مۇشتۇمزور گاچا
ساتىرىك شېئىر
شۈكران(يوچۇن ئادەم)
بىز پادا باقىدىغان ئاشۇ جاڭگالغا،
بىر توپ قوينى ھەيدەپ چىقتى بىر گاچا.
ئارىمىزدىن ياۋاشلا بىرى
بىز پۇشۇرۇپ بەرگەن چامغۇرنى كۆتىرىپ
يۈگرىپ بېرىپ ئۇنىڭ ئالدىغا
تىزلانغان پېتى قولىنى سوزۇپ:
دىدى_ھوزۇر بىلەن چامغۇرنى غاجا.
شۇندىن بىرى...
مۇشتۇمزورلا بولدى ئۇ گاچا،
تۆكۈپ بەردۇق بارىمىزنى بىز.
بىر جاڭگالدا بېقىلغان بىلەن،
ئاۋۇپ كەتتى قويلىرى تىز-تىز.
ئايرىيالماي قالدۇق پادىنى،
گاچىنىڭ يوغان مۇشتىغا قاراپ.
تىل تۇتۇلدى ئېغىز ئىچىدە،
گەز باغلىغان كالپۇكنى يالاپ.
تۈگەپ كەتتى قىزغىن پاراڭلار،
ئىما بىلەن كۆندۇق گاچىغا.
خان بولىۋالدى جاڭگالغا گاچا،
قېتىلىپ كەتتۇق بىزمۇ پادىغا.
سۇكىنات باستى شۇنىڭدىن بىرى،
جاڭگىلىمدا ئۇچماي قويدى سار.
شور ئۆرلىدى گىيالار قۇرۇپ،
يامغۇر ياغماي، باسمىغاچقا قار.