ساقىيا مەن يۇتماغان خۇنابى(قانلىق ياش) ھىجران قالدىمۇ،
بەرمەسەڭ مەي ئەمدى قان يۇتماققا ئىمكان قالدىمۇ.
ئەي كى دەرسەن ئىستەسەڭ ۋەسلىمنى جان قىلغىن فىدا،
مۇنى سور ئەۋۋەلكى ھىجرىڭدىن مەنگە جان قالدىمۇ.
ئىشق مەخفى قالماس ئاخىر ئەي كۆڭۈل كۆپ چەكمە جان(ئاۋارە بولما)،
مەن ھەم ئەۋۋەل كۆپ ياشۇردۇم كۆركى پىنھان قالدىمۇ.
چەكتى(تارتىۋالدى) لەر مەجرۇھ كۆڭلۈمدىن(يۈرىگىمدىن) خەدەنگىن(ئوقيا ئوقى) كۈچ بىلە،
بارى ئەي جان مۇژدەئى(خۇش خەۋەر) بەرگىلكى پەيكان(ئوق بېشى) قالدىمۇ.
كۆرگەچ ئول ئاينى جۇنۇندىن(مەجنۇنلۇقتىن) كىم يىقىلدىم ئەي رەفىق(دوست)،
تەڭرى ئۈچۈن ئەيتكىم ھالىمغە ھەيران قالدىمۇ.
ئەي كۆڭۈل، بۇ گۈلشەن ئەترافىغا باقكىم، غۇنچەئى
كىم كۆڭۈل جەمئى(خاتىرجەم) ئەيلەدى، بولماي پەرىشان قالدىمۇ.
ئەي نەۋائى، قاچماغىل ھەمدەملىغىمدىن(دوستلىقىمدىن)، كۆركى يار
گەر ساڭە مىھرىن كەم ئەتتى، بىزگە يەكسان(باراۋەر،تەڭ،بىر خىل) قالدىمۇ.
چارچىغان روھلارغا ئارام بولسۇن دەپ بۇ غەزەلنى يوللاپ قويدۇم، ياقتۇرسىڭىز ساقلاپ قويۇڭ. ئىسكوپكا ئىچىدىكى مەزمۇن بولسا ئۇنىڭ ئالدىدىكى سۆزنىڭ مەناسى بولۇپ، <چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى>دىن پايدىلىنىپ مەنا يېزىلغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qiwer02 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-27 10:01 AM