مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2144|ئىنكاس: 26

ئىسلامىي ئاتالغۇلارغا ئىزاھات [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61251
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3588
تۆھپە نۇمۇرى: 239
توردا: 1263 سائەت
تىزىم: 2011-10-19
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 04:53:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سۇبىھان ئاللا-ئاللاھ پاكتۇر

ئەلھەمدۇلىللا-بارلىق ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر

لائىلاھەئىللىللا-ئاللاھ بىردۇر

ئاللاھۇ ئەكبەر-ئاللاھ ئەڭ ئۇلۇغ

ماشا ئاللاھ-ئاللاھنىڭ خالىغىنى بوپتۇ

ئەستۇغفۇرۇللاھ-ئاللاھتىن كەچۈرۈم تىلەيمەن

سۇبىھانە رەببيەل ئەزىم-ئەڭ ئۇلۇغ رەببىمگە بويۇن ئىگىمەن

سەمى ئاللاھۇ لىمەن ھەمدە-ئاللا ئۆزىگە ھەمدە ئېيتقان كىشىنىڭ ھەمدىسىنى ئاڭلىدى.

سۇبىھانە رەببيەل ئەئلا-مەن ئەڭ ئۈستۈن رەببىم بويۇن ئىگىمەن  

ئەمىن-ئى ئاللاھ،ئىجابەت قىل

قۇرئان-ئۈنلۈك ئۇقۇش،يادقا ئۇقۇش؛يىغىش،توپلاش؛ئۇلاش؛ئىسپاتلىماق،ئىسپات

پەيغەمبەر-پارىسچە سۆز بولۇپ مەنىسى‹‹خەۋەر ئېلىپ كەلگۈچى››دېگەنلىكتۇر.قۇرئاندا رەسۇل ياكى نەبى دېيىلىدۇ.

سەللەللەھۇ ئەلەيھى ۋەسساللام-ئاللاھتىن ئۇنىڭغا سالام ۋە يا

خشىلىق بولسۇن

  

ئەللا ھۈممە سەلى ئەلا سەييدىنا مۇھەممەت-ئى ئاللاھ!پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەتكە ياخشىلىق بەرگىن

ئەلەيھىسالام-ئۇنۇڭغا سالام ۋە ياخشىلىق بولسۇن

مەسجىد ۋە جامى-ئادەتتە ئاز كىشىنى سىغدۇرالايدىغان كىچىكرەك ماكان ‹‹مەسجىد››،بىر قەدەر كۆپ كىشىنى سىغدۇرالايدىغان مۇستەققىل ۋە چوڭ بىنالار ‹‹جامى››دىيىلىدۇ.مەسجىد ۋە جامىلەر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىنىدىغان يەر مەنىسىدە ‹‹ئىبادەتخانا››(مابەد)دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن سېلىنغان تۇنجى ئىبادەتخانا نەدە؟

قۇرئان كەرىمدە ئاللاھقا ئىبادەت ئۈچۈن بىنا قىلىنغان تۇنجى يەرنىڭ كەبئە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.يەر يۈزىدە ئىككىنچى قېتىم بىنا قىلىنغان مەسجىت بولسا ،سۇلايمان ئەلەيھىسالام قۇددۇستا بىنا قىلغان مەسجىدى ئاقسا (ئەقسە)مەسجىتىدۇر.

كەبئە-يەر يۈزىدە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن سېلېنغان تۇنجى يەردۇر.كەبئە‹‹ئاللاھقا ئىبادەت قىلىنىدىغان ئۆي››دىگەن مەنىدە‹‹بەيتۇللا-ئاللاھنىڭ ئۆيى››دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

مەسجىدى-ھەرەم-كەئىبىنىڭ ئەتراپىدىكى كەڭرى يەردە بىنا قىلىنغان مەسجىتتۇر.بۇ     

مەسجىت‹‹ ھەرەمى-شەرىف››دەپمۇ ئاتىلىدۇ.


ھەج-يىلنىڭ مەلۇم كۈنلىرىدە كەبە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مۇقەددەس يەرلەرنى ئىبادەت نىيىتى بىلەن زىيارەت قىلىش دىگەنلىكتۇر.


زاكات-باي مۇسۇلمانلارنىڭ مېلىنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى دىنىمىز بىيرىغان يەرگە سەرىپ قىلىشىدۇر.(بايلارغا،مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە،بىقىش مەجبۇرىيىتى بولغان كىشىلەرگە[ئاتا-ئانا،چوڭ دادا،چوڭ ئانا،بالا-ۋاقا،نەۋرە-چەۋرىلەر،مەكتەپ،دوختۇرخانا،يول،كۆۋرۈك،جامى] قاتارلىق يەرلەرگە زاكات بەرگىلى بولمايدۇ )


ئىمام-‹‹باشلامچى،يول باشچى،رەھبەر ۋە دۆلەت باشلىقى››دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ئىمام كەلىمىسى ناماز ئۇقىتىدىغان ۋە جامائەتكە دىنىي تېمىلاردا رەھبەرلىك قىلىدىغان كىشىگە بىرىلگەن ئىسىمدۇر.جامى ئىمامى پەقەت ناماز ئۇقۇتۇش بىلەنلا قالماستىن ،بەلكى ئۆزى ياشاۋاتقان يەردە بىلىمى ۋە ئەخلاقى بىلەن ئىنسانلارغا باشلامچى بولىدىغان ،جەمىئەت ئەزالىرىنىڭ مەنىۋى جەھەتتە تەربىيلىنىشىگە مەسئۇل بولىدىغان كىشىدۇر.


مۇئەززىن-ناماز ۋاقتى كەلگەندە ئەرزان ئۇقۇيدىغان ۋە جامى ئىچىدە مۇئەززىنلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلىدىغان كىشىدۇر.ئىمام يوق چاغلاردا ئىمامغا ۋاكالىتەن ناماز ئۇقىتىدۇ.جەمىئەت ئەزالىرىنى مەنىۋىي جەھەتتە تەربىيلەشكە ئىمام بىلەن بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئىشلەيدۇ.


خەتىپ-جۈمە،ھېيت نامىزى،رامىزان ۋە ھەپتىنىڭ مەلۇم بىر كۈنلىرىدە نامازدىن ئىلگىرى ياكى كىيىن خەلىققە تەبلىغ،نەسىھەت قىلغۇچى كىشىدۇر.خەتىبلەر خەلىققە خىتاب قىلىدۇ،تەبلىغ قىلىدۇ،ئىلىم ئۆگىتىدۇ.جامىگە كەلگەن مۇسۇلمانلارنى دىنىي جەھەتتىن تەربىيلەيدۇ.جەمىئەت ئەزالىرىنى تەربىيلەشتە خەتىبلەرنىڭ بولى چوڭدۇر.


قاييۇم-ئادەتتە چوڭ جامەلەردە بار.جامىلەرنىڭ پاكىزە ۋە رەتلىك بولىشىغا مەسئۇل خىزمەتچىلەر.


مەزىن-ئەرزان توۋلاپ ،جامائەتنى مەسچىتكە نامازغا چىللايدۇ.


خەلىپە-يول باشچى؛شاھ،سۇلتان،پادىشاھ


خەلىپەم-ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىسمى


دۇئاخان[داخان]-كىشىلەرگە ئايەت ئۇقۇپ تىلەك تەلەيدىغان كىشى


قارى-قۇرئاننى تۇلۇق يادقا ئۇقۇپ ،قىرائەت قىلالايدىغانلار قارى بولىدۇ.[كۇچادا ئادەتتە كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئارقىغا قۇشۇلۇپ ھۆرمەت مەنىسىنى بىلدۈرۈپ كىلىدۇ]


قۇشناچىم-موللا-ئىماملارنىڭ ئايالى،ئەينى چاغدا قىز-ئاياللارنى دىندا تەربىيلەپ ساۋاق بەرگەنلەرنى كۆرسىتىدۇ.


موللا-دىنىي بىلىملەرنى پۇختا ئىگەللىگەن،شۇنداقلا باشقىلارنى دىنىي يولدا تەربىيلەيدىغان كىشى.


مەدىرىس-ئەينى دەۋىرلەردىكى ئالىي بىلىم يۇرتى بولۇپ،ئىسلىمىي بىلىملەر ۋە باشقا پەنىي بىلىملەر بىرلىكتە ئۆتىلىدىغان جاي.[ھازىرقى ئالىي مەكتەپلەر]


مۇدەررىس-مەدرىستە ئىلىم بەرگۈچى،خەلپىتىم دەپمۇ ئاتىلىدۇ.


مازار-ئەرەپچە سۆز بولۇپ ‹‹زىيارەت››،‹‹يوقلاش››دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۈ.ئۇيغۇر ئىستىمال مەنىسىدە بولسا بۇ سۆز زاراتگاھلىق،قەبرىستانلىق،تۇپراق بېشى مەنىلىرىدىن پەرىقلىق ھالدا ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ تۇپراق بېشىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.


زىيارەت+گاھ=زاراتگاھ

ئەۋلىيا-ئەسلىدە ئەرەپچە سۆز بولۇپ ۋەلىينىڭ كۆپلىكىدۇر،مەناسى دوست دىگەن بولىدۇ.ئاللاھنىڭ ئەۋلىيالىرى[دوستلىرى]نىڭ كىملىكى يۇنۇس سۈرىسىنىڭ 62-63 ئايىتىدە بايان قىلىنىدۇ...دىمەككى ،ئەۋلىيا ئىمان ئېيتقان ۋو تەقۋادار بولغان كىشىدۇر.

ساھابەلەر-مۇھەممەت ئەلەيھىسالام ھايات ۋاقتىدا مۇسۇلمان بولۇپ،سۆھبىتىدە بولغان ۋە مۇسۇلمانلىق بىلەن دۇنيادىن ئۆتكەن كىشى.


ئەنسارىلەر-مۇھەممەت ئەلەيھىسالام مەككىدىن مەدىنەگە ھىجرەت قىلىپ بارغاندا مۇسۇلمان بولۇپ ،يار-يۆلەكتە بولغان مەدىنىلىك مۇسۇلمانلار ئەنسارلار دىيىلىدۇ.


ھىجرەت قىلىش-كۆچۈپ بېرىش


فەتھى قىلىش-ئىشغال قىلىش


ئىمام بۇخارى -تۇلۇق ئىسمى مۇھەممەت ئەبۇ ئابدۇللا.ئاتىسىنىڭ ئىسمى ئىسمايىل.

بۇ كىشى بۇخارادا تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلىكى ئۈچۈن بۇخارى دەپ ئاتالغان.ئىمام بۇخارى تۈرۈك خەلقىدىن چىققان تەڭدىشى يوق مۇھەددەس[ھەدىسشۇناس]ئىدى.ئۇ ئسلام دىنىي كىتاپلىرى ئىچىدە قۇرئاندىن قالسىلا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئەڭ مۆتىۋەر كىتاپ ‹‹سەئۇل بۇخارى››نىڭ مۇئەللىپى[ئاپتۇرى] بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئىسلام دۇنياسىدا داڭ چىقارغان.ئۇ ھىجىريەنىڭ 256-يىلى[مىلادىنىڭ 870-يىلى]62 يېشىدا ۋاپات بولغان.قەبرىسى سەمەرقەنت شەھىرىدىن تەخمىنەن 16 چاقىرىم كىلىدىغان خەرتەڭ دىگەن يەردە.


سەھىھى-توغرا [سەھىھ ھەدىسلەر-توغرا ھەدىسلەر]


جاھىلىيەت-ئىسلام دىنى مەيدانغا كىلىشتىن بۇرۇنقى دەۋر


خەتمە-تامام بولدى.تۈگىدى؛پىچىتلەندى،ئاغزى ئېتىلدى؛مۆھۈر قېقىۋېتىلدى.


                       ئەرزاننىڭ ئۇقۇلىشى ۋە تەرجىمىسى

ئەشھۇدۇ ئەل-لائىلاھە ئىللاللاھ-گۇۋاھلىق بىرىمەنكى ئاللاھتىن باشقا ھىچ ئىلاھ يوقتۇر.

ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەر راسۇلۇللاھ-گۇۋاھلىق بىرىمەنكى،مۇھەممەت ئاللاھنىڭ ئەلچىسى.

ھاييە ئالەس-سالاھ-نامازغا كىلىڭلار

ھاييە ئالەل فەلاھ-نىجاتلىققا كىلىڭلار

ئاللاھۇ ئەكبەر-ئاللاھ ئەڭ بۈيۈكتۇر


لائىلاھە ئىللاللاھ-ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر




ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tawghaq + 10
HAKANXUKUR + 50
sazguri + 108 ماختاشقا تېگىشلىك
ANWAR425 + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 178   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 2422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11654
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1003 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2014-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 08:53:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياخشى چۈشەندۈرۈش بىرىپسىز،ساۋاپلىق ئىش شۇ مانا.لىكىن مەن ئىسمىڭىزنىڭ خەنزۇچىلىقىنى تازا ياختۇرمۇدۇم.

سۇمرۇغنىڭ قۇيرىقى بولغىچە خورازنىڭ تاجىسى بول!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 417
يازما سانى: 1775
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15701
تۆھپە نۇمۇرى: 476
توردا: 3432 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 08:58:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن قېرىندىشىم . شۇنچە كۆپ بىلىمگە ئىگە بولدۇم .  

خەپ ! ئەرگە بىر نۆۋەت ، يەرگە بىر نۆۋەت.

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 09:06:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەق بىلىم دەپ بۇنى دەيدۇ .    كۆپچىلىك ھەر قېتىم دۇئا قىلغاندا بۇ سۆزلەرنى دەيمىز يۇ ، كۆپىنچىمىز مەنىسنى بىلمەيمىز .(شەخسەن مەن ) .
ئۈگىنۋالساق  بولغىدەك .   رەھمەت سىزگە قۇملۇق ئەتىرگۈلى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35883
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4668
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 413 سائەت
تىزىم: 2011-3-31
ئاخىرقى: 2014-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 09:06:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنچە مۇشۇنداق ئىسلامىي بىلىملەرنىڭ مۇنبەردە بۇلۇپ تۇرغىنى ياخشى  ، رەھمەت ...

ھەر بىر تال گۈرۈچنىڭمۇ سورىقى قىلىنىدۇ !!!!!!!!!!!!!!

كۆك بۆرە ئىكەنسە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26217
يازما سانى: 574
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7236
تۆھپە نۇمۇرى: 296
توردا: 608 سائەت
تىزىم: 2011-1-14
ئاخىرقى: 2014-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 09:36:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت جۇمۇ نەق مۇشۇ نەرسىلەرنى ئىزدەۋاتاتتىم..........ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن............

بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68426
يازما سانى: 923
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8528
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 865 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 09:40:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى كۆپلەپ بەرسۇن.

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ  ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3065
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5901
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2620 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 09:44:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللاھ رەخمەت قىلغاي قېرىندىشىم

باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67218
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3459
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 186 سائەت
تىزىم: 2011-11-27
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 11:03:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن !

ئادەمدە  يۈكسەك غايە  ئىشەنچ ۋە  چىدام بولدىكەن چۇقۇم كۆزلىگەن نىشانغا  يىتەلەيدۇ ،
قىنى دوستۇم ئەتە  ئۈچۈن ئالغا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40076
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3797
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 878 سائەت
تىزىم: 2011-5-8
ئاخىرقى: 2013-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 11:30:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



        تېما يوللىغۇچىغا رەھمەت!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش