مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7449|ئىنكاس: 59

تۆمۈر خەلپە ناخشىسىنى ئاڭلىغانمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پۇزىتسىيە ھەممى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66074
يازما سانى: 337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5340
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 477 سائەت
تىزىم: 2011-11-20
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 02:53:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



تۆمۈر خەلپە 1891-يىلى تۇرپاندا ئىشلەمچى (كارىز چاپقۇچى) ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . ئۇنىڭ دادىسى ھەددىدىن ئاشقان ئالۋاڭ-ياساق دەستىدىن ئائىلىسىدىكى تۆت جاننى باقالماي ، 1893-يىلى ياز پەسلىدە قۇمۇلنىڭ قوراي يېزىسىغا كۆچۈپ بېرىپ يەرلىشىدۇ . بىراق قوراي يېزىسى قۇمۇل ۋاڭىغا قاراشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ، بۇ يەردىكى ئالۋاڭ-ياساق تېخىمۇ ئېغىر ئىدى . شۇڭا ، بۇ يەردىمۇ كۈن ئۆتكۈزۈش تەس بولۇپ ، 1905-يىلى ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەن تۆمۈرنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ-دە ، ياز كۈنلىرى نەنمېن سىرتىدا كېسەك قۇيىدۇ ، قىش كۈنلىرى باداۋاندىكى كانلاردا ياللىنىپ كۆمۈر قازىدۇ . لېكىن ئۈرۈمچىدىمۇ جان بېقىش قىيىن بولۇپ ، ئاخىرى قۇمۇلغا قايتىپ بېرىپ ، قۇمۇل بازىرىغا ئورۇنلىشىدۇ ۋە تۆمۈرنى ياغاچچىلىققا شاگىرتلىققا بېرىدۇ . زېرەك ۋە ئەقىللىق تۆمۈر ئۇزاق ئۆتمەي ياغاچچىلىقنى ئوبدان ئۆگىنىۋالىدۇ . ئۇنىڭ دۇكىنى بازاردا بولغانلىقى ئۈچۈن ، ھۆكۈمەت ۋاڭ ئۈستىدىكى شىكايەتلەرنى كۆپ ئاڭلاپ ، ئېزىلگۈچى خەلقلەر بىلەن ئەزگۈچى سىنىپ ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسى زىددىيەتنى چۈشىنىۋلىدۇ .
    1907-يىلى قۇمۇل دېھقانلىرى رەجەپ ئاكا باشچىلىقىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن بولسىمۇ ، بىراق قۇمۇل ۋاڭ تەرىپىدىن پاجىئەلىك باستۇرىلىدۇ .بۇ ئىش تۆمۈرنى سەگەكلەشتۈرىدۇ . شۇڭا ،ئۇ ھەرقېتىم ۋاڭ ئوردىسىدىكىلەرنىڭ ئادەم ئۇرغان ۋە ئادەم ئۆلتۈرگەن زوراۋانلىقلىرىنى ئاڭلىغاندا قاتتىق غەزەپلىنىپ : «رەجەپ ئاكا ھايات بولغان بولسا ، دېھقانلار ئۈچۈن چوقۇم ئىنتىقام ئالغان بولاتتى » دەيدۇ .
    بىر كۈنى ، تۆمۈر خەلپە ۋاڭ ئوردىسىدىكىلەر تەرىپىدىن چوڭ دەرەخكە باغلاپ ئۇرۇپ ، چالا ئۆلۈك قىلىپ قويۇلغان بىر دېھقاننى ئۇستىسىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ داۋالاپ ساقايتىدۇ ، ئۇنىڭ بۇ ياخشى خىسلىتى پۈتۈن قۇمۇل يېزىلىرىغا تارقىلىدۇ . دېھقانلار «بۇ قالتىس باتۇر بالىكەن-ھە ، بۇ ۋاقىتقىچىمۇ ۋاڭ جازالىغان كىشىنى قۇمۇلدا ھېچ كىشى قۇتۇلدۇرالىغان ئەمەس... » دېيىشىپ ، تۆمۈر ھەققىدە تەرىپلەر قىلىشىدۇ .
    دېھقاننىڭ يارىلىرى ساقىيىپ ئائىلىسىگە قايتىش ۋاقتىدا ئۇنى ئۇزىتىپ ماڭغان تۆمۈر : «سىز ئوبدان ساقىيىڭ ، بىزمۇ رەجەپ ئاكىدەك ۋاڭ ئوردىسىنى تاقىۋىتىمىز ، خۇدا نۇسرەت ئاتا قىلسا ، ۋاڭنى قۇمۇلدىن قوغلىۋىتىمىز ... » دەيدۇ . تۆمۈرنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن دېھقانلار ۋە ئۇنىڭ ئۇستىسى ناھايىتى رازى بولىدۇ . تۆمۈرنىڭ قولىدىن ئىش كېلىدىغانلىقى (ۋەقە تېرىيدىغانلىقى) نى ئويلاپ ،شۇ كۈنىدىن باشلاپ ئۇنى ئاسرايدۇ . شۇنداقتىمۇ تۆمۈرنىڭ ھېلىقى دېھقاننى قۇتۇلدۇرغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ئوردىغا ئاڭلىنىدۇ ، ۋاڭ تۆمۈر خەلپىنى تۇتۇشقا بۇيرۇيدۇ .
    1910-يىلى ، تۆمۈر خەلپە ئىككىنچى قېتىم ئۆزى يالغۇز ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ ، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەنىدى . مۇشۇ مەزگىللەردە شىنجاڭنىڭ سەييارە سىلاۋچىسى ليەنكۈي ئورنىنى يۇەن داخۇاغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنىدى . يۇەن داخۇا شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ ئوت يالقۇنىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭغا تۇتىشىپ كېتىشنى توسۇش ئۈچۈن ، ئىچكىرىسىدىن ياڭزېنشىننى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇنىڭغا خۇيزۇلاردىن چېرىك تۇتۇپ بەش باتالىيون تەشكىللەشكە بۇيرۇيدۇ .
بۇ كۈنلەردە تۆمۈر خەلپە ۋەزىيەتكە ئىنتايىن دىققەت قىلىدۇ ، ئىچكىرىدىكى ئىنقىلاۋى پارتىيە ئەھۋالىنى ، جۇمھۇرىيەت ئورنىتىلىدىغانلىقىنى ئاڭلايدۇ . ئۇ ئېپى كەلسە ھەركەت قىلىش ئۈچۈن قۇمۇلغا قايتىدۇ .تۆمۈر خەلپە ئۈرۈمچىدە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنى ئۇستىسىغا بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بېرىدۇ ۋە ئاخىرقى ھېسابتا ئۆلۈپ كەتسىمۇ رەجەپ ئاكىسىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالماي قويمايدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم ئىچىدۇ . ئۇ شۇنىڭدىن باشلاپ ئىنقىلاپ يولىدا ئىزدىنىدۇ .
    تۆمۈر خەلپە ئىلىدىكى شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ غەلبە قىلىپ ئۈرۈمچىگە قاراپ يۈرۈش قىلغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق خەۋەر ئاڭلىغاندىن كېيىن ، قۇمۇل دېھقانلىرىغا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئىلى ئىنقىلاۋىنى تەشۋىق قىلىدۇ ۋە ئاشكارا ھالدا «قۇمۇل ۋاڭنىڭ كۈنى ئاز قالدى» دەيدۇ . تۆمۈر خەلپە قۇتقۇزۇپ قالغان ھېلىقى دېھقان ھەممىلا يەردا تۆمۈر خەلپىنى تەرىپلەپ تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ ، جۈملىدىن ئۇنىڭ خەلق ئىچىدىكى ئابرويى ئۆسىدۇ. قۇمۇل دېھقانلىرى زور ئۈمىد بىلەن ۋاڭنىڭ ئاغدۇرىلىشىنى كۈتمەكتە ئىدى .
1912-يىلى 1-ئايدا ، يۇەن داخۇا ئۆلكە مەركىزىگە قاراپ كېتىۋاتقان ئىلى خەلق قوشۇنىنى توسۇش مەخسىتىدە ، قۇمۇل ۋاڭىغا 500 ئەسكەر ئەۋەتىش توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىدۇ . قۇمۇل ۋاڭى خەلققە ئۆزىنى كۆرسىتىش مەخسىتىدە : « يۇەن داخۇا ماڭا ئىشىنىدۇ ، مىنىڭ ۋاڭلىقىم مەڭگۈ ساقلىنىدۇ ، كىمكى ۋاڭ ئاغدۇرىلىدۇ دەيدىكەن ، كاللىسى ئېلىنىدۇ ! » دەپ خەلققە تەھدىت سالىدۇ ھەمدە ئۆزى ئۈچۈن تەھدىت دەپ ھېسابلىغان ئادەملەرنى ئەسكەرلىككە ئالىدۇ ، تۆمۈر خەلپە ئۆزلىكىدىن ئەسكەر بولىدۇ .
    يېڭىدىن ئەسكەرلىككە ئېلىنغان 500 كىشى قۇمۇلدىن يولغا چىقىدۇ . تۆمۈر خەلپە يول بويى قوزغىلاڭ قىلىش توغرىسىدا تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ ۋە ئۆزلىرىنى ئېلىپ ماڭغان خەنزۇ باشلىقنى پالتا بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرىدۇ . 500 ئەسكەر تۆمۈر خەلپىنى قولدىن قولغا ئېلىپ كۆتۈرىدۇ ۋە ئۇنى سەردار قىلىپ بەلگىلەيدۇ . بۇ قوشۇن كەينىگە قايتىپ ، چاقماق تېزلىكىدە قۇمۇلغا باستۇرۇپ كىرىدۇ ، دېھقانلار ئۇلارغا كېلىپ قوشۇلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ، ئىنقىلاپ باشلىنىدۇ . شەھەرگە قامالغان شاھ مەھسۇت بىلەن شەھەر ئامبىلى بەي ۋېنچاۋ يۇەن داخۇادىن ياردەم سورايدۇ ...
    1912-يىلى 3-ئاينىڭ 11- كۈنى ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى خانى شۇەنتۇڭ ئۆزىنىڭ تەختتىن چۈشكەنلىكى توغرىسىدا پۈتۈن مەملىكەتكە جاكارلايدۇ . 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ، يۇەن داخۇامۇ شىنجاڭنىڭ سەييارە سىلاۋچىسىلىقىدىن ئىستېپا بىرىدۇ . ئۇچاغدا ھۆكۈمەت ياڭ زېنشىننى شىنجاڭغا تۇتۇق قىلىپ تەيىنلەيدۇ . تۆمۈر خەلپە باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار بۇ خەۋەردىن ھەقىقەتەن خۇشاللىنىدۇ ، جۈملىدىن « شاھ مەھسۇت ئوردىدىن چىقىپ كەتسۇن ! دېھقانلار ئۈستىدىكى ئالۋاڭ-ياساقلار بىكار قىلىنسۇن ! »دېگەن خىتابلار بىلەن شاھ مەھسۇتنى قىستايدۇ .
   ياڭ زېنشىن باركۆلدە تۇرۇشلۇق ھەربى قوشۇن باشلىقى يې شىڭفۇغا قۇمۇل قوزغىلاڭچىلىرىنى باستۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىدۇ .
تۆمۈر خەلپە بار كۆلدىكى ھەربى قوشۇننىڭ قۇمۇلغا يۈرۈش قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ ، دۈشمەنگە تاقابىل تۇرىدۇ . يې شىڭفۇ قوشۇننى باشلاپ نەنسەن ئېغىزىغا كەلگەندە ئوق تېگىپ ئۆلىدۇ ، قىسىملىرى تەسلىم بولىدۇ ، نۇرغۇن قورال غەنىمەت ئېلىنىدۇ ۋە قوزغىلاڭچىلار سانى 2000 دىن ئاشىدۇ .   
   1912-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ، يۈەن داخۇا ئىچكىرىگە قايتماقچى بولغىنىدا ، ياڭ زېڭشىن ئۇنىڭغا چيەن گۇاڭخۇەي بىلەن بىرلىشىپ قوزغىلاڭنى باستۇرۇش بۇيرۇقى بېرىدۇ .
   يۇەن داخۇا بىلەن چيەن گۇاڭخەي بىرلىشىپ قوزغىلاڭچىلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ . تۆمۈر خەلىپە بۇ ئۇرۇشتىمۇ كۆپلىگەن قورال غەنىمەت ئالىدۇ (يۇەن داخۇا ، چيەن گۇاڭخەيلەر 6-ئاينىڭ 15-كۈنى يېڭىلىپ ، ئىچكىرىگە كېتىدۇ ).
   جىددىي ئۇرۇش ھازىرلىقىدا تۇرغان ياڭ زېڭشىن بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ، پىلانىنى ئۆزگەرتىپ ھىيلە-مىكىر پىلانلايدۇ . ئۇ ئوردىدىكى ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىغان ھاكىمدىن تۆۋەنرەك ئەمەلدار جاڭ سەيتىڭنى تۆمۈر خەلپە بىلەن سۆھبەت قىلىشقا ئەۋەتىدۇ . ئون كۈن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت نەتىجىسىز بولۇپ ، جاڭ سەيتىڭ قايتىدۇ .
    ياڭ زېڭشىن كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق ، تۆمۈر خەلپىنىڭ ئەڭ يېقىنلىرىدىن بولغان مۇھەممەدجان ھاپىز دىگەن كىشىدىن تۆمۈر خەلپىگە خەت ئەۋەتىدۇ . بۇ خەتتە مۇنداق دېيىلگەنىدى : «مەن سىزنىڭ ئىسيان كۆتۈرىشىڭىزنىڭ قۇمۇل ۋاڭىغا قارشى تۇرۇش ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلاشماقچى ئەمەسلىكىڭىزنى ئوبدان چۈشىنىمەن ، سىلەرنىڭ ھەركىتىڭلارغا نىسبەتەن مېنىڭ باشتىن-ئاخىر زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىم يوق ...» دېيىلگەن .
    دەل شۇ كۈنى ياڭزېڭشىن قۇمۇل ئامبىلى بەي ۋېنچاۋغا يازغان بىر پارچە مەخپى خېتىدە : « تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، تۆمۈر قارا نىيەت ئادەم ئىكەن ، ئاسىيلىق قىلىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز شۇغۇللىنىۋاتىدۇ ... پېقىر تۇتۇق كەلگۈسىدىكى بالايى ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنى قەتئىي باستۇرۇش نىيىتىگە كەلدىم ...» (ياڭ زېڭشىن : «ئىستىغبار ھوجرىسىدا يېزىلغان خاتىرىلەر» 2-توپلام)
    تۆمۈر خەلپە مۇھەممەدجان ھاپىزدىن : «سىز ياڭ تۇتۇققا (قوماندان ياڭغا) ئىشىنەمسىز ؟ ياڭ تۇتۇقنىڭ ماڭا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتى بولمىسا ، نىمە ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئەسكەر ئەۋەتىپ بىزنى يوقىتىشقا ئۇرۇنىدۇ ؟ ياڭ تۇتۇق مىنگونىڭ تۇتۇقى تۇرۇپ ، نىمە ئۈچۈن چىڭ سۇلالىسى خانلىقى قۇمۇل ۋاڭىغا بەلگىلەپ بەرگەن ھاشار تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرمايدۇ ؟ قاتارلىق 10 نەچچە سۇئال قويىدۇ . مۇھەممەدجان ھاپىز جاۋاپ بېرەلمەي قايتىدۇ .
    بۇ ھىيلىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ياڭزېڭشىن خۇيزۇ باتالىيونىنىڭ كوماندىرى لى شۇفۇ ، ئىچكى ئىشلار كابېنتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جايى گەنسۇ -شىنجاڭ تەپتىش خادىمى يۇەن ساڭ قاتارلىقلارنى 1913-يىلى 3-ئايدا سۆھبەتكە ئەۋەتىدۇ .
    لى شۇفۇ پۇخراچە ياسانغان بولۇپ ، دىنىي بىلىمنى ئىشقا سېلىپ ، ئىسلام مۆتىۋەرلىرى قىياپىتىگە كىرىۋىلىپ ، تۆمۈر خەلپە تۇرغان ئۆيگە كىرىش بىلەن تەكبىر ئېيتىپ ، قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنىڭ مەنىسىنى يېشىپ ، نەقىل كەلتۈرۈپ سۆز باشلايدۇ ۋە ياڭزېڭشىن ئەۋەتكەن ئالاقىنى ئوقۇيدۇ . ياڭزېڭشىننىڭ خېتىدە مۇنداق دېيىلگەنىدى: « بىرىنچى ، قۇمۇل ۋاڭنىڭ دىھقانلارنىڭ ئۈستىگە قويغان ھەرئايدىكى يەتتە كۈنلۈك ھاشار تۈزۈمى .ئككى كۈنگە قىسقارتىلىدۇ . ئىككىنچى ،قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ھۆكۈمەتنىڭ ئاتلىق باتالىيونىغا ئۆزگەرتىلىپ ، تۆمۈر باتالىيون كوماندىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ ۋە ئۆلكە مەركىزىگە بېرىپ ئورۇنلىشىدۇ . ئۈچىنجى ، قوشۇندىن قايتىپ دېھقانچىلىق قىلىشنى خالايدىغان قوزغىلاڭچىلارنىڭ ھەممىسى ئەسلى يۇرتىغا بېرىپ ، دېھقانچىلىق قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ ...» لى شۇفۇ بۇ خەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن ، بىر ئايەت ئوقۇپ دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ يەنە تەكبىر باشلايدۇ . ئىسلام دىنىي قائىدىسى بويىچە تۆمۈر خەلپە تەكبىرگە قوشۇلۇش ۋە دۇئاغا قول كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ .   
بۇنىڭ بىلەن تۆمۈر خەلپە ياڭزېڭشىن قويغان يۇقىرىقى ئۈچ شەرتنى شەرتسىز قوبۇل قىلغان بولۇپ قالىدۇ .
بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان ياڭ زېڭشىن ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن قۇۋلۇق-شۇملۇق ئىشلىتىپ ، قۇمۇلدىكى ھەرقايسى تەبىقىدىكى زاتلار ۋە خەلقلەرنى ئارقا-ئارقىدىن تاغقا چىقىرىپ تۆمۈر خەلپىنى تەبرىكلەيدۇ ۋە قائىدە بويىچە ;خەلىپە دەپ ئاتايدۇ .
تۆمۈر خەلىپە قىسىمنى باشلاپ ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ، بۇ پاجىئەنىڭ باشلىنىشى ئىدى . ئۇ چاغدا ئۈرۈمچىنىڭ شەرقى كىچىك دەرۋازىسى سىرتىدا بىر-بىرىگە تۇتىشىپ تۇرىدىغان ئىگىز گازارما بار ئىدى . بىرى ، شەرقى گازارما بولۇپ ، شور بۇلاققا ،يەنە بىرى غەربە گازارما بولۇپ ، دۇڭمىنغا يېقىن ئىدى .
    تۆمۈر خەلىپە قىسىمىنى شەرقى گازارمىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ . غەربى گازارمىغا ياڭ زېڭشىن ئۆزىنىڭ سادىق ئادىمى بولغان ما فۇشىڭ (ماتىتەي) باتالىيونىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ .
    تۆمۈر خەلپە ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن ياڭ زېڭشىن ئەندىشە قىلىپ بىئارام بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۇنى ئۇجۇقتۇرۇش غەرىزىدە تۆمۈر خەلىپىنىڭ تۇڭچىسىنى سېتىۋىلىپ ، تۆمۈر خەلىپىنى نازارەت قىلسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ، مافۇشىڭغا ھۇشيار تۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق بىرىدۇ . مافۇشىڭ 1913-يىلى 9-ئاينىڭ6-كۈنى روزى ھېيتنى تەبرىكلەشكە تەييارلىق كۆرۈش باھانىسى بىلەن تۆمۈر خەلىپىنى غەربى گازارمىغا ئالداپ ئېلىپ كېلىدۇ ۋە قولغا ئالىدۇ . تۆمۈر خەلىپىنىڭ قوشۇنىنى ئۆز گازارمىسىدا قورالسىزلاندۇرىدۇ .، ئۇنى تۈرمىدە قىيىن-قىستاققا ئالىدۇ . خائىن ئىلگىرىكى سۆھبەتلىرىنى پاش قىلىدۇ ياڭ زېڭشىن قاقاقلاپ كۈلگىنىچە تۆمۈر خەلىپىگە : « گۇناھ مەندە ئەمەس ، مانا بۇ ئۆز ئادىمىڭىز ، مەن سىزنىڭ باتۇرلۇقىڭىز ۋە ئەقىل-پاراسىتىڭىزگە ئىشىنىمەن . سىزگە كەلگەن ئۆلۈمنى تەڭرى ئالدىدىمۇ مەندىن كۆرمىگەيسىز. ئۆلۈم ئالدىدا مەن سىزنىڭ قاتىلىڭىزنى ئۆلتۈرۈپ ، سىز ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىپ بېرىمەن» دەيدۇ-دە، خائىن تۇڭچىنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ .
خائىن نالە-پەريات قىلغاندا ، « ئۆز مىللىتىگە ۋاپا كەلمىگەن سەن ئىتتىن ماڭا ۋاپا كېلەتتىمۇ ؟...»دەيدۇ ياڭ زېڭشىن ئۇنىڭغا .
مافۇشىڭ تۆمۈر خەلىپىنى ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ . ئەتىسى ئوردىغا تەكلىپ قىلىنغان ئوردا ئەمەلدارلىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرىغا تۆمۈر خەلىپىگە ھەربى تۈزۈم بويىچە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ . پىشقەدەم يىڭجاڭ روزى ھاجى ياڭ زېڭشىنغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ . ياڭ زېڭشىن بۇ ئىشنى مافۇشىڭغا دۆڭگەپ قويىدۇ .
   خەلق ئاممىسى داغدۇغىلىق ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ ،تۆمۈر خەلىپىنىڭ جەسىتىنى خاڭچىڭدىكى قەبرىستانلىقنىڭ ھازىرقى خاڭچىڭ مەسچىتىدىن 50 قەدەملەر ئىچكىرىدىكى بىر جايغا دەپنە قىلىدۇ .
    تۆمۈر خەلىپە ۋاپاتىدىن كىيىن ، ئۇنىڭ قولىدىكى 300 نەپەر جەڭچىنى قورالسىزلاندۇرۇپ قۇمۇلغا ئاپىرىپ قويىمىز ، دېگەن باھانە بىلەن ئېلىپ مېڭىپ گۇچۇڭدىكى چۈەنزىگەي دېگەن يەردىن ئۆتكەندە ، ئالدىن تەييارلاپ قويغان قىسىملىرى ئارقىلىق قىرغىن قىلىپ تۈگىتىدۇ .
    تۆمۈر خەلىپە ئۆلتۈرۈلۈپ 18 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ، خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلايدۇ ، قوزغىلاڭ يالقۇنى تېزلا پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلايدۇ . (شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر)





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-28 08:29 PM  


مائارىپ ئېڭى يوق مىللەت نادان بولىدۇ،ئىقتىساد ئېڭى بولمىغان مىللەت نامرات بولىدۇ،سىياسى ئېڭى بولمىغان مىللەت قۇل بولىدۇ!

پۇزىتسىيە ھەممى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66074
يازما سانى: 337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5340
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 477 سائەت
تىزىم: 2011-11-20
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 03:03:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچى،تۆمۈر خەلپىنىڭ تۇۈۇلغان ۋاقتىدىكى 1891 - يىلى دىگەننى 1871 - يىلى دەپ ئۆزگەرتىپ قۇيۇڭ!

مائارىپ ئېڭى يوق مىللەت نادان بولىدۇ،ئىقتىساد ئېڭى بولمىغان مىللەت نامرات بولىدۇ،سىياسى ئېڭى بولمىغان مىللەت قۇل بولىدۇ!

پۇزىتسىيە ھەممى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66074
يازما سانى: 337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5340
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 477 سائەت
تىزىم: 2011-11-20
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 03:22:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۆمۈر خەلىپە ۋە ئۇنىڭ نەسەبلىرىنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتە قىلىشقا توغرا كەلسە، گەپنى قۇمۇلنىڭ ھازىرقى بوغاز يېزىسىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ يېزا قەدىمدە " تار بوغاز" دەپ ئاتالغانىكەن. بوغاز يېزىسىنىڭ يېرى قۇملۇق ۋە قىزىل تۇپراقلىق بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن تۆۋەن بولغاچقا، ھاۋاسى قۇرغاق ئىسسىق كېلىدۇ. تېرېقچىلىقىمۇ باشقا يېزىلارغا نىسبەتەن بالدۇر باشلىنىدۇ. بۇيېزا قۇمۇلنىڭ جەنۇبىغا 25 كىلو مېتىر كېلىدۇ.
     1870ـ  يىلى ياقۇپبەگ بەدۆلەت كورلىنى مەركەز قىلىپ تۇرپان، پىچانلارغا مالىمانچىلىق سالغاندا، كۆپلىگەن كىشىلەر پانالىق ئىزدىشىپ قۇمۇلغا كەلگەن بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ ئىچىدە سۇۋۇر دېگەن كىشى قورايغا، ئورۇق سۇۋۇر دېگەن كىشى يۇقۇرىن ئاقيەرگە، تالىپ، بۆكى يامان راشىدىن ھاجى ۋە بۆكى يامان قۇربان ھاجىلار بوغازغا ئورۇنلاشقان. يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن قورايدىكى سۈۋۈر يالغۇز ئوغلى يۈسۈپنى بوغازدىكى تالىپنىڭ چوڭ قىزى راھىلەگە ئۆيلىگەن. تالىپ 2- قىزى رابىخاننى يۇقۇرى ئاقيەردىكى ئورۇق سۇۋۇرگە ياتلىق قىلغان، ئۇلار بىر ئوغۇللۇق بولغان. ئۇنىڭ ئىسمى ئىبراھىم بولۇپ، ھازىر 80 ياشتىن ھالقىغان بولسىمۇ. يېنى ساغلام تۇرماقتا. تالىپ ئىشچان بولغانلىقى ئۈچۈن، بوغازنىڭ شىمالىي ئېتىكىدە بېنەم ئېچىپ كۆكەرتكەن. شۇ چاغلاردا ئۇنىڭ يالغۇز ئوغلى قازا قىلغان. شۇندىن كېيىن تالىپ قورۇ-جايلىرىنى قىزلىرىغا بۆلۈپ بېرىپ، يۇقۇرى ئاقيەرگە كۆچۈپ كەتكەن.
   سۈۋۈرنىڭ يالغۇز ئوغلى يۈسۈپنىڭ مىجەزىگە قاراپ كىشىلەر " يۈسۈپ تۇڭگان" دەپ لەقەم قويۇۋالغان. يۈسۈپ راھىلەدىن ئىككى ئوغۇللۇق بولغان. چوڭىنى تۆمۈر، كىچىكىنى شاكىر، دەپ ئاتىغان. ئۇلار 15- 16 ياشلارغا كىرگەندە يۈسۈپ ئەر-ئايال تەڭلا قازا قىلىدۇ. شۇ چاغلار دەل تورپاقلار قوزغىلىڭى دەۋرى بولۇپ، قۇمۇل ۋاڭى تۆمۈرنى چوڭ گۇنا ئۆتكۈزدى، دەپ بوغازغا پالايدۇ. تۆمۈر شۇندىن كېيىن بۇ يېزىدا ياغاچچىلىق ھۈنىرىنى ئۆگىنىپ، شۇنىڭ بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدۇ، ھەم دىنىي ئوقۇشىنىمۇ تاشلىمايدۇ. ئۇ كېيىنكى كۈنلەردە زىكرى-سۆھبەتچىلەرگە خەلىپە بولۇپ قالغان. ئۇ بوۋىسى تالىپتىن قالغان يەرگە بىر يۈرۈش سۇ تۈگمىنى ياساپ بوغازلىقلارنى ئۇن بىلەن تەمىنلىگەن.
    تۆمۈر ئۆيلىنىپ ئىككى قىز تاپقان، چوڭ قىزى نىيازخان 4 ياش، كىچىك قىزى رابىيە 2 ياشقا كىرگەندە ئايالى قازا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بوغازدىكى زېمىنىنىڭ بىر قىسمىنى بۆكى يامان راشىدىن ھاجى ۋە بۆكى يامان قۇربان ھاجىغا 30 قوشقارغا تېگىشىپ، كىچىك قىزى رابىيەنى چوڭگۇباتلىق سۇۋۇر قۇرمالغا بېرىپ، چوڭ قىزى نىيازخاننى ئېلىپ قورايغا كۆچۈپ كەتكەن.
  تۆمۈر قورايدا قايتا ئۆيلىنىپ، باسىىت ئىسىملىك بىر ئوغۇللۇق بولغان. باسىت 12 ياشقا كىرگەندە ئىلىدىكى مانجۇ ئەمەلدارلىرىنىڭ زۇلۇمىغا قارشى ياڭ زەيشۈي باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭ يۈز بېرىدۇ. ئۈرۈمچىدىكى باش مۇپەتتىش يۈەن داخۇا قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا كۆزى يەتمەي، شىنجاڭدىكى فېئودال ۋاڭلاردىن ھەربىي ياردەم سورايدۇ. بۇنىڭغا جاۋابەن قۇمۇل ۋاڭى شامەخسۇت قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىدىن 500 ئاتلىق قوشۇن تەييارلاپ ئالدى بىلەن 300 كىشىنى يولغا سالىدۇ. 1- تۈركۈمدىكى ئەسكەركلەر بەششار ۋە قۇمۇلدىن ئېلىنغان بولۇپ، 2- تۈركۈمى قۇمۇل 12 تاغدىن كەلتۈرۈلگەننىدى. بۇ ئەسكەرلەر تۆمۈر خەلىپە، ئامانقۇل، جامال ۋە سالمانلار باشچىلىقىدا تەشكىللىنىپ يولغا چىقىپ، لودۇڭغا يېقىنلاشقاندا كەينىگە قاراپ نەيزە ئۇرىدۇ. لودۇڭدىن يانغان بۇ ئوت كۆشۈتىگە يېتىپ كەلگۈچە چوڭ يالقۇنغا ئايلىنىدۇ.
  «تۇترۇقسىز ئوت بولماس، نۇقسانسىز يىگىت»  دېگەندەك، تۆمۈر خەلىپە تەقۋادار دىنىي زات بولغانلىقى ئۈچۈن لى شۇفۇ ئىسىملىك خۇيزۇ ھەربىنىڭ ھىيلە-نەيرەڭلىرىگە ئىشىنىپ ئالدىنىپ قېلىپ، سەۋەنلىكى ئۆز بېشىغا چىققان. جۈملىدىن شۇ چاغنىڭ ئۇيغۇر، تۇڭگان ئاخۇنلىرى بىلەن ھەسەن ھاجى قاتارلىق يۇرت كاتتىلىرىنىڭ ئارىغا كىرىشى بىلەن قوزغىلاڭ تىنچلاندۇرۇلغان ھەمدە تۆمۈر خەلىپە ئۈرۈمچى لومەنچىڭدىكى 3- ئاتلىق باتالىيونغا كوماندېر بولىدۇ. 1913- يىلى 9- ئاينىڭ 5- كۈنى قولغا ئېلىنىپ قەتلى قىلىنىدۇ، بېشى ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىي قوۋۇقى ( نەنمىن) غا ئېسىلىپ، سازايى قىلىنغاندىن كېيىن، قۇمۇلغا ئاپىرىپ، قۇمۇل كوناشەھەر دەرۋازىسىغىمۇ ئېسىپ قويۇلغان. تۆمۈرگە ئەگىشىپ چىققان بىر قىسىم كىشىلەرمۇ ئامان قالمىغان. ئۇلارنى يۇرتىغا قايتۇرىمىز دېگەن باھانىدا قورالسىزلاندۇرۇپ، گۇچۇڭ ناھىيىسىنىڭ چوڭ تاش دائىرىسىدىكى تاغ ئىچىگە يېتىپ كەلگەندە، ياڭ زېڭشىننىڭ پىستۇرمىسىغا چۈشۈپ قىرىپ تاشلانغان. تۆمۈر خەلىپە ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن، قۇمۇلدا قالغان بىر قىسىم كىشىلەر " قاراقچىلاردىن مۇداپىئەلىنىش" دېگەن باھانە بىلەن ئەنشىگە يۆتكەلگەن، ئۇلار شىڭشىڭشاغا يېتىپ كەلگەندە گەنسۇ چېرىكلىرى تەرىپىدىن تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن. شاكىر، ئىمىن، جامال، ئەمەت سېيىت، ئابدۇللا قاتارلىقلار تۇرپانغا ئېلىپ بېرىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
  شامەخسۇت ۋاڭ«تۆمۈرنىڭ جەمەتىدىن بىرنىمۇ قالدۇرماسلىق كېرەك» دەپ جار سالغان. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان راھەتباغ يېزا چاڭغۇ مەھەللىلىك ساقال ئەزىمەت دېگەن كىشى باشقىلارغا تۇيدۇرماستىن قورايغا چىقىپ، باسىتنى ئېلىپ كېتىپ 7 - 8 يىل تەربىيىلىگەن، بۇ ئىشنى ئىرغايتىلىق ئاۋۇت دورغا سېزىپ قېلىپ ئوردىغا مەلۈم قىلغان. بۇ خەۋەرنى ئالدىن بىلىۋالغان ئەزىمەت بوۋاي باسىتنى بىر ئات بىلەن ئۇنىڭغا يېتەرلىك پۇل ۋە ئوزۇق-يۈلۈك بېرىپ قاچۇرىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن باسىت جىمىسار ۋە گۇچۇڭلاردا پانالانغاچ دىنىي بىلىم ئالغان ۋە شامەىسۇت ۋاڭنىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قۇمۇلغا قايتىپ، پالۋانتۇر يېزا كونا ئائىلىلىكلەر مەھەللىسىدىكى مەسچىتكە ئىمام بولىدۇ. ئۇ 1980- يىلى ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئايۇپ، ئابلەت، ئىمىن قاتارلىق ئوغۇللىرى ۋە بىرنەچچە قىزلىرى بار.
  بوغاز يېزىسىنىڭ شىمالىدىكى قۇم داۋاندىن چۈشۈپ مەھەللىنىڭ جەنۇبىغا قاراپ كەتكەن يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى يەرلەر "ساي پارچا" دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇ يەردىكى تېرىلغۇ تەرلەر، ئۈجمە دەرىخى ۋە ۋەيران بولۇپ كەتكەن سۇ تۈگمىنىنى كىشىلەر ھازىرمۇ يەنىلا << تۆمۈر خەلىپە>> نامى بىلەن ئاتىشىپ كەلمەكتە.
  قۇمۇل خەلقى مەشرەپ، توي-تۆكۈن، نەغمە-ناۋالىرىدا تۆمۈر خەلىپە ھەققىدىكى بىر قىسىم قوشاقلارنى ھازىرمۇ تەكرارلاپ كەلمەكتە.
مەسىلەن:
                قوراي يولى ھەيۋەتلىك،                           جىڭتەي ئەسكىرى سەپتۇ،
                ئۇنىڭ ئىچى زەرەتلىك.                            ئاقچۇق يولىدا ئوقۇر،
                مۇرادىغا يەتمىگەن،                                 تۆمۈر خەلىپىنى ئۆلتۈرگەن،
                تۆمۈر خەلىپە رەھمەتلىك.                         چەندارىن دېگەن چوقۇر.  
            
     تۆمۈر خەلىپىنىڭ ئايۇپ، ئابلەت قاتارلىق ئەۋلادلىرى پالۋانتۇر يېزىسىدا ھازىرمۇ ھايات.

‹‹ شىنجاڭ تەزكىرىسى›› ژۇرنىلىنىڭ 1994- يىل 4- سانىدىن. ئاپتۇرى:ئوسمان تۆمۈر

مائارىپ ئېڭى يوق مىللەت نادان بولىدۇ،ئىقتىساد ئېڭى بولمىغان مىللەت نامرات بولىدۇ،سىياسى ئېڭى بولمىغان مىللەت قۇل بولىدۇ!

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1998
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18575
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7556 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 03:50:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى قەھرىماننىڭ ئىسمى خەلىق قەلبىدە مەڭگۈ ياد ئىتىلىدۇ ، يۈزمىڭ خائىن ، بىرەر توخۇ يۈرەك ئەرنىڭ نامى تىنى بىلەن بىللە كۆمۈلۈپ كىتىدۇ ...  دىيارىمىزنىڭ ئەزمەتلىرىدە بىز ....  ئىستانبۇلنى پەتىھ قىلغان تۈرۈكلەر بىزلەردىن ئەمەسمۇ !!

                                      ياۋا ئات ئەمەس ، چىچەن ئات

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62163
يازما سانى: 181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4103
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 752 سائەت
تىزىم: 2011-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 03:51:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بىر كىتاپتا تۇغۇلغان ۋاقتىنى 1891دەپ كۆرۈپ ئىشەنگۈم كەلمىگەن.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81460
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4053
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2012-6-12
ئاخىرقى: 2012-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 03:53:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۈشكۈل بۇغداي ئۇن تارتتۇق،
ھەممە خەلققە ئاش بولدى،
تۆمۈر خەلىپە دېگەن باتۇر،
ئون ئىككى تاغقا باش بولدى.

تۆمۈر خەلىپە كەتتىغۇ،
ئۈرۈمچىگە يەتتىغۇ.
دۈشمەنلەرگە ئالدىنىپ،
زەردى بىلەن كەتتىغۇ.

ئايرىلدۇق ئاداۋەتتە،
دەۋايىم قىيامەتتە.

مۇنبەردىكى شېئىر-قوشاققا ھەۋىسى بار قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق خەلق قان-يېشى بىلەن توقۇپ چىققان ‹مۇڭ› لىرىنى جىقراق تىڭشىشىنى، يۈرەكنى تۇتۇپ تۇرۇپ قەلەم تەۋرىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82788
يازما سانى: 740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6175
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 948 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 04:13:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۆمۇر خەلپە -يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىنىڭ قانلىق سەھىپىلىرىدىكى بىر قەھرىمان شەخىس. ئۇ،تارىخنىڭ كۆز يىشى .

خارلانماسلىقنىڭ يولى - خارلىماسلىق

دەقيانوس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4805
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 757 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 04:17:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
satuq يوللىغان ۋاقتى  2012-8-28 03:03 PM
ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچى،تۆمۈر خەلپىنىڭ تۇۈۇلغان ۋاقتىدى ...

تەلىپىڭىز بۇيىچە ئۆزگەرتىپ قوياي دىگەن ئىدىم ئەمما قارىسام ئۆزگەرتىپ قويغاندىن كىيىن ماقالىگە تەسىر يىتىدىكەن، 1891-يىلى بۇلۇشى ھەقىقەتەن تۇغرا بولمىغان بولسىمۇ، لىكىن سىز ئالغان مەنبەدە مۇشۇ يىلنامە ئىشلىتىلگەن، ئەگەر ئۆزگەرتىۋەتسىڭىز، مەنبەگە سادىق بولمىغان بۇپ قالغۇدەكسىز. شۇڭا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە بولمىغۇدەك. ئەڭ ياخشىسى تۇغرا ئېلىنغان مەنبە بولسا شۇنى ئىشلەتسەك بولغۇدەك.

سەن ۋەتەن، مىللەت دىسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسور، ئالىي نىشان ،كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل!

پۇزىتسىيە ھەممى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66074
يازما سانى: 337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5340
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 477 سائەت
تىزىم: 2011-11-20
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 04:19:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولدى،ئەزالار 1871 - يىلى دەپ تۈزۈتۈپ ئوقۇسىلا بولدى.

مائارىپ ئېڭى يوق مىللەت نادان بولىدۇ،ئىقتىساد ئېڭى بولمىغان مىللەت نامرات بولىدۇ،سىياسى ئېڭى بولمىغان مىللەت قۇل بولىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80496
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 606 سائەت
تىزىم: 2012-5-22
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 04:20:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۆمۈر خەلپە قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات.

غەزەبلىنىش دۆتلۈكتىن باشلىنىپ،پۇشايمان بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش