<<چاكارمەن>>
(چىرىك ئەمەلدار تىلىدىن)
ساتىرا
ئەل-ئاۋامنى يەپ-شىلىپ تويمايدىغان<< چاكارمەن>>،
ئۆز نەپسىمگە چوغ تارتىپ كۆيمەيدىغان<<چاكارمەن>>،
نازۇ-نىممەت بار جايدىن قوپمايدىغان<<چاكارمەن>>،
كېچە-كۈندۈز نەپ ئويلاپ ياتمايدىغان<<چاكارمەن>>،
نەپ يوق يەرگە بىر ماڭدام ماڭمايدىغان<<چاكارمەن>>.
دەردى بارغا دەرت قوشۇپ سۈرەن سېلىپ يىغلىتىپ،
ھاجەتمەننى پەيت تاپسام شەخسى ئىشقا ئىشلىتىپ،
تاپسام يۇۋاش-يۇمشاقنى يەر-بېغىمنى قىغلىتىپ،
مۇز ياغدۇرۇپ قاپاقتىن گاھى ئالداپ-ئىرىتىپ،
قايسى مۆمىن قايسى كاج ئىلغايدىغان<<چاكارمەن>>.
ئۆزۈمگە كەڭ ئۆزگە تار چىڭ پىرىنسىپ يۈرگۈزۈپ،
تەكلىپ قىلىپ چوڭامنى رېستۇراندا يىگۈزۈپ،
تەخسە بىلەن مەي تۇتسام زەپ شورايدۇ سۈمۈرۈپ،
سوغات يۆگەپ ياناردا<< ۋاي-ۋاي رەخمەت!>> دىگۈزۈپ،
پەسنى بېسىپ ئىگىزنى گوللايدىغان<<چاكارمەن>>.
ئىنتىزامدىن گەپ ئېچىپ ھەرقېتىمقى يىغىندا،
دەيمەن:<<مەنچە پاك يوقتۇر بۇ دىياردا-زىمىندا>>،
( يىگەنلىرىم سىڭگەي دەپ تىلەپ ئەمما دىلىمدا)،
كىرگەن پۇلنىڭ سانى جىق بانكا كارتام يېنىمدا،
ماتىريالنى<<پاكمەن>>دەپ يوللايدىغان<<چاكارمەن>>.
***********
مەنبە: ئۆز قەلىمىم (ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي)