مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2203|ئىنكاس: 34

ئۈچ تال پاشا، ئىككى تال چىۋىن، بىر تال سۇۋەرەك ۋە بىر ئوغرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۈچ مىىر چوڭقۇرلىقتىكى سۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76177
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6812
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 155 سائەت
تىزىم: 2012-2-18
ئاخىرقى: 2012-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 07:09:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېقىندىن بۇيان ھاۋا بەك ئىسىپ كەتكەچكە دەرىزىنى ئېچىۋىتىشكە توغرا كەلدى. دەرىزىنى ئېچىۋېتىش بىلەن تەڭلا ۋەقە يۈز بەردى.
ئۈچ تال پاشا كېچە سائەت ئىككى ئەتراپىدا ياتاق ئۆيدە پەيدا بولدى، يۇقىرى ئاۋازدا ناخشا ئېيتىشقا ماھىردىن بىرى، قۇلاق تۈۋۈمدە پاشا خەلق ناخشىسى غىڭ-غىڭنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئېيتىشقا باشلىدى. قالغان ئىككىسى پۇرسەت كۈتۈپ بەدىنىمنى ئوۋلاش ئۈچۈن تەيارلىق خىزمىتىنى ئىشلەشكە باشلىدى. مۇۋاپىق پۇرسەت تاپقان بىرى بەدىنىمنى چاقتى، پاشا ئۈزى كىچىك بولغىنى بىلەن چاققان يەر خېلى ئوبدانلا قىچىشىپ ئاغرىدى، يەنە بىرىنىڭ نەگە كەتكىنى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىدى. غىڭ-غىڭ ناخشىنى ئاڭلاپ ھۇزۇرلانغاچ قاۋۇل، قارامتۇل كەلگەن بىرى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۈزىنىڭ خىزمەتلىرىگە كىرىشىپ كەتكەن ئىدى.
تاتلىق ئۇيقىدىن غەزەپ بىلەن ئويغاندىم-دە، بۇ ئەبلەخلەرنى كۆزدىن يوقىىتىش ئۈچۈن چىراقنى ياقتىم، ئەتراپقا نەزەر سالسام بىر پاشا ئايالىمنىڭ يۈزىنى چېقىۋېتىپتۇ، غەزەپ بىلەن پاڭڭىدە بىرنى قۇيۇپ ئۆلتۈرۈۋەتتىم. بۇ قاتتىق تەگكەن شاپىلاقنىڭ تەسىرىدە چۈچۈپ ئويغانغان ئايالىم ئىشنىڭ سەۋەبىنى سورىمايلا مېنى تىللاپ كەتتى. ئايالىمنىڭ بۇ يولسىزلىقىغا چىداپ تۇرالماي مەنمۇ تىللىدىم. ئۆيدە بىرچاغ جېدەل بولدى، ئايالىم يامانلاپ يەنە بىر ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتى. قالغان ئىككى پاشىنى ئىزدەپ ھېچيەردىنتاپالمىدىم.
تۇرۇپ ئويلاپ قالدىم، بۇرۇنقى پاشىلار جۇغى خېلى كىچىك ئىدى، چاقسا ئانچە بەكمۇ ئاغرىپ كەتمەيتتى، ھەم چاققان يېرى ئىششىپ چىقمايتتى. ھازىرقى پاشىلارنىڭ رەڭگى قارا، ئۇستىخانلىق، بوي-بەستى خېلى بار بولۇپ، ئاۋازى جېنىغا باققاندا خېلى بەك يۇقىرى چىقاتتى، چاققان يېرى قىچىشىپ ئاغرىيدۇ، تاتلىسىڭىز ئىششىپ چىقىدۇ. ھەيران قالدىم، بۇلارمۇ دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئاكتىپ ماسلىشىۋاتقان بولسا كېرەك.
ئەتىگەن سائەت تۆتلەر بىلەن بىلەن ياتاق ئۆيۈمدە ئىككى تال يۈزى قېلىن چىۋىن پەيدا بولدى، يۈزۈمدىن باشقا جايغا قونمايدۇ، قولۇم بىلەن قورىسام ئۇچۇپ كېتىپ يەنە كېلىدۇ،ئېيتقان چىۋىن خەلق ناخشىسى بەكمۇ يېقىمسىز ، مېنى بەكمۇ بىزار قىلدى. غەزەپ ئاچچىقىمدا ئورنۇمدىن تۇرۇپ چىراقنى ياقتىم دە، چىۋىن پالىقىنى ئېلىپ بۇ ئىككى ئەبلەخنى جەھەننەمگە يولغا سېلىپ، ئاچچىقىمنى چىقارماقچى بولدۇم. بۇ ئىككى ئابداك چىۋىن زادىلا تۇتۇق بەرمىدى، تەخىر قىلىپ ساقلاپ ئولتۇرسام، مېھمانخانا ئۆيگە تىزىپ قويغان خىرۇستالنىڭ ئۈستىگە قوندى. قاتتىق غەزەپ بىلەن كۈچۈمنىڭ بارىچە بىرنى ئۇرۇپتىكەنمەن، ئۆينىڭ ئىچىنى جاراڭ-جۇرۇڭ قىلغان ئاۋاز ئېلىپ كەتتى. ئايالىم نەچچە مىڭ سومغا سېتىۋالغان خىرۇستال چېقىلىپ كەتكەن ئىدى. نىمە قىلارىمنى بىلمەي چېقىلغان خىرۇستال سۇنۇقلارنى تەردىم. ئېھتىياتسىزلىق قىلىپ قولۇمنى كېسىۋالدىم، ئاران دىگەندە پارچە لاتا تېپىپ كىچىك داۋالاش ئېلىپ باردىم. ئاچچىقىم قاتتىق كەلگەن ئىدى. بىر تال تاماكا چەككەچ ھاجەتخانىغا كىرسەم بىرتال سۈۋەرەك تۇرۇپتۇ، دەسسەپ ئۆلتۈرۈۋېتەي دەپ پۇتۇمنى كۆتۈرسەم بۇ جانىۋار مەقسىدىمنى بىلىپ قالدى بولغاي قېچىشقا باشلىدى، پۇتۇمنى ئىگىز كۆتۈرۈپ بىر دەسىسسەپتىكەنمەن، تېيىلىپ كىتىپ ئوڭدامغا چۈشتۈم. بېشىم ھاجاتخانىدىكى پارغا قاتتىق تىگىپ كۆزلىرىمدىن ئۇچقۇن يېنىپ كەتتى. ئاغرىققا چىدىماي بېشىمنى تۇتۇپ قاتتىق يىغلاپ كەتتىم… مەھەللە ئىچىدىكى ئامبۇلاتورىيىگە بېرىپ بېشىمنىڭ يېرىلغان يەرلىرىنى تاڭدۇردۇم. قارىماققا بىرمەيدان جەڭ قىلغان جەڭچىگە ئوخشاپ قالغان ئىدىم….
ئەتىگەن سائەت يەتتە بولغاندا ئۆيۈمنىڭ ئىشىكى قاتتىق چىكىلدى، ئىشىكنى ئاچسام ئىككى ساقچى تۇرۇپتۇ. نېمە ئىشىڭلار بار دەپ سورىسام مەن بىلەن ساقچىغانىغا بار دەيدۇ، نېمىشقا دەپ سورىسام ئاخشام سەن بىرىنى دەرىزىدىن تاشلىۋېتىپسەن دەيدۇ. ئۇنداق ئىش يوق دېسەم گېپىڭنى ساقچىخانىغا بېرىپ سۆزلە دەيدۇ… نىمە ئىش بولغىنى ئاڭقىرالماي كىيىمنى كىيىپ ساقچىغانىغا باردىم…ئەسلى ئىش مۇنداقكەن….
ساقچىغانىغا باردىم، مېنى سوراق قىلىشقا باشلىدى… ساقچىنىڭ ئەلپازى بەك يامان بولۇپ ھە دېسىلا جىنايىتىڭنى تۇلۇق تاپشۇر دەپ ھەيۋە قىلاتتى. مەن قانداق جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىمنى زادىلا ئويلاپ تاپالمىدىم. ئەقلىمگە كېلىپ قىلغان يامان ئىشلىرىمنى بىرەر قۇر ئويلاپ باقتىم، زادىلا تاپالمىدىم.
ساقچى ئاچچىقلاپ ئاخشام قىلغان ئەتمىشلىرىڭنى سۆزلە دېدى… مەن پاشا، چىۋىن، سۈۋەرەكنىڭ ۋەقەسىنى سۆزلەپ بەردىم. ساقچى ئاچچىقلاپ كىمىڭنى ئاخماق قىلىسەن، راست ئىشنى بىزنى بىلمەيدۇ دەپ ئويلامسەن؟ بىز ھەممىنى بىلىمىز، ئىقرار قىلساڭ كەڭچىلىك قىلىمىز دىدى. مېنىڭ قاتتىق ئاچچىقىم كەلدى-دە، قانداق نېمىلەرسەن! مەن قانداق جىنايەت ئۆتكۈزۈپتىمەن، پاشا، چىۋىن ئۆلتۈرسە قانداق جىنايەت بولىدۇ دەپ قاتتىق توۋلىدىم… پالاق-پۇلۇق قىلىپ بىر نەچچىنى ئۇرۇۋەتتى. قۇلۇمنى ئارقىغا قىلىپ كويزا سالدى، ئولتۇرغان ئورۇندۇقنى تارتىۋېلىپ ئۆرە تۇرغۇزۇپ قويدى. شۇ قەدەر غەزىۋىم كەلدىكى تىلىم بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلدىم، جىنايىتىمنى بىلىپ خورلانغان بولسام كاشكى.. .قولۇمغا بىرەر پىچاق بەرسە گاچ-گۇچ قىلىپ تىقىۋېتىپلا ئاندىن تارتقۇلۇقنى تارتاتتىم. كاللام قۇپ-قۇرۇق غەزەپتىن باشقا ھېچنېمە يوق ئىدى. مەن سۆزلىمەسلىك قارارىغا كىلىپ ساقچىغا بەزدەك قاراپ ئولتۇردۇم. ساقچىلار مەندىن ھىچقانداق جاۋاپ ئالالماي مېنى ساقچىخانىنىڭ يەر ئاستى ئۆيىگە ئەكىرىپ پار تۆمۈرىگە كويزىلاپ قويدى.
يەنە سوراق… يەنە يەر ئاستى ئۆيى… يەنە سوراق… يەنە يەر ئاستى ئۆيى… جەريان مۇشۇنداق تەكرارلىنىۋەردى. ئاخىرى ساقچى ماڭا ئاخشام سەن سىلەرنىڭ مەھەللىنىڭ ئاھالىلىكلەر باشقۇرۇش ئورنىنىڭ ۋاقىتلىك توك باشقۇرغۇچىسى ۋاڭ فامىلىلىك توك تەكشۈرگىلى كەلگەندە، ئۇنىڭ بىلەن سوقۇشۇپ ئۇنى دەرىزىدىن تاشلىۋېتىپسەن. ئۇنىڭ پۇتى ئۈچ يەردىن سۇنۇپتۇ، ھازىر ئۇ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ دېدى. يەنە سەن دەرھال ئائىلەڭدىكىلەر بىلەن سۆزلىشىپ 10 مىڭ سوم پۇلنى دوختۇرخانىغا تاپشۇر دېدى.
مەن ئۇنداق ئىش زادىلا يوق دىسەم، ساقچى بىزنى ئالدايمەن دېمە ئاخشام يۈز بەرگەن ئىشلارنى خوشناڭدىن سورىدۇق. ئۆيىڭدە قاتتىق جېدەل بوپتۇ… ۋاڭ فامىلىلىك توكچىنىڭ يىقىلغان ۋاقتى بىلەن ئۆيىدىكى جېدەلنىڭ يۈز بەرگەن ۋاقتى ئوخشاشكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈز-كۆزۈڭدىكى يارا ئىزلىرى بۇنىڭ دەلىلى، شۇنداقلا ئاخشام ئىشىك ئېچىلغان ئاۋازنى خوشناڭ ئاڭلاپتۇ دېدى.
توۋا، خۇداغا مىڭ توۋا… مەن ۋاڭ فامىلىلىكنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان تۇرسام، ئۇنى دەرىزىدىن قانداق تاشلىۋېتىمەن… گېپىمنى ئاڭلايدىغان ئادەم يوق… قانچە چۈشەندۈرسەممۇ ئاڭلىمىدى. ئەتىسى مېنى رەسمى يوسۇندا رېجىمغا ئالدى. قاماقخانىغا ئاپىرىپ سولاپ قويدى، چېچىمنى چۈشۈرۈۋەتتى….
60 كۈن ئۆتكەندە شەھەرلىك سوتتا سوت يىغىنى ئاچماقچى ئىكەنلىكىنى ماڭا ئۇختۇرۇش قىلدى. سوتقا كىردىم … يۇقىرىدا مەن تونۇيدىغان بىرنەچچە سوتچى ئولتۇراتتى. ماڭا قاراشلىرىدىن مېنى جىنايەتچى دەپ بېكىتىپ بولغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. ھېلىقى ۋاڭ فامىلىلىك كەلمەپتۇ، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قارىلىغۇچىلىرى دۆلەتكە ۋاكالىتەن مېنى ئەيىپلىمەكچى ئىكەن. مەن ئەسلى ئادۋوكات تەكلىپ قىلاي دېگەن ئىدىم… ئادۋوكات ئۇقۇشسام بۇ دىلوغا 10مىڭ سوم پۇل ئالىمىز دېگەنتى، ئەرۋايىم قىرىق گەز ئۆرلەپ ئۆزۈمنى ئۆزۈم ئاقلىماقچى بولدۇم.
سوت باشلاندى، ئەيىپلىگۈچى تەپتىش شۇنداق يامان بىر نېمىكەن، ئۇنىڭ كەلتۈرگەن دەلىلى، سۆزلىگەن سۆزلىرىدىن ئۆزۈمنى شۇ جىنايەتنى ئۆتكۈزگەندەك ھېس قىلىپ قالدىم. ئاغزىغا قاراپلا قاپتىمەن. ئۇلار تولا ئەيىپلەپ سۆزگىمۇ يامان بولۇپ كېتىپتۇ دېسە …
ئاقلاش نۆۋىتى ماڭا كەلدى. مەن پاشا، چىۋىن، سۈۋەرەكنى گېپىنى قىلىپ ئۆزۈمنى ئاقلىدىم، ئايالىمنى گۇۋاھچىلىققا تارتسام ئۇرۇق-تۇغقان، ئەر-ئايال گۇۋاھچى بولسا بولمايدۇ دەپ ئېتىراپ قىلمىدى. سېنىڭ باشقا گۇۋاھچىڭ بارمۇ دەپ سورىدى، يېرىم كېچىدە بولغان ئىشنى كىم كۆرىدۇ دەيسىز دېدىم…
ئۈچ كۈندىن كىيىن سوتنىڭ ھۆكۈنى چىقتى: مېنى 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىپتۇ، يەنە ھېلىقى ۋاڭ فامىلىلىكنىڭ داۋالىنىش ھەققى ئۈچۈن 87 مىڭ سوم تۆلەيدىكەنمەن. بېقىش ھەققى تاراق-تۇرۇق بولۇپ جۇغ جەمى 123مىڭ سومنى بىر قېتىمدىلا تۆلەيدىكەنمەن. نەق پۇل بولمىسا ئۆيۈمنى سېتىپ تۆلەيدىكەنمەن….
مەن بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولماي ئوتتۇرا سوتقا ئەرز قىلدىم، ئوتتۇرا سوت ئەسلى ھۆكۈمنى كۈچكە ئىگە قىلغاندىن سىرت، ئەرز قىلغۇچىنىڭ ئەرز ھەققىنى تۆلەيدۇ دەپ ھۆكۈم چىقىرىپتۇ.
مەن بۇ ناھەقچىلىققا چىدىماي 10 كىلو ئورۇقلاپ كەتتىم. ئەرزىمنى يۇقىرى سوتقا سۇندۇم…
مەن تۈرمىدە ئۆزەمنى قانداق ئاقلاشنى، نېمىلەرنى دېيىشنى يادقا ئالدىم. ئەلپازىمنى ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان قىياپەتكە ئەكەلدىم، غەزىپىمنى ئەڭ چوڭقۇر دەرىجىدە بېسىۋالدىم. شۇنداق ئېغىر-بېسىق بوپ كەتتىمكى، غەزەپ ماڭا ھىچقانداق پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئاللابۇرۇن سەزگەن ئىدىم. ھازىر مەندىن بۇرۇنقىغا ئوخشاش يامان ئەلپازنى ھەرگىزمۇ تاپالمايسىلەر.

مەنبە:قىسمەت بىلوگى

ئۈچ مىتىر چوڭقۇرلىقتىكى سۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73000
يازما سانى: 558
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3942
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 881 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 09:17:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇمۇرغۇ بۇ ...خە خە خە ...

دەرت-ئەلەم كەلمىگىچە، بەندە خۇدا دەپ يىغلىماس! ـــــــــــــــ جودا

كۇلۇپ ياشايمەن!!!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39153
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3844
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 636 سائەت
تىزىم: 2011-4-29
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 09:18:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىماداق قىززىق ...ھاھاھاھاھا  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83735
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3268
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 72 سائەت
تىزىم: 2012-8-10
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 09:43:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي بىچارە بەكلا ئۇۋال بوپتۇ گۇ

نېمىلەرنى ئويلا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23326
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6618
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 527 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 09:46:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا قىلدىم

بىر قەترە دەريادا يوق بولۇپ كەتتى، يەرگە بىر چاڭ قوندى، كۆمۈلۈپ كەتتى. دۇنياغا كېلىشىڭ ، كېتىشىڭ نېمە ؟ بىر چىۋىن تۇغۇلدى ، يا ئۆلۈپ كەتتى.

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 5752
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 44199
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 2382 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 10:38:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھەقچىلىق دېگەن شۇ -دە،قاراپ تۇرۇپ قارىغا كېتىپتۇ بىچارە....
جوڭگودا قانۇن دېگەن مۇشۇنداق ئىجرا بولىدۇ...

مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64284
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4268
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 547 سائەت
تىزىم: 2011-11-9
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 11:35:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي توۋا،ھاھاھا

جاھاننىڭ ئۇمرىنى بىلەلەيدۇكىم،
قايغۇسىز ھەمىشە كۇلەلەيدۇ كىم.
كىتىمىز جاھاندىن ئاخىرى بىركۇن،
قايتىدىن جاھانغا كىلەلەيدۇ كىم،

چــــــــــــــــــــــــــوغ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 1616
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8589
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 500 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 11:54:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ كۈلدۈردىڭىزغۇ زاغرىجان

قۇربان ھىيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!كەلدى ئايەم كۈلدى ئالەم.خۇشال كۈنلەر!

رەببىم ئاللاھ!كەچۈرگىن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 417
يازما سانى: 945
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14513
تۆھپە نۇمۇرى: 476
توردا: 3175 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 12:07:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى بارمۇ يە ؟  قىزىقىپ ئوقۇۋاتسام ...........

دىللار پەقەت ئاللاھنى ياد ئىتىش ۋە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇنلاش بىلەن ئارام تاپىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82071
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3199
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 85 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 12:14:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىكەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش