2012-يىل 1-ئايدا، Αبىلەن مەلۇم يولۇچى توشۇش شىركىتى توختام ئىمزالاپ، Α بىر يولۇچى توشۇش ئاپتومۇبىلىنى كۆتۈرە ئېلىپ تىجارەت قىلىدۇ.توختامدا: Α ياللاپ ئىشلەتكەن شوپۇر شىركەتنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىسى ھىساپلانمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. 2-ئاينىڭ 18-كۈنى، Α شوپۇر В بىلەن توختام تۈزۈپ،Вنى شوپۇرلۇققا تەكلىپ قىلىدۇ.
2012-يىل 2-ئاينىڭ 27-كۈنى،В ئاپتومۇبىلنى ھەيدەپ كېتىپ بارغاندا قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ،В ۋە باشقا يولۇچىلار يارىلىنىدۇ. В:«مەن مەلۇم يولۇچى توشۇش شىركىتىنىڭ ئاپتومۇبىلىنى ھەيدەش جەريانىدا يارىلاندىم»دەپ، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ. مەلۇم يولۇچى توشۇش شىركىتى:« Вبىلەن بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ئەمگەك مۇناسىۋىتى مەۋجۇت ئەمەس» دېگەننى تەشەببۇس قىلىپ، Вنىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
В ئەمگەك كېسىم كومىتىتىغا ئۆزىنىڭ مەلۇم يولۇچى توشۇش شىركىتى بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ.
ئۇنداقتاВ بىلەنΑ، В بىلەن مەلۇم يولۇچى توشۇش شىركىتى ئوتتۇرىسىدا زادى قانداق مۇناسىۋەت مەۋجۇت؟
1. بۇ دېلودا В بىلەنΑ ئوتتۇرىسىدا ياللاش ياللىنىش مۇناسىۋىتى مەۋجۇت.
2. В بىلەن مەلۇم يولۇچى توشۇش شىركىتى ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك مۇناسىۋىتى مەۋجۇت. بۇنىڭ ئاساسى: «ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئالاقىدار بىر قىسىم ئەھۋاللار ھەققىدە ئۇقتۇرۇش»قۇرۇلۇش قىلغۇچى، كان ئاچقۇچى كارخانا قاتارلىق ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار قۇرۇلۇش(كەسىپ)نى ياكى تىجارەت ھوقۇقىنى ئادەم ئىشلىتىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولمىغان تەشكىلات ياكى تەبىئى شەخىسكە ھۆددە بەرسە، ئادەم ئىشلىتىش سالاھىيىتىگە ئىگە ھۆددىگە بەرگۈچى ئورۇن ئادەم ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ ، دەپ بەلگىلەنگەن. گەرچە مەلۇم يولۇچى توشۇش شىركىتى يۇقارقى ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلغان « قۇرۇلۇش قىلغۇچى، كان ئاچقۇچى كارخانا»غا تەۋە بولمىسىمۇ، بىراق «ئۇقتۇرۇش»تا «قاتارلىق ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار» دەپ ئېلىنغان، بۇ باشقا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنى نەزەردىن ساقىت قىلمايدۇ، ھەم ئەمگەكچىلەرنىڭ ساغلاملىق ھوقۇقىنى قوغداشتىن ئىبارەت قانۇن چىقىرىش مەقسىدىگىمۇ ئۇيغۇن.
شىنجاڭ خەيرىلىك ئادۋوكاتلار ئىش بېجىرىش ئورنىدىن
ئەخمەت ياسىن
تېلفۇن: 13779800483
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qiwer02 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-27 06:33 PM