مېھرى ئىسسىق بېغىڭنىڭ ئەجەپ
مېھرى ئىسسىق بېغىڭنىڭ ئەجەپ،
پات-پات مېنى باغرىغا باسار.
چاتقاللارمۇ كۈرىنەر گۈلدەك،
چېچەكلىرىڭ بەئەينى ئىپار .
تاتلىق كۈلۈپ كىرىپ كېلىسەن،
كۆزلىرىڭدە دەريا-دەريا نۇر.
ھەسرەتلىرىم نەگىدۇر قاچار،
ھاياجىنىم چىرايلىق بەك ئۇز.
لەۋلىرىمدە كۆيىدۇ بىر چوغ،
نەپەسلىرىڭ گۈلخان بوپ يانار.
قاراشلىرىڭ كاۋاپتەك ئىسسىق،
گۈزەللىكىڭ گۈللەرگە ئازار.
مېھرى ئىسسىق چىرايلىق بېغىڭ،
ئەركىلىتىپ چوڭ قىلدى مېنى.
گۈللەر كۈرۈپ ھەسرەت چەككۈدەك،
نازاكەتلىك ،ئۇز قىلدى سېنى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئايچىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-27 09:46 PM