|
|
|
|
دوستۇم تېخىمۇ ئىرادىلىك بولۇڭ مەن يېقىندا مەلۇم بىر دوسلار ئولتۇرىشىدا«ئىرادە،مۇۋاپپىقىيەت»ھەققىدە بولۇنغان تالاش-تارتىشلاردىن مۇنداق بىر قىسىم سۆزلەرنى ئاڭلاپ بۇ ھەقتە قىسقىچە ئويلىنىپ قالدىم.«ھەممىمىز ئىرادە ھەققىدە سۆز قىلىمىز،ئىرادىنى كىم يىتىلدۈرىدۇ؟سىز ئىرادە دېگەننى نىمە دەپ چۈشىنىسىز؟مەن .ىرادىلىك بولدۇم دەپ ئۇنى بىر يەردىن سېتىۋالغۇلقمۇ؟سىزنىڭچە بۈگۈندە ياشاۋاتقان كىشىلەر ئارىسىدا ئىرادە دېگەندىن قىلچە ئەسەر يوقمۇ؟سىز ئىرادىلىك ئىكەنسىز ئۇنداقتا ئازراق ئارىيەت بىرىپ تۇرامسىز يە؟...»دوسلار ئارىسىدا بولۇپ ئۆتكەن يۇقۇرقى تېمىلار گەرچە ئۇلار چاخچاققا ئارىلاشتۇرۇپ جاۋاپسىز قالدۈرۈپ ئۆتكەن بولسىمۇ بۇگۈنكى دەۋىردە ياشاۋاتقان ھەربىر ئەقىل ئىگىسى،ھەر بىر ياش ئويلىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر ئىدى.-ئىرادە دېگەن زادى نېمە؟مەنمۇ راستىنى ئېيىتقاندا بۇ ئۇقۇمغا ئېنىق بىر نىمە دەپ بېرەلمەيتىمم.كۆپ ماتىريال كۆرۈش ئارقىلىق شېكىسپىرنىڭ مۇنداق تەبىر بەرگەنلىگىنى ئاقتۇرۇپ تاپتىم.«بىزنىڭ بەدىنىمىز خۈددى باغچىغا ئوخشايدۇ،بىزنىڭ ئىرادىمىز بولسا شۈ باغچىنىڭ باغۋىنى ھىساپلىنىدۇ.بىز شۈ باغچىغا مەيلى ئابدىمىلىك،لەيلىگۇل ياكى خاسىڭ ۋە ياكى چۆل گۈلى ئۆستۇرەيلى،مەيلى ئۇنىڭدا بىرلا خىلدىكى ئۆسۇملۇكلەرنى ئۆستۇرەيلى ياكى بولمىسا ئۇنى تاشلاپ قويۇپ قاقاسلىققا ئايلاندۇرۇپ قۇيايلى بۇنىڭدىكى ئىختىيار بىزنىڭ ئۆزىمىزدە،يەنى بىزنىڭ ئىرادىمىزگە باغلىق»مۇنداقچە ئېيىتقاندا ئىرادە-كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل پەزىلەت.ئىرادە-قىيىنچىلىق ۋە ئاجىزلىقنى يېڭىش،ئوقۇشنى تاماملاش،كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىشنىڭ ئۆتكۈر شەمشىرى،قىسقىسى-ئىرادە كۈچنىڭ مەنبەسىدۈر-دەپ تەبىر بەرگەن ئىدى.شۈنداق،بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا نۇرغۇن كىشىلەر ۋەتەننى،قىزغىن سۆيۈش ھېسياتى بىلەن ئېگىلمەس-سۇنماس ئىرادىسىگە تايىنىپ خىزمەت ئورۈنلىرىدا شانلىق مۇۋاپپىقىيەتلەرنى ياراتقان،قەدىمدىن تارتىپ چوڭ ئىشلارنى قىلغۇچىلار تەڭداشسىز قابىلىيەتكە ئېگە بولۇپلا قالماستىن يەنە قەتئى تەۋرەنمەس ئىرادىگىمۇ ئېگە بولغان.يولداش ماۋزىدۇڭ«بىر ئادەمنىڭ بىرەر ياخشى ئىشنى قىلىشى تەس ئەمەس،تەس بولغىنى يامان ئىش قىلماي،بىر ئۆمۇر ياخشى ئىش قىلىش»دېگەن ئىدى.شۇڭىمۇ ھەر بىر ئادەم ئۇزاق مەزگىل ياخشى ئىش قىلىشنى داۋاملاشتۇرىشى كېرەك.شۇنى بىلىش كېرەككى-خەلىق ئەڭ ياخشى باھالىغۇچى،سىز بەلكىم بىرەر ياخشى ئىشنى قىلغاندا ئۇنىڭ باشقىلار تەرپىندىن ئېتراپ قىلىنماي قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانسىز،شۈنىڭغا ئىشىنىڭكى-سىزنىڭ قىلغان ھەربىر ئىشىڭىز دۆلەت ۋەخەلىققە پايدىلىقلا بولىدىكەن ھامان ياخشى جاۋاپقا ئىرىشىسىز،بۇنىق ئۈچۈنمۇ سىزدە ئىرادە كېرەك ئەلبەتتە.پەقەت سىزدە ئەشۇ ئىرادە بولغاندىلا ئادەتتىكى خىزمەت ئورنىڭىزدىمۇ ئۇلۇغ تۆھپىلەرنى يارىتالىشىڭىزدا گەپ يوق.نۇرغۇن ئەھۋاللاردا بىر ئادەم قانداق نىشاننى بەلگۈلەشتە ئىنتايىن ئىككىلىنىدۇ،مۇشۇنداق چاغلاردا بىلىپ-بىلمەي ئۆزىنى تۇگەشتۇرىشىمۇ ياكى ئاڭلىق مەخسەت ئۈچۈن ئاتلىنىپ يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.توغرا،ئىرادىنى پۇلغا سېتىۋالغىلى ياكى باشقىلاردىن ئارىيەت ئالغىلىمۇ بولمايدۇ،پەقەت ئۇنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەرىكەت جەريانىدا ئاڭلىق رەۋىشتە بارا-بارا يىتىلدۈرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇستەقىل پىكىر قىلىشقا،ئشلارنى بىر تەرەپ قىلغاندا كەسكىن بولۇشقا،بوشاشماسلىققا،ئۆزىنى تېزگىنىلەشكە ماھىر بولۇشقا توغرا كىلىدۇ،شۈڭا بىزدە ھەر زامان،ھەر ۋاقىت مۇستەھكەم ئىرادە بولىشى كېرەك.تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق نۇرغۈنلىغان داڭلىق شەخىسلەرنىڭ ھەممىسى مۇستەھكەم ئىرادىلىك كىشىلەردۈر.بۈگۈنكى ياشلارغا نەزەر سالىدىغان بولساق ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇۋاپپىقىيەت قازىنىش ئۈچۈن نۇرغۇن گۈزەل،غايىۋى پىلانلارنى تۇزىدۇ،ئەمما نېمە ئۈچۈن مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ؟بۇنىڭ بىر مۇھىم سەۋەبى شۈكى-بۇ پەقەت ئۇلاردا مۇستەھكەم ئىرادىنىڭ بار-يوقلىغى ۋە قىيىنچىلىقنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بىرىش-بىرەلمەسلىگىدىن ئىبارەت.ئىرادىسى مۇستەھكەم،كەسىپچانلىغى كۈچلىك كىشىلەرلا ئۆز تالانتىنى تولۇق جارى قىلدۈرۈپ،مۇۋاپپىقىيەت قازىنالايدۇ،مۇۋاپپىقىيەتنىڭ دەرۋازىسىمۇ دەل مۇشۈنداق كىشىلەر ئۈچۈن ھەرۋاقىت ئوچۇق.شۈنىڭ ئۈچۈن دوستۇم تەۋسىيەم شۈكى-بىز ئىسلاھات،ئېچىۋىتىش يولغا قويۇلغان ئۇلۇغ دەۋىردە ياشاۋاتىمىز،سوتسىيالىستىك ۋەتىنىمىزنىڭ كەلگۈسى بىزنىڭ ئۇنى گۈللەندۈرىشىمىزنى كۇتمەكتە.بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئېغىرھەم قىيىن.بىز ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش ۋە قوغداشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى ئىرادىلىك كىشىلەردىن قىلىپ يىتىلدۈرۈپ تۇرمۇشتىكى كۈچلۈكلەردىن بولىشىمىز كېرەك،شۈندىلا ئەل-ۋەتەن ئالدىدا يۇزىمىز يۇرۇق بولۇپ،ئىشلىرىمىز ھەر ۋاقىت رۇناق تاپىدۇ.
|
|
|
|
|
|