۈچ چىقاردۇققۇ،مۇخبىرلارنىڭ بىزگە نىم كېرىكى دەيمەن ،خۇددى شۇلار سالغاندەك
كىشىلەرنىڭ نارازىلىقى بارغانچە كۈچەيمەكتە ئىدى، لېكىن بۇ قېتىم ھىچكىم  نىمىشقا مۇراسىم ئېچىلمايدۇ؟دېگەنگە قارىتا كىشىلەرنى قايىل قىلغۇدەك  جاۋاپنى بەرمىگەنىدى ،بەلىكم ئۇلار چۈشەنچە بېرىشتىن يالتايغان بولىشى مۇمكىن.  
كىشىلەر يەنە بىر  چوڭقۇر خۇرسىنىش ئىچىدە بۇ يەردىن ئايرىلدى، ھىچكىمنىڭ بۇ كاتتا قۇرۇلۇشقا قارار كۆزى يوق ئىدى .نەچچە كۈنلەر ئۆتۈپ كەتتى.تۇرمۇش رېتىمى ئۆز ئىزىغا چۈشكەنىدى،قاچان قەيەردە قانداق قۇرۇلۇش سېلىندى بۇنىسى دېھقانلارغا نامەلۇم،گويا بۇ بازاردا ھىچقاچان بۇنداق قۇرۇلۇش بولۇپ باقمىغاندەك كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىن قۇرۇلۇش دېگەن گەپ پەقەتلا چىقمايتى،بەلكىم پۇقرالار بۇ ئاتالمىش ئەلگە نەپ قۇرۇلۇشنىڭ نىمىتىدىن بەھىر ئېلىپ بولغان بولسا كېرەك .. 
ئارىدىن نەچچە كۈنلەر ئۆتۈپ تېلىۋىزوردىن  ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ ئېچىلغانلىقى توغرىلىق ئۇختۇرۇش قىلىندى،ئەلۋەتتە بۇ قېتىم شەپىسىزلا ئېچىلغان بۇقۇرۇلۇش كىشىلەرنى قايتىدىن تەمتىرىتىپ قويدى، ھەممە كىشى چوڭقۇر ئويغا چۆمگەن ھالدا تېلىۋىزور كۆرمەكتە ئىدى. 
مەيدا قۇپقۇرۇق،  رەئىس سەھنىسىدە ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن بىرسى مەيداندىكى ئاتالمىش دېھقانلارغا  يەنە بىر قېتىم ئەلگە نەپ ئەپكېلىدىغان قۇرۇلۇشنىڭ پايدىسى توغرىلىق سۆزلەۋاتاتتى......
                    
                                  مەنبەسى: ئەپچىلەم


گـەرچـە مـەن جەمىيـەت تەرىـپىدىن لۈكـچـەك دەپ ئاتالغـان بولـسامـمۇ، لېـكىن  ئۆزەمنـىڭ ھامـان بىر پارلىغـان يۇلـتۇز بولـىدىغانلـىقـىمغا ئىشىنىمـەن ...

ئەقىلسىز دوستۇڭ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 2334
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25831
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3130 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 10:23:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
« قولنى يۇغان بىلەن پولۇ يەيدىغان ئادەم باشقا » دەپ جاپانى دىخانلار تارتقان بىلەن ، ياخشى نامنى ئالدىغان ئادەملەر باشقا

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

تەدبىرىڭ قانداق بولسا،تەقدىرىڭ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31969
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4708
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 360 سائەت
تىزىم: 2011-2-27
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 01:05:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ ناھىيىدىمۇ 100 مودىن ئارتۇق تىرىلغۇيەرگە خەلىق باغچىسى سالغان،ئەمما مەيدانغا قويۇلغان چۈشەندۇرۇش تاختىسى ۋەباشقائالاھىدەقوپۇرۇلغان بىتون تاختايلاردا بىرمۇ ئۇيغۇرچە خەت يوق يەنە تېخى ئۇرۇنلاشتۇرغىلى بىر يىلچە بولغان چوڭ ئىكراندا بىرەقېتىممۇ ئۇيغۇرچە پىروگىرامماكۆرۇپ باقمىدىم،بولمىسايۇرتتىكى نوپۇسنىڭ% 80تىن كوپرەكى ئۇيغۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83340
يازما سانى: 434
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4012
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2012-8-2
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 02:23:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوشناڭ قارغۇ بولسا كۇزىڭنى قىس دىگەندەكلا ئىشلار بولۋاتىدۇ.ھەي

ئادىل ئابابەكرى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84335
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 43
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2012-8-25
ئاخىرقى: 2012-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 03:21:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى ، ھەجەپ ھەيۋەت ئىسىم جۇمۇ . ئېسىت ئېسىت . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   YAXA25 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-29 03:22 AM  


نەپرەت مەڭگۈ نەپرەت

بىز ھەممىمىز قايتقۇچىلارمىز !!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12341
يازما سانى: 849
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 11190
تۆھپە نۇمۇرى: 1449
توردا: 633 سائەت
تىزىم: 2010-10-1
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 07:35:21 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھىكايىمۇ ياكى ھەقىقىي يۈز بەرگەن ئىشمۇ …
مىنىڭچە كىشىلەرنى بۇلۇپمۇ جاپاكەش دېھقانلىرىمىزنى ئەخمەق قىلىش ئىنتايىن ئېغىر بىر نۇمۇسسىزلىق قىلمىشى …

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش