ئاناممۇ ئانا دەر ئىكەن
ئانامنىڭ سەندەل ياغىچىدىن ياسالغان، كىچىك تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىللىك، بىر كىتاپنىڭ چوڭلۇقىچىلىك، ئۈستىگە گۈل نەقىشلىرى قاپارتما قىلىپ ئويۇلغان، قېنىق بىنەپشە رەڭلىك، يۈزى سىرلانغان، كونا نۇسخىدەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ناھايىتى نەپىس بىر زىننەت بۇيۇملىرى قۇتىسى بار ئېدى.
ئانام بۇ زىننەت قۇتىسىنى ئەزەلدىن ناھايىتى ئەتىۋارلاپ ساقلايتتى، ئۇنى ئىشكاپنىڭ ئاستىغا تىقىپ قويۇپ، ئاسانلىقچە بىرسىگە كۆرسەتمەيتتى. ئانام ئانىسىنىڭ بۇ زىننەت قۇتىسىنى قۇچاقلاپ، يېرىم كېچىدە ھاڭۋېقىپ ئولتۇرۇپ كەتكىنىنى ئۈچ قېتىم كۆرگەنلىكىنى دەپ بېرەتتى.
تۈنجى قېتىم، ئانىسىدا بۇنداق ئېسىل نەرسىنىڭ بارلىقىنى ئالتا ياشقا كىرگەن يىلى بايقاپتىكەن. ئۇ كۈنى كەچتە، ئانام ئويغىنىپ كېتىپ، قورققاندەك بولۇپ، يالىڭاچ پېتى ئانىسىنىڭ ھۇجرىسىغا يۈگۈرۈپ كىرسە، ئانىسىنىڭ ئالدىدىكى چىرايلىق بىر قۇتىغا قاراپ ھاڭۋېقىپ ئولتۇرۇپ كەتكەنلىكىنى، كۆز چاناقلىرىنىڭ قىزىرىپ كەتكىنىنى تاسادىپىي كۆرۈپ قاپتۇ. ئىككى يىلدىن بېرى، نامراتلىشىپ كېتىپ، ئۆيدە تۆت تامدىن باشقا ھېچنەرسە قالماپتىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە قەرز ئېگىلىرى داۋاملىق قەرز سۈيلەپ كېلىۋەرگەچكە، ئانىسى دەرد-ئەلەم دەستىدىن كېچە-كېچىلەپ ئۇخلىيالماپتۇ، يەيدىغىنى تۇخۇمەك گۈلىدىن ئۇن تارتىپ ئېتىلگەن ئۇماچ، يەنە تېخى قارىياغاچ پوستىكىدىن ئۇن تارتىپ ئېتىلگەن ئوماچ بولۇپ، ئۇنىڭدا تەم دېگەن نەرسە يوق ئىكەن. ئانام ئانىسىنىڭ قۇتا ئاغزىنى تاراققىدە قىلىپ يېپىپ، ئىشكاپقا سېلىپ قويغىنىنى كۆرۈپ قاپتىكەن. ئەتىسى ئانىسىنىڭ دىققەت قىلمىغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، ھېلىقى زىننەت قۇتىسىنى ئاختۇرۇپ باقماقچى بولۇپتۇ، ئەمما ئۇنى ئۈمىدسىزلەندۈرگىنى، ئانىسى زىننەت قۇتىسىغا تىرناقچىلىق چوڭلۇقتىكى سېرىق رەڭلىك قۇلۇپنى سېلىپ قويغان ئىكەن. شۇڭلاشقا، ئۇنىڭ بۇ ياغاچ قۇتىنىڭ ئىچىدىكى نەرسىگە بولغان قىزىقىشى تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىپتۇ.ئىچىدىكىسى پۇلمىدۇ ياكى مېۋە تەملىك كەمپۈتمىدۇ؟
ئىككىنچى قېتىم ئانىسىنىڭ بۇ سەندەل ياغىچىدىن ياسالغان زىننەت قۇتىسىغا قاراپ ھاڭۋېقىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرگەن ۋاقتىدا، ئانام 16 ياشقا كىرىپتىكەن. شۇ يىلى دادىسى قاتتىق ئاغرىپ قېلىپ، دوختۇرخانىدا يېتىپ قاپتۇ. ئائىلىسى تېخىمۇ نامراتلىشىپ، ئۆيىنىڭ ھەممە يېرىدىن بوران ئۇچۇپ تۇرىدىغان بولۇپ كېتىپ، تېخىمۇ پاتپاراقچىلىق بولۇپ كېتىپتۇ. ئانىسى ھەر كۈنى خۇشپۇراقلىق تېرىق ئۇمىچى قاينىتىپ، ئۇنىڭغا يەنە كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان تۇزلىغان سەينى قوشۇپ،ئانامدىن دادىسىغا ئەۋەتىدىكەن. دادىسى دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغانلىقتىن،ئۆيدىكى پۇللار پاك-پاكىز تۈگەپ، ئانىسى كەچكىچە باشقىلاردىن قەرز ئېلىش ئۈچۈن چېپىپ يۈرۈپ، خەقنىڭ چىرايىغا قاراپ كۈن ئۆتكۈزۈپتۇ. بەزىلەر، نەچچە كۈنلىكىلا قالغان ئادەمنى داۋالىتىمەن دەپ، بىكاردىن-بىكار پۇل خەجلەپ نېمە قىلىدۇ، دەپ تاپا-تەنە قىلىشىپتۇ. ئانىسى ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، ھېلىقى ياغاچ قۇتىغا قاراپ، بىلىندۈرمەي ياش تۆكىدىكەن. ئانام ئانىسىغا ئاچچىقلىنىپ، كۈنبويى ئۇ ئەبجەق قۇتىغا قاراپ ھەسرەت چېكىپ، نېمە قىلىسەن؟ ھازىر قانداق ۋاقىت؟ ئەگەر قۇتىدىكى پۇل بولسا،دەرھال دوختۇرخانىغا تۆلەيلى، زىننەت بويۇمى بولسا، دەرھال ئەپچىقىپ، سېتىۋېتەيلى، يەنە نېمىگە ساقلايمىز،جاننى قۇتقۇزۇش ھەممىدىن مۇھىم! دەپتۇ. ئانىسى بىر قاراپ قويۇپ، ئۇ قۇتىنى ئەسلىدىكى ئورنىغا قويۇپ قويۇپتۇ.
ئۈچىنچى قېتىم ئانىسىنىڭ سەندەل ياغىچىدىن ياسالغان ئۇ زىننەت قۇتىسىنى مەھكەم تۇتىۋالغىنىنى كۆرگەندە،ئانام 26 ياشقا كىرىپتىكەن. شۇ يىلى ئۇ بىر يىگىت بىلەن تونۇشۇپ قاپتۇ. توينىڭ ئالدىنقى ئاخشىمى، ئانىسى ئۆز قولى بىلەن تىككەن قىزىل شايى يوتقان، گۈللۈك دۇردۇن كۆرپىلەرنى ئۇنىڭغا بېرىپ،قاتتىق ھەسرەت چېكىپتۇ. ئانام ئانىسىنىڭ مۈرىسىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ، قەستەن كۈلكىلىك گەپلەرنى قىلىپ:
-مەن پەقەتلا ياتلىق بولىمەنغۇ، ياتلىق بولغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق كېلىپ يوقلاپ تۇرىدىغان تۇرسا، بۇنچىۋالا قايغۇرۇپ نېمە قىلىسەن؟ بېشىڭنى كۆتۈرۈپ،ماڭا قاراپ بىر كۈلىۋەتكىنە،-دەپتۇ.ئانىسى ئېغىزىنى شۇنداقلا بىر مىدىرلىتىپ قويۇپ، زورىغا كۈلۈمسىرەپ قويۇپ، كەينىگە ئۆرۈلۈپ، ئىشكاپنىڭ ئىچىدىكى ھېلىقى قۇتىنى قولىغا ئاپتۇ ھەمدە:
-بۇ سەندەل ياغىچىدىن ياسالغان زىننەت قۇتىسى ئانامنىڭ قىز مېلى ئىكەن.مەن ياتلىق بولغاندا ماڭا بەرگەن، ھازىر مەن ئۇنى ساڭا قىز مېلى قىلىپ بېرەي،-دەپتۇ.
ئانام پارقىراپ تۇرىدىغان نەپىس زىننەت قۇتىسىنى سىلاپ، يۈرىكى دۇمباق چالغاندەك سېلىپ كېتىپتۇ، قۇتىنىڭ ئىچىدىكى نەرسىنىڭ نېمىلىكىنى ئۇزۇن يىل پەرەز قىلىپ،ھازىر سىرى يېشىلىدىغان بولغاچقا، ئالاقزادە بولۇپ، قوللىرىمۇ نەملىشىپ كېتىپتۇ. ئەجەبا، ئانىسى بىر ئۆمۈر ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كەلگەن نەرسىسىنى ئۇنىڭغا بېرىۋېتەرمۇ؟
ئانىسى قۇتىنىڭ ئاغزىنى ئاۋايلاپ ئېچىپتۇ، قۇتىنىڭ ئىچىدە سارغىيىپ كەتكەن ئىككى پارچە سۈرەت بار بولۇپ، بىرى، ئانامنىڭ چوڭ دادىسىنىڭ، يەنە بىرى چوڭ ئانىسىنىڭ سۈرىتى ئىكەن. سىر ئاخىرى يېشىلىپ، ئانام ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئۆكسۈپ يىغلىۋېتىپتۇ. ئىلگىرى قۇتىنىڭ ئىچىدىكىسى كۆپ قېتىم ئالتۇن-كۆمۈش بويۇملار، قىممەتلىك ئاسارە-ئەتىقىلەر دەپ پەرەز قىلىنغىنى، ئەسلىدە ئىككى پارچە سۈرەت ئىكەن.
ئانام ئىزچىل ئانىسىنى يۆلىنىۋالغىلى، پېتىۋالغىلى بولىدىغان تەڭداشسىز كۈچلۈك تاغ، دېڭىز،دەرەخ دەپ قاراپ كەلگەنىكەن. ئەسلىدە ئانىسىمۇ ئانىسىنى سېغىنىدىكەن، ئانىسىنىڭمۇ ئاجىز كېلىپ قالىدىغان ۋاقىتلىرى بار ئىكەن. ئائىلىسى ھەر قېتىم كۈتۈلمىگەن ھادىسىگە يولۇققاندا، ئانىسى مۇشۇ ئىككى پارچە سۈرەتنى قولىغا ئېلىپ، قارىغانسېرى كۈچلۈكلىشىپ، قانداق قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراشتىن قەتئىينەزەر، ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كېتىدىكەن. بۇ خىل ھېسسىيات ، ئانىسىنىڭ ھايات كەچۈرىشىدىكى ئىشەنچ ۋە كىشىلىك تۇرمۇشىدىكى ئېنىرگىيە تولۇقلىغۇچى بولۇپ قالغانىكەن.
«تەپەككۇر ۋە ئەقىل –پاراسەت»ژورنىلىدىن