« يىراق يىزىغا مۇھەببەت» فىلىمى توغرىسىدا
(بۇ بەش قىسىملىق تىلۋىزىيە تىياتىرىنى 1980-يىللاردا تەڭرىتاغ كىنو ستودىيىسى ئىشلىگەن.) سىنارىست-جۇ گۇاڭخۇا،دىلدار، چىن شاۋيى قاتارلىقلار رىژىسۇر-چىن يىڭمىن.مەخمۇت ھامۇت ئاساسلىق روللاردا: جۇجەن شۇجى- چىن يىڭمىن. سادىق- قېيىم مەمەت. مامۇت ھارۋۇكەش-ئېلىجان زۇنۇن،غولام –مەخمۇت ھامۇت زورىخان ئانا-زۇنۇنقىز ھىلاخۇن.ئاسىمگۇل-مۇيەسسەر. جاڭ ياڭ-ۋېي جەنيۈن.ئەركىن –رەخمان قاتارلىقلار فىلىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى: جاڭ ياڭ، ئەركىن قاتارلىق تىلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرلىرى جۇشۇجىنىڭ نامىنى ئاڭلاپ، زەرەپشان دەرياسى بويىغا يېتىپ كېلىپ، زىيارىتىنى باشلايدۇ. مۇخبىرلار بۇ يىزىغا كەلگەندىن كىيىن كەڭ ئاممىدىن پىكىر ئېلىش ئارقىلىق تۆۋەندىكى ماتىريالغا ئىگە بولىدۇ. ئازاتلىقتىن بۇرۇن زەرەپشان دەرياسى بويىدا ياشاۋاتقان زورىخان ئانا ئاتا-ئانىسىدىن يىتىم قالغان جۇجەننى بېقىۋالىدۇ ۋە ئۇنى تەربىيلەپ خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسىنىڭ جەڭچىسى قىلىپ يېتىشتۈرىدۇ. ئازاتلىقتىن كىيىن جۇجەن كەسىپ ئالماشتۇرۇپ، ئۆزى چوڭ بولغان زەرەپشان دەرياسى تەۋەسىدە خىزمەت قىلىشنى ئىلتىماس قىلىپ، شورلۇق گوڭشىسىدا شۇجى بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭ ئات ھارۋۇسىنى ھەيدەيدىغان ھارۋۇكەش-مامۇتنىڭ تۇرمۇشىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ،ئۇنىڭغا ئاتىدارچىلىق قىلىپ، ئۇنى ئۆيلۈك-ئوچاقلىق قىلىپ قويىدۇ. ئۇ خىزمەتتە ناھايىتى ئەستايىدىل بولغاچقا كەڭ دىھقانلار ئاممىسىنىڭ ياخشى كۆرىشىگە مۇيەسسەر بولىدۇ. 1966-يىلى مەدىنىيەت زور ئىنقىلاۋىي ئېلىپ بېرىلغاندا جۇجەن، سادىق قاتارلىق ياخشى رەھبەرلەر ناھەق ھالدا ئىسيانچىلار تەرىپىدىن:«كاپىتالىزىم يولىغا ماڭغان ھوقۇقدار» دەپ قارىلىنىپ، كۆرەشكە تارتىلىدۇ. غولام قاتارلىق كىشىلەر ئىسيانكار بولىۋىلىپ، كىشىلەرنى ئالداپ جۇجەننى كۆرەش، پىپەن قىلىشقا كۇشكۇرتىدۇ. مامۇتنى مەجبۇرى ھالدا كۆرەش قىلىشقا قاتناشتۇرىدۇ. مامۇت كۆرەش يىغىنىدا تاشقى جەھەتتە جۇشۇجىنى يالغاندىن كۆرەش قىلىپ، ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ. جۇشۇجى ئۇيغۇر ئانىسى-زورىخاننى ئىزچىل كۈتۈپ، ئۆزىنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئەجرىگە ياخشى جاۋاپ قايتۇرىدۇ. ئىسلاھات ئېچىۋىتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كىيىن جۇشۇجى ناھيىلىك پارتىكومغا شۇجى قىلىپ ئۆستۈرىلىدۇ. ئۇ ناھيىنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كىچە-كۈندۈز جاپالىق خىزمەت قىلىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ كەڭ دىھقانلار ئاممىسىنىڭ ياخشى رەھبىرىگە ئايلىنىدۇ. ئۇ زورىخان ئانىنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن ئۆز يۇرتىغا كەتمەكچى بولغاندا ھەر ساھيەدىكى كىشىلەر ئۇنىڭغا قىيمىغان ھالدا سوۋغا-سالاملارنى ئېلىپ كىلىپ، ئۇنى مەڭگۈ ياد ئېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىشىدۇ. بۇ فىلىم جۇشۇجى بىلەن زورىخان ئانىنىڭ ئانا-بالىلىق يېقىن مۇناسىۋىتىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ زەپەر كۈيىنى ياڭرىتىدۇ. بۇ فىلىم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۇچايتىشتا موھىم دەرسلىك قىلىشقا ئەرزىيدىغان نادىر تىلۋىزىيە فىلىمىدىن ئىبارەت. يازغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى 2012-يىلى 28-ئاۋغۇست يېزىلدى. قەشقەر بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-28 03:47 PM
|