مېدىيە پادىشاھلىقى
مېدىيە پادىشاھلىقى(يەنە مەدەي پادىشاھلىقىمۇ دېيىلىدۇ) قەدىمقى پېرسىيە رايونىنى مەركەز قىلغان پادىشاھلىق بولۇپ زېمىنى ئەڭ چوڭايغان چاغدا غەربتە كىچىك ئاسىيادىكى كاپپادوكىيەدىن باشلىنىپ شەرقتە ئاراخوسىيەنىڭ غەربىگىچە بولغان زېمىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.مېدىلەر ھىندى-ياۋروپا تىل سىستېمىسىغا تەۋە بولۇپ بىرىنجى تۈركۈم ئىران ئېگىزلىكى رايونىدا ئولتۇراقلاشقان مىللەت.ئاسسۇرىيە ئېمپىرىيەسى ئىلگىرى ئىران ئېگىزلىكىگە تاجاۋۇز قىلىپ بوسۇندۇرماقچى بولغان،بىراق ئاسسۇرلارنىڭ تاجاۋۇزى مېدىلەرنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنىڭ بىرلىككە كېلىشى تېزلەتكەن،شۇندق قىلىپ مېدىيە پادىشاھلىقى ھاسىل بولغان.
ھېرودوت تېكىستىلىرىدىكى خاتىرلەرگە ئاساسلانغاندا مېدىيە پادىشاھلىقنىڭ قۇرغۇچىسى دىياكو( Diyako ) ئاقكۆڭۈل،ساداقەتمەن بولۇپ دائىم خەلقنىڭ ماجرالىرىنى ھەل قىلىپ بەرگەچكە تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 700-يىلدا خەلق تەرىپىدىن پادىشاھلققا سايلانغان ھەم ئەكباتان شەھىرىنى بىنا قىلغان.ئەمما بۇ خاتىرلەر بىلەن ئاسسۇرلارنىڭ بەزى ئەسەرلىرىدىكى مەزمۇنلارغا ماس كەلمەيدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن مۇئەررىخلەر فراۋارتىش(Fravartish،دىياكونىڭ ئوغلى)نى مېدىيە پادىشاھلىقىنىڭ ھەقىقى قۇرغۇچىىسى دەپ قارايدۇ.
فراۋارتىش مېدىلەرگە رەھبەرلىك قىلىپ پارس قەبىلىلىرىنى مەغلۇب قىلغان بىراق ئېيتىلىشچە ئۇ ئاسسۇرىيەگە بولغان بىر قېتىملىق جەڭدە ئۆلگەن.بۇ بىر مەزگىل ۋاقىتتا ساكلار(Scythians) كاۋكاز تاغلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ مېدىيەگە كىرگەن ھەم مېدىيە پادىشاھلىقىغا بىر مەزگىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان.ئۇندىن كېيىن فراۋارتىشنىڭ ئوغلى كياكسار(Cyaxares)مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 625-يىلدا مېدىيەنىڭ پادىشاھى بولغان.ئۇ مېدىيە قوشۇنىنى تەشكىللەپ ئۇلارنى نەيزىچى لەشكەر،ئوقياچى لەشكەر ۋە ئاتلىق لەشكەرلەرگە بۆلگەن ھەم ئەكباتان شەھىرىنى ئاستانە قىلغان.كياكسار قوشۇنىنى باشلاپ ئاسسۇرىيەنىڭ ئاراپقا شەھىرى(Arrapkha،ھازىرقى كىركۇك شەھىرى) گە تېگىش قىلغان،ئىككىنچى يىلى يەنە نىنېۋىيەنى قورشاۋغا ئالغان،ئاخىردا ئۇنى ئىشغال قىلغان.ئۇ چاغدا،كىياكسارنىڭ نەۋرە قىزى بىلەن يېڭى بابىلوننىڭ پادىشاھى نېبۇكادنەزەر(Nebuchadnezzar II)بىلەن توي قىلىپ ئىككى دۆلەت رەسمى بىرلەشكەن. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 612-يىلى كىياكسار يېڭى بابىلون پادىشاھلىقى بىلەن بىرلىشىپ نىنېۋىيەگە يەنە ھۇجۇم قىلغان ھەم ئاۋغۇستتا ئۇنى ئىشغال قىلغان.مىلادىيە دىن بۇرۇنقى 609-يىلى مېدىيە پادىشاھلىقى بىر مەھەل گۈللەنگەن ئاسسۇرىيەنى يۇتىۋالغان ھەم مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 600-يىلىدا ئومۇمى نوپۇسى 3مىليون 100مىڭغا يەتكەن.شۇندىن كېيىن كىياكسار غەربكە توختىماستىن يۈرۈش قىلىپ ئۇرارتۇ پادىشاھلىقىنى يۇتىۋالغان ھەم كىچىك ئاسىيادىكى لىدىيە بىلەن توقۇنۇشقان.مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 582-يىلى قۇياش تۇتۇلۇش سەۋەبىدىن ئىككى دۆلەت ئۇرۇشماي دوستانە دۆلەتلەردىن بولۇشقان. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 585-يىلى مېدىيەنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھى ئاستياگ(Astiages) تەختكە ۋارسلىق قىلغان.ئۇ قىزىنى ئەينى ۋاقىتتا مېدىيەگە قاراشلىق پارس قەبىلىلىرىنىڭ ئاتامانى ئەھمەنىلەر(Achaemenid) جەمەتىدىكى كامبىس Iگە ياتلىق قىلغان،كېيىن ئۇلاردىن شاھزادە كىرۇش (Cyrus)تۇغۇلغان. ئۇ چاغدا مېدىيە پادىشاھلىقىدا بەش مىليون 200مىڭ نوپۇس بولغان.مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 550-يىلى كىرۇش مېدىيەگە قارشى توپىلاڭ كۆتۈرگەن،ئاخىردا ئاستياگنى مەغلۇب قىلغان.شۇنداق قىلىپ ئەھمەنىلەر سۇلالىسى قۇرۇلۇپ مېدىيە پادىشاھلقى ئاخىرلاشقان.
مېدىيە پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھلىرى:
1.دىياكو(Deioces).مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 728-يىلدىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 675-يىلغىچە. 2.فراۋارتىش(Phraortes).مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 675-يىلدىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 653-يىلغىچە. 3.مادىي(Madius).مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 653-يىلدىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 625-يىلغىچە.(ساكلار مەزگىلى) 4.كياكسار(Cyaxares).مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 625-يىلدىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 585-يىلغىچە. 5.ئاستياگ(Astyages).مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 585-يىلدىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 550-يىلغىچە.
مەنبە:ۋىكىپىدىيە تەرجىمىدە:بىلگە بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-28 01:56 PM
|