ئىلتىماس
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
ئىلتىماس يازدىم يەنە باشلىق، مېنى يۆتكەپ قويۇڭ،
ئۆتتى چەت جايدا گۈزەل ياشلىق، مېنى يۆتكەپ قويۇڭ.
نەدە ئۆي، ئاتا-ئانام، خوتۇن بىلەن ئىككى بالام؟
يوللىرىم ئېگىز داۋان-تاشلىق، مېنى يۆتكەپ قويۇڭ.
يولدا كەتتى ئايلىقىم، يوقتۇر بىساتىم-بايلىقىم،
تاپقىنىم قورساققا نان-ئاشلىق، مېنى يۆتكەپ قويۇڭ.
رېستۇرانغا باشلا دەپ، چۆنتەكنى ئۆرۈپ تاشلا دەپ،
قىلمىڭا چاخچاق بىلەن شاشلىق، مېنى يۆتكەپ قويۇڭ.
قولىڭىزدا بار ئەمەل، «ھە»گە نېمە كەتكەي بەدەل؟
يەتكۈزۈپ شەپقەت-قېرىنداشلىق، مېنى يۆتكەپ قويۇڭ.
مەنمۇ ئىشلەي سىز بىلەن، شەھەردە شوخ-شوخ قىز بىلەن،
بولمىساممۇ ئاھ، قەلەمقاشلىق، مېنى يۆتكەپ قويۇڭ.
ئىلتىماس يازدىم قۇرۇق، بولغاچ قوتاندا قوي ئورۇق،
يېلىنىشتىن كۆزلىرىم ياشلىق، مېنى يۆتكەپ قويۇڭ!...
1998-يىلى8-ئاينىڭ 26-كۈنى، يېڭىسار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئا.ئا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-28 04:07 PM