ئوربىتا ئىزدەش
ئابدۇغېنى ساۋۇت ئاچارى
ئۆيلەنمەكچى بولۇپ يىگىتلەر،
قىز ئاقتۇرۇپ يۈرەر ئاۋارە.
ھۇزۇر دېگەن ھاماقەت بۇ دەم،
ئوربىتىدىن قاچقان سەييارە.
ئوربىتىدىن قاچماقتا ئالەم،
شەرمى-ھايا ئادىمگەرچىلىك.
ئاۋۇماقتا بويتاق يىگىتلەر،
تۇل ئاياللار ئىھ يىتىمچىلىك.
قىزلار كەتتى قىزلار شەھرىگە،
يىگىت يۇرەر ئوربىتا ئىزلەپ.
ئەتىرگۈللەر تۇرار تۆكۇلۇپ،
بوسۇقلاردا ئۈنسىز ئېسەدەپ.
2009-يىل 29-سىنتەبىر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاچارى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-28 07:24 PM