مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 230|ئىنكاس: 5

كۆڭۈل ئىزھارى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69814
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3544
تۆھپە نۇمۇرى: 139
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2011-12-12
ئاخىرقى: 2012-8-28
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شېئىرلار



كۆڭۈل ئىزھارى

ئىزھار قىلدىم ساڭا كۆڭلۈمنى ،
يۇلتۇز چىقىپ ئاي تولغان ئاخشام ،
ئاڭلاندىمۇ قۇلاق تۈۋىڭدە ،
ساڭا ئاتاپ ئوقۇغان ناخشام .

نىمە ئۈچۈن بەرمەيسەن جاۋاپ ،
مەندىن باشقا يارىڭ بارمىدى ؟
يارى بارغا كۆيۈپ قالدىممۇ ،
ماڭا جاھان شۇنچە تارمىدى ؟

قۇلاق سىلىپ ئاڭلىغىن نىگار ،
ساڭا ئاتاپ ئىيتقان ناخشامنى .
پاڭ سۆيگۈمنى چۈشەنسەڭ ئەگەر ،
ئۇنۇتمايسەن مۇشۇ ئاخشامنى .


ئېزىلگەن يۈرەك


چىن قەلبىمدىن سۆيگەنتىم سىنى ،
لېكىن ئەپسۇس بىلمىدىڭ بۇنى .
شۇنچە قىلسام پەرۋا قىلمىدىڭ ،
كۆڭلۈڭ يوقكەن ھېس قىلدىم شۇنى .

مەن ئالدىڭدا قالدىم خارلىنىپ ،
پاڭ سۆيگۈڭگە شۇنچە زارلىنىپ .
نىگار سەندىن كۈتمەيمەن جاۋاب ،
قالدى يۈرەك ئەمدى يارلىنىپ .

ئەمدى ساڭا قىلمايمەن ھەۋەس ،
يوشۇرۇن سۆيگۈ ئىكەن بىر قەپەس .
ئىشىك ئېچىپ چىقاي تالارغا ،
ساپ ھاۋادىن ئالاي بىر نەپەس .






قالدى

ئىزھار قىلغىن پاك سۆيگۈڭنى دەپ ،
شەيتان ماڭا ۋەسۋەسە سالدى .
ئاشىق كۆڭلۈم ئەيلىدىم بايان .
يۈرەك تىز- تىز سوقۇشتا قالدى

يايرىم سىنى سۆيىمەن دىدىم ،
كۆڭلۈم جاۋاپ كۈتۈشتە قالدى .
شېرىن-شېرىن خىيالدا كۈنۈم،
ۋەسلىڭ ئىزدەپ ئۆتۈشتە قالدى .

شۇنچە كۈتسەم جاۋاب بولمىغاچ ،
پاك سۆيگۈمنى جۇد بوران ئالدى .
مۇھەببەتنىڭ ئەجەل شەيتىنى ،
يۈرەكىمگە بىر خەنجەر سالدى .

سۆيگۈ دىگەن ئەنە شۇنداقكەن ،
چىن كۆڭۈللەربىر چەتتە قالدى .
پاڭ سۆيگۈگە تەلبۇنگەن يۈرەك،
ئازاپ بىلەن ھەسرەتتە تالدى .



مەنبە؛ قەلىمىم .




سەممىي ئەسكەرتىش ؛ تېمىنى مەندىن بېسوراق باشقا مۇنبەرگە يوللىماڭ ..






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   danixman1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-28 12:36 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74852
يازما سانى: 794
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4941
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2012-2-5
ئاخىرقى: 2012-8-31
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭا ناخشا بەكرەك يارىدا  ،  شېئىر مۇ باك ياخشى چىقىپتۇ، رەخمەت  ياخشى تېمىللىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.

ئەگەر بېشىڭغادەرىت كەلسە،ئىھ تەڭرىم مىنىڭ دەردىم بار دىمەستىن،  ھەي دەرىت مىنىڭ تەڭرىم بار دە.

ھايات سۆيگۈدىن باشلانغۇسى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17844
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6326
تۆھپە نۇمۇرى: 427
توردا: 338 سائەت
تىزىم: 2010-11-17
ئاخىرقى: 2012-8-31
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭا ناخشا بەكرەك يارىدا  ،  شېئىر مۇ باك ياخشى چىقىپتۇ،

مۇھەببەت بىرخىل تاتلىق ھەسەلدۇر!

بالىلار كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى !

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3713
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 688 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2012-8-28
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناخشا تىكىست قىلغۇدەك ياخشى يىزىپسىز.
تېخىمۇ تىرىشىڭ دانىشمەن، سىزگە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن !

ئېرىشىشنىڭ ئۆزى بىر بەخت ، ئايرىلىش ئازاپ .......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83324
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3121
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2012-8-31
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ناخشىنى غۇلجا ناھىيەسىدىكى يېڭى ياش ناخشىچى دىلمۇرات ئابدۇسەلىم ئېيتقانغۇ دەيمەن.
شېئىردىكى كەيپىياتىڭىزنى ناخشا بەكرەك ئىپادىلىۋېتىپتۇ، ھىچكىم ئارماندا قالمىسا ياخشىتى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   poyuz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-29 07:20 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83340
يازما سانى: 309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3705
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2012-8-2
ئاخىرقى: 2012-9-1
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مۇھابەت لىرىكىلىرى بىلەن شىېر بەكلا ماسلىشىپتۇ  . شىېر كىشەە بەكلا شىرىن تۇيغۇ ئاتا قىلغۇدەك ھارماڭ.

ئادىل ئابابەكرى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش