بەك،بەك،بەك...
شېئىر
شۈكران(يوچۇن ئادەم)
كىرگەندىمەن چۈشۈڭگە بەلكىم،
گىرە سېلىپ بوينىڭغا سېنىڭ.
لەۋلىرىمىز ئۇچراشماي تۇرۇپ،
قىزىپ كەتتى ھەقىچان تېنىڭ.
چۈشلىرىڭدە ئاپاردىڭ چوقۇم،
بىز ئۇچراشقان خىلۋەت شۇ جايغا.
باشلىرىڭنى يېقىپ ئەركىلەپ،
سۆيىۋالغانسەن تەلمۈرۈپ ئايغا.
تاتلىق سېنىڭ چۈشۈڭ بەك شىرىن!
چىن ئاشىقمىز ‹لەيلى-مەجنۇن›دەك.
چۈشلىرىڭدىن قايىتما جېنىم،
ياخشى كۆرىمەن سېنى بەك،بەك،بەك...
سېغىنىپ كەتتىم شۇ لېۋەن يارنى
سېغىنىپ كەتتىم شۇ لېۋەن يارنى،
ھۆپ! ئېچىلغان شۇ گۈلنى كۆرۈپ.
پۇراپ كەتتىم ھىدىگە قانماي،
نەشىكەشتەك كەيپىنى سۆرۈپ.
سېغىنىپ كەتتىم شۇ لېۋەن يارنى،
جۈپ-جۈپ ئۇچقان ئۆردەكنى كۆرۈپ.
رەنجىپ قالدىم ئۆزۈمدىن شۇنچە،
لەۋنى چىشلەپ، قاپاقنى تۈرۈپ.
سېغىنىپ كەتتىم شۇ لېۋەن يارنى،
گۈلنى سۆيگەن ھەرنى كۆرۈپ.
ھەيران قالدىم تەبئىي قىسمەتتىن،
تونۇشقاندۇ نەلەردە يۈرۈپ؟
سېغىنىپ كەتتىم شۇ لېۋەن يارنى،
بىر كەتكەنچە كەلمىدى قايتىپ.
ئۆتەر ئىكەن ھايات مۇشۇنداق،
بىرى كۈلسە، بىرى ئازاپ تارتىپ...
قۇملۇق قىزى
پايانىڭ بىر يالىلدىغان ئوت،
مەن تەپتىڭدىن ئۆرلىگەن گۇلخان!
سەن بىرىسەن ماڭا ھارارەت،
مەن ئىشقىڭدا بولىمەن پايخان!
بۈگۈن مېنى سېغىنمىدىڭمۇ؟
كۈندە پارلاپ چىققان قوياشتەك،
ئۆتەر ئىدىڭ ھەر كۈنى يوقلاپ.
مۈكىۋالغان ئاي بولدۇڭ بۈگۈن،
سېغىندۇرۇپ ئۆزىچە يوقلاپ.
ئېچىلىپ تۇرار ئىدىڭ بېغىمدا،
قىزىگۈلدەك خۇش ھىدقا تولۇپ.
سۆيۈپ يۈرەر ئىدىم مەس-ئەلەس،
ئىشىق ئوتۇڭدا پەرۋەنە بولۇپ.
ئەسلەپ قالدىم بۈگۈن كىيىكنى،
بىر كەتكەنچە كەلمىدىڭ يېنىپ.
كۈندە يوقلاپ تۇرغىن ئىرىنمەي،
مۇھاببەتتىن يۈرمىگىن چېنىپ...