ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىرىدىكى قېرىنداشلىرىم سىلەر بىلەن بۇ مۇنبەردە دىدارلاشقانغا كۇپ خۇرسەنمەن.
مۇنبەردە ياپۇنىيە كارتۇن فىلىملىرىنى ياقتۇرمايدىغان تورداشلار ئازغۇ دەيمەن.بەزى تورداشلارنىڭ ياپۇنىيە كارتۇن فىلىملىرى دىسە بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا كۇرگەن <<ئەقىللىق يىشۇ>> <<مىم>> <<ۋاسكىتبول ماھىرلىرى>> دىگەندەك كارتۇن فىلىملەر كۆز ئالدىڭىزغا كىلدۇ.بەزى كارتۇن فىلىملەر بىزگە تۇرمۇشتىكى ئىلىم تۇغرىسىدىكى بىلىملەرنى ئۆگەتسە بەزى كارتۇن فىلىملەر ئەدەپ ئەخلاق پەزىلەت تۇغرىسىدا بىزگە تەلىم بىرىدۇ.
يۇقىرىدىكى كارتۇن فىلىملەرنى بۇرۇن ئىلىمىزنىڭ كارتۇن سەۋىيىسى ئاجىز ۋاقىتلاردا ئىچكىردىكى ۋە رايۇنىمىزدىكى كىچىك دوسلارنىڭ ئېھتىياجىياغا قاراپ تەرجىمە قىلىنغان.بۇگۇنكى كۇنگە كەلگەندە ئىلىمىز كارتۇنلىرى تەرەققىي قىلىپ خېلى كارتۇن فىلىىملەرنى ئىشلىگەن بولسىمۇ ،بىزنى بۇرۇن كۆرگەن ئاشۇ كارتۇن فىلىملەردەك قىزىقتۇرلمىدى.
ھازىر ياپۇنىيەدە ئىشلەنگەن كارتۇن فىلىملەر گەرچە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمى قىلىنمىغان بىزگە كەڭ ئوموملاشمىغان بولسىمۇ يەنە قىزىقىدىغانلار تورلاردىن كۇرۇپ كىلىۋاتىدۇ.ياپۇنىيە كارتۇنچىلىقى 2 د ئۆلچەملىك ئۇسلۇبىنى ساقىلىغان ھالدا تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ.
بەلكىم دوسلىرىمىز 3 د كارتۇنلارنى جىق كۇرۇپ كىتىپ ،2 د نىڭ تايىنى قالمىدى دەپ ئويلىشىمۇ مومكىن ،لىكىن ياپۇنىيەنىڭ 2د كارتۇنلىرىنىڭ دۇنياغا داڭقى بار .كارتۇن ئىشلەش ئۇسلۇبى جەھەتتە دۇنيا كارتۇنچىلىق ساھاسىگە ئۇل سالدى دىسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ.3 د نى كومپىيۇتىردا ئىشلەيدۇ .ئەمما ياپۇنىيەنىڭ كارتۇن فىلىملىرى پۇتۇنلەي قولدا سىزىلىپ ئاندىن كومپىيۇتىردا تەھرىرلىنىپ موكەممەل كارتۇن قىلىنىپ چىقىدۇ.
نۇرغۇن رەسسام ۋە ئەمگەك كۇچى كىتىدۇ.
ئەمدى سىز بۇنداق بولسا نىمە بوپتۇ بەرىبىر كارتۇن فىلىمكەنغۇ دەپ ئويلىماڭ.ئۇلارنىڭ كارتۇن فىلىم بولماستىن بەلكى ئەدەپ ئەخلاق ،تىز پۇكمەس روھ، قەتېي ئىرادە،ۋاپادارلىق،ئىلىم-پەن دىگەندەك ناھايىتى جىق تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ.شۇ كارتۇن فىلىىملەرنىڭمۇ ياپۇنىيىنىڭ كىچىك مايسىلىرىنى تەربىيلەشتە ناھايىتى چوڭ تەربىيىۋى ئەھمىتى بار.ئەقىللىق يىشىۇنى كۆرگەن بالىلار بۇ كارتۇندىكى خىلى جىق بىلىملەرنى ئۆزىگە ئاسانلا قۇبۇل قىلالايدۇ.
ئىلىمىز كارتۇن فىلىملىرى تۇغرىسىدا جىق گەپ قىلغۇم يوق.بىر جۇملە گەپ----ياسالمىلىق دۇرامچىلىق تاينى يوق ئاقماس كارتۇنلار.
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك مەن سىلەرگە ياپۇنىيەدە ۋە دۇنيادا تەسىرى بار ئىككى كارتۇن فىلىمنى تەۋسىيە قىلماقچى.بەلكىم سىلەر ياقتۇرۇپ قالاسىلەر:
1. نارۇتو
ئۇيغۇرچە نامى :نارۇتو
خەنزۇچە:火影忍者
قىسقىچە مەزمۇنى:
بۇ كارتون فىلىمدا، تېنىگە توققۇز قۇيرۇقىلىق ئالۋاستى تۈلكە بەنىت قىلىنغان كونىنخامۇرۇ كەنىتىدىكى كىچىك نىنجا نارۇتونىڭ كەچمىشلىرى بايان قىلىنغان. ئۇنىڭ تېنىدە ئالۋاستى تۈلكە بولغانلىقى ئۈچۈن، كەنىتتىكىلەر ئۇنى يەكلىگەن، چەتكە قاققان،مەسخىرە قىلغان، ھىچكىم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆتۈشنى،ئۇنىڭغا يىقىنلىشىشنى خالىمىغان. ئەمما، نارۇتونىڭ قەيسەر، تىز پۈكمەس ئىرادىسى، بىر ئىشقا ئېرەن قىلىپ كەتمەيدىغان خۇي پەيلى ئۇنىڭ مەسخىرىلەرگە كۈلۈپ قارالىشىنىڭ ئاساسىي بولغان، ھەمدە ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى، دوستلىرىنىڭ ياردىمى، مۇئەللىمنىڭ يىتەكچىلىكى بىلەن مۇنەۋۋەر نىنجا بولۇش ئىش-ئىزلىرى مۇشۇ كارتون فىلىمدە ئەكىس ئەتكەن.
ئۇنىڭ نېنجا بۇلۇشتىكى قەيسەر ئىرادىسى بىزلەرنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.
بۇ كارتۇن فىلىمنى قۇتيار ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمى گۇرۇپپىسى 31 قىسىم تەرجىمى قىلىپ ئۇيغۇرچە خەتلىك كارتۇن اىلىم قىلىپ ئىشلەپ چىققان.قالىغىنى داۋاملىق ئىشلەۋاتىدۇ. ئەگەر دوسلار كۇرۇشنى ئارزۇ قىلساڭلار قۇتيار تور بىكىتىگە كىرىپ كۇرسەڭلار بولدۇ.
فىلىم كۇرۇش ئادرىسى:
http://www.terjimefilim.com/uygh ... 2011-06-05/167.html
ئەسكەرتىش : قۇتياردىكى فىلىملەرنى كۇرۇش ئۈچۈن WebPlayer9نى چۇشۇرۇپ كۇرۇڭ .بولمىسا ھەرگىز كۇرەلمەيسىز.قۇتيار تورى ئۇيغۇچە خەتلىك فىلىم تورى بۇلۇپ ، يۇقىرى ئېنىقلىتىكى سۇزۇك كىنىولارنىڭ ھەممىسى قۇيتار تورىدا
http://www.qutyar.net/
2.دېىڭز قاراقچى شاھى
خەنزۇچە:海贼王
بۇ كارتۇن فىلىمنى ئاق بۇركۇت ئۇيغۇرچە تەرجىمى خەتلىك فىلىم گۇرۇپپىسى تەرجىمى قىلغان .دوسلارنىڭ كۇرۇپ بېقىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
فىلىم كۇرۇش ئادرىسى :
http://www.akburkut.com/eza/forum.php?mod=viewthread&tid=3113
ئاق بۇركۇت توى ئادىرىسى:
http://www.akburkut.com/
ئاق بۇركۇت تورىدىكى فىلىملەرنى كۇرۇش ئۈچۈن 快播قۇيغۇچىنى چۇشۇرۇپ كۇرمىسىڭىز كۇرەلمەيسىز.
چۇقۇم 快播 قۇيغۇچى بۇلۇشى كېرەك.سىز 快播دا ئاق بۇركۇتتىكى ھەرقانداق فىلىملەرنى كۆرسىڭىز كومپىيۇتىرىڭىزغا چۇشۇرۋالالايسىز.
قۇتيار تەرجىمى گۇرۇپپىسى بىلەن ئاق بۇركۇت تەرجىمى گۇرۇپىىسى شىنجاڭدىكى نۇپۇزلۇق ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمى گۇرۇپپىسى بۇلۇپ ،كەڭ كىنو ھەۋاسكارلىرىنىڭ ئارزۇسى بىلەن قۇرۇلغان.ھەم نۇرغۇن كىنو ھەۋەسكارلىىرنىڭ ياخشى كۇرىدىغان تور دۇنياسى.يۇقىرى ئىنىقلىتىكى تەرجىمى فىلىملەر سىزنىڭ سۇزۇك فىلىملەرنى كۇرۇشتىكى ئېھتىياجىڭىزنى قامدىيالايدۇ.
بۇ ئىككى تەرجىمى گۇرۇپپىسىدىكى بارلىق تور باشقۇرغۇچىلار ۋە تورداشلارغا خىزمەتچىلەرگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.سىلەرنىڭ ئەجرىڭلار يەردە قالمايدۇ.چۇقۇم كۈنلەرنىڭ بىرىدە 56 يۇكو دىگەندەك تور بىكەتتىن قېلىشمىغىدەك تور بىكەت بۇلۇپ يىتىشىپ چىقىدۇ.داۋاملىق يېىڭى تەرجىمى فىلىملەرنى تەرجىمە قىلىشىڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۆمىت قىلىمەن.
ئاخىرىدا مۇنبەردىكى دوسلارنىڭ بۇ كارتۇن فىلىملەرنى كۇرۇپ بېقىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
ئەمدى مۇشۇ كارتۇن فىلىملەرنىڭ قانداق پۇتۇپ چىىقىدىغانلىقىنى كۇرۇپ باقايلى.
ئاۋال تونيا (东央) كارتون ستودىيىسىدە تىزىس تۈزۈش، دېكراتسىيە لاھىيىلەش، ھەرىكەت لاھىيىلەش، كىرىشتۈرۈش دېگەندەك مەن چۈشەنگەن، چۈشەنمىگەن خىزمەتلەر ئىشلىنىدىكەن. بىر قىسىم كارتون فىلىمنى ئىشلەپ پۈتتۈرۈش ئۈچۈن يەتتە سەككىز ئادەم تەخمىنەن ئەللىك كۈن سەرپ قىلىدىكەن، جەمئى سەكسەندىن ئارتۇق ئادەم بولۇپ ئون ئادەم بىر گۇرۇپا بولۇپ خىزمەت قىلىدىكەن، ئۈچ مىڭدىن تۆت مىڭگىچە قول سىزما رەسىم ئىشلىتىلىدىكەن. قولدا سىزىلغان رەسىملەر بىر-بىرلەپ سكاننېرلانغاندىن كېيىن كومپىوتېردا رەڭ بېرىلىپ ھەرىكەت كىرىشتۈرۈلىدىكەن. تەخمىنەن ئۈچيۈز پارچە دېكراتسىيە رەسىمى سىزىلىپ ئاخىرىدا دېكراتسىيە بىلەن كارتون بىرىكتۈرۈلىدىكەن.
كارتون ئىشلىنىپ بولغاندىن كېيىن TAVAC دەيدىغان ئۈنگە ئېلىش مەركىزىدە ئاۋاز بېرىلىدىكەن... «دېڭىز قاراقچى شاھى» غا ئاجرىتىلغان ئاۋاز ئېلىش ئۆيىگە تۆت دانە ھاۋا تازىلىغۇچ قويۇپ قويۇپتۇ، كىچىككىنە ئۆيدە ئوننەچچە ئادەم تۆت سائەت ئىشلىگەندىن كېيىن بىر قىسىم كارتون فىلىمگە ئاۋاز بېرىپ بولىدىكەن... ئۇنىڭدىن كېيىنكى تەقلىدى ئاۋاز، مۇزىكا دېگەندەكلىرىگە يەنە قانچىلىك ۋاقىت، ئادەم كېتىدۇ ئۇنى بىلمەيلا قويايلى بولدى.
دۇسلارنىڭ ياقتۇرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-28 02:20 PM