تەبئىتى ئۇ لالما ئىت
ساتىرا
يوچۇن ئادەم
(1)
بەرسەڭ پايخان خۇش ساڭا غاجايدىغان لالما ئىت،
بۆزەك بولساڭ ئازغىنە تالايدىغان لالما ئىت،
نەپ ئۈستىدە يولۇڭغا قارايدىغان لالما ئىت،
قورساق ئاچسا چالمىنى سانايدىغان لالما ئىت.
يولدىن ئۆتسە يۇۋاشلار قوغلاپ بېرىپ تالايدۇ،
پىچاق ئاسقان قاسساپنىڭ ئۆتىكىنى يالايدۇ،
سېغىزخان ئۇ نەپ ئۈچۈن ئۇگۇلۇقنى مارايدۇ،
ساڭا ئەمەس سۆڭەككە قارايدىغان لالما ئىت.
سۈرگىن قىلىپ ئەل بىزار ھەيدەپ تۇرار يىراققا،
كىرسىنچىلە بولمىغاچ ئۇنىڭ رولى چىراققا،
خوشياقمايدۇ قاۋىغان ئۈنى ئۇنىڭ قۇلاققا،
گىڭىلدىغان پاشىغا قاۋايدىغان لالما ئىت.
ئاپشاركا دەپ بەزىلەر بېقىپتىمىش ئاڭلىسام،
تالايدۇ دەپ يولۋاسنى چېقىپتىمىش ئاڭلىسام،
ئېغىز يالىشىپ سۇيىدە ئېقىپتىمىش ئاڭلىسام،
گىزى كەلسە سۆيگەننى تالايدىغان لالما ئىت.
(2)
غېڭشىپ ياتسا ئۇيقۇ يوق كومۇتىنى سانىغان،
پاشا چېقىپ كۆتىنى تاتىلاپ ئۆزى، قانىغان،
ئىتلىغىنى پەش قىلىپ، مايتاتىپ ئۇ قارىغان،
ھەيۋىسىنى شىرلاردەك سانايدىغان لالما ئىت.
قوغلاپ يۈرۈپ قوزىغا تىل چىقارغان غېرىچتەك،
خوشامەت قىپ بۆرىگە نەپ ئالالماي تېرىقتەك،
ئارىغا ئالماي ھەممىسى لەيلەپ قالغان قېيىقتەك،
سېرىتماق سەپ ئۆزىگە قامايدىغان لالما ئىت.
نان تاشلىسا بىر بوردام ئىگەم شۇ دەپ قاتىرىغان،
تاشلاپ قويسا بىر چالما سۇيۇق پوقتەك چاچىرىغان،
ھەر يان قاۋاپ نەپ ئۈچۈن تۆتىل كۆزى پاقىرىغان،
گېرىم قىلىپ چېچىنى تارايدىغان لالما ئىت.
بىر توشقاننى تۇتۋېلىپ ئەركىن يالماپ يىيەلمەي،
تىرەك، تامنى ياڭزىغان ياكى ئەركىن سىيەلمەي،
قاۋاپ يۈرگەن خىقىراپ نۇمۇس، <نان!> دەپ دىيەلمەي،
بىكار قاۋاپ كۆزىتىشكە يارايدىغان لالما ئىت.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا YuqunAdam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-28 06:54 PM