دادىنىڭ ئىلتىجاسى
< دادا تىلىدىن >
بىر بالام باردۇر مېنىڭ ، پۇت- قولى ئىشلىمەس ،
تەييارنىلا ئىزدەيدۇ ، ئەجىرىدىن گۆش چىشلىمەس .
چوڭ- كىچىككە سالام يوق ، ھاكاۋۇرلۇق خۇيىدۇر ،
ئەدەپ ئەخلاق ھايا كەم ،لەيلەپ يۈرەر كۈندە مەس.
يېشى ئاشتى ئوتتۇزدىن ، ئىللىقىنە ئۆيى يوق ،
كەلگۈسىگە ،ئەتىگە ، نىشانى ھەم ئويى يوق .
مىڭچە ئەپسۇس قېنىمدىن ، قانداق پەرزەنىت يارالدى ،
بويى تۇرۇپ توغراقتەك ، ئەپسۇس بىر تال دېنى يوق .
ئۇنىڭ ئىللىق ماكانى ،قىمارخانا ،بورۇتخانا ،
گۈزەل تۇرمۇش رىتىمى ، بەدبۇي پۇراق مەيخانا ،
ئۇندىن يىراق تىرىشىش ، ئۇندىن يىراق ئىزدىنىش ،
ئەركەك تۇرۇپ ئىللەتكە ، بولۇپ كەتتى قۇل چاكا .
يارىشامدۇ ھەي بالام ، ئىللەت بىلەن دۈم ياتساڭ ؟
يارىشامدۇ ھەي بالام ، ئىللەتلەرگە كۈي قاتساڭ ؟
يارىشامدۇ ھەي بالام ، شۇنچە قىران ئەر تۇرۇپ ،
ئۆز بەختىڭگە ،ئۆمرۈڭگە ، ئۆز قولۇڭدا تىخ سالساڭ ؟
ئەركەك بولساڭ تىك تۇرغىن ، يىقىلغانغا ئۆكۈنمەي ،
كەيىپ -ساپا، ئىشرەتنىڭ ،تومانلىرىغا تەڭ چۆكمەي ،
ھايات دىگەن گۈلباغدۇر ، ئىنسان ئۇنىڭ باغۋەنى ،
كېتىپ قالما دۇنيادىن ، مىللەت ئۈچۈن تەر تۆكمەي .
مەنبە--- تاڭنۇر < خەيرۇللا قۇربان > بۆرتالا
شئېىر يازمىغىلى بەك ئۇزۇن بوپتۇ سەۋەنلىكلەر بولسا كۆرسىتىپ بىرەرسىلەر !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tagnur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-27 01:47 PM