مەندىن رەنجىپ يۈرمەجان گۈلۈم
(مەخمۇت مامۇت)مۇڭلۇق ھىسلار ئۇزىدى مەندىن،
باستى قايتا مۇز سوغۇق خىيال .
ئارام بەرمەس بىتاب دىلىمغا ،
مىڭلاپ دائىم جاۋاپسىز سۇئال.
نىگارىمنىڭ كۆزى ياش قالدى،
مەن ئۇھسىراپ ھەر تۈن-كىچىدە.
تەغدىرىمىز تۇرسا مۇشۇنداق،
يايرىم تىللار مىنى ئىچىدە .
مەن ۋاپادىن تۇغۇلدۇم-بەرھەق،
ۋاپا كۈيۈمنىڭ يوقتۇر پايانى.
تەغدىر بىلەن ئۈزۈلدى ۋەدە،
يوقاتمىدىم ھەرگىز ۋاپانى .
قۇربانى مەن ئىشقى-سۆيگۈنىڭ،
تەغدىر دائم بولغاچ رەھىمسىز .
تاڭ ئاتمىغاچ سۆيگۈ چۆلىدە ،
مىڭنى ئۆلدۈم بىرمۇ قەۋىرسىز.
رەنجىش توغرا ئەمەس تەغدىردىن ،
تەغدىر بىزار قىلغان شەكلىكتىن .
پىشانەڭگە پۈتتۈم دەپ تۇرسا ،
مەڭگۈ دىسەك ئاشماس چەكلىكتىن.
رەنجىپ يۈرمە مەندىن جان گۈلۈم ،
ئەجەل توشسا كىلەركەن ئۆلۈم .
تىرىلسەڭ گەر قايتا دۇنياغا ،
مەندەك بىلەن ئۆتۈپ يۈرمە ئۆم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زامانى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-27 08:47 PM