|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم بارلىق تورداشلار كەمىنە تاڭنۇردىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام ،
بۆرتالادا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ئىتپاق لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى 8- ئاينىڭ 26 - كۈنى غەلبىلىك ھالدا ئاياغلاشتى ،
بۇ قېتىمقى مۇسابىقە بۆرتالادىكى پۇتبولخۇمار قېرىنداشلارنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرۇپلا قالماستىن ، بۆرتالادا توختاپ قالغىنىغا بەش يىل بولغان پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئەسلىگە كەلتۈردى ،
بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىنلىقى ، ھەر ساھە ئورۇنلارنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى ، كوماندىلارنىڭ مۇسابىقە قائىدىلىرىگە ماسلىشىشى ، پۇتبولچى ئەزمەتلەرنىڭ سەرخىل ماھارەتلىرى ئاستىدا شۇنداق غەلبىلىك ، تەنتەنىلىك ھالدا ئاياغلاشتى .
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ھەقىقەتەن قىزىپ قويدى ، تاماشىبىنلارمۇ ، ئالقىش چاۋاكلىرى ئارقىلىق مۇسابىقە رىتىمگە رەڭ قوشتى ،
پەرىزىمچە بۇ قېتىمقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنى كۆرگىلى كەلگەن پۇتبولخۇمار تاماشىبىنلارنىڭ سانى 6000 دىن كەم ئەمەس ،
بۇ قېتىمقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چىمبۇلاق توردىكى فىلىم ئىشلىگۈچىلەرمۇ قاتنىشىپ مۇسابىقىگە تېخىمۇ ھۆسىن قوشتى ، مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن نۇرمەممەت قاتارلىق تور گۈرپىسىدىكى يولداشلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن ،
يەنە چىمبۇلاق تورىغا ياردەملىشىش ھەم زىيارەت ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان دوستۇم ئەخەت يۈسۈپكە < تۆمۈر پۇت > بۆرتالادىكى پۇتبول سۈيەر قېرىنداشلار نامىدىن رەھمەت ئېيتىمەن .
بۈگۈنكى مۇسابىقە تولىمۇ ئەھمىيەتلىك مۇسابىقە بولدى دەپ قارايمەن ، بۈگۈن ئەتىگەن ئىتپاق لوڭقىسىنىڭ ئۈچىنجىلىكنى تالىشىش باسقۇچىنى باشلاشتىن بۇرۇن ، بۆرتالاغا دوستلۇق مۇسابقىسى ئوينىغىلى كەلگەن قاراماي
11-12 ياشلىقلار كوماندىسى مۇسابىقە ئۆتكۈزىلىۋاتقان مەيداندا ، تەجىربە ئالماشتۇرۇش مۇسابىقىسى ئوينىدى ،
بۇ مۇسابىقىمۇ تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىش چاۋاكلىرى بىلەن دوستانە ھالدا ئاياغلىشىپ ، بۆرتالا ، قاراماي دوسلۇقىغا ئۇل سالدى .
سائەت 10 بولغاندا قېرىنداشلار كوماندىسى بىلەن قىزىلتۇز كوماندىسى ، ئۈچىنجىلىكنى تالىشىش مۇسابىقىسىنى
باشلىۋالدۇق ، كەسكىن ئېلىشىش ئارقىلىق قېرىنداشلار كوماندىسى ، قىزىلتۇز كوماندىسىنى 0-2 يېڭىپ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ئۈچىنجىلىكىگە ئىرىشتى .
چۈشتىن كىيىن مەيدان قاينام تاشقىنلىققا چۆمۈپ مەيدانغا ئادەملەر ئېقىن سۇدەك كىرىشكە باشلىدى ، سائەت سىتىرىلكىسى ئۈچنى كۆرسەتكەندە ، بۇ قرتىمقى مۇسابىقىنىڭ قارا تۇلپارلىرى ، ئاتلان كوماندىسى بىلەن ئېھسان كوماندىسى ، مەيدانغا ئابدۇغېنى ئاكىمىزغا تون كەيدۈرۈپ بىللە ئېلىپ كىردى ، ئابدۇغېنى ئەپەندى ئىككى كوماندىنى ، ئەزالىرىنى تونۇشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ، رىپىر مۇسابىقە باشلانغانلىق پۇشتىكىنى چالدى ،
ئىككى تەرەپ توقسان مىنۇ ئېلىشىش ئارقىلىق بۇ قېتىمقى چىمپىيون كوماندا بارلىققا كەلدى ، ئېھسان كوماندىسى
ئاتلان كوماندىسىنى 0-2 يېڭىپ چىمپىيون بولدى ،
ئاتلان كوماندىسىن 9- ماھىر تايىر بۇ مۇسابىقە جەريانىدا 19 توپ كىرگۈزگەنلىكى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پۇتبولچى بولۇپ باھالاندى ،
قېرىنداشلار كوماندىسى مەدىنىيەتلىك كوماندا بولۇپ قوش مۇكاپاتلاندى ،
شۇنداق قىلىپ بۇ قېتىمقى مۇسابىقە غەلبىلىك ئاياغلاشتى ، تاڭنۇرنىڭمۇ ئارام ئالىدىغان ۋاقتى كەلدى ، 0ئامان بولغايسىلەر ، كىلەر قېتىمقى مۇسابىقىدە كۈرۈشەيلى !
بۈگۈنكى مۇسابىقە رەسىملىرى
مەنبە--- تاڭنۇر < خەيرۇللا قۇربان > بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tagnur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-27 11:15 AM
|
|
|
|
|
|