|
|
|
|
دېلو مىسالى 2012-يىل 2-ئايدا، Αنىڭ بوينىدا بىر ئۆسۈكچە پەيدا بولۇپ قالغان. Αمەلۇم ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا بېرىپ، ئامبولاتۇرىيە دوختۇرىغا كېسىلىنى كۆرسەتكەن. دوختۇر تەكشۈرۈپ، ئۆسۈكچىنى كېسىپ ئېلىۋەتكەن ھەم ئاپتونۇم رايۇنلۇق مەلۇم دوختۇرخانىغا پاتولوگىيەلىك تەكشۈرۈشكە يوللىغان، تەكشۈرۈش نەتىجىسى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە بولۇپ چىققان. ئوپېراتسىيەدىن كېيىنΑنىڭ بوينىدىكى ئۆسۈكچە تېز يوغىناشقا باشلىغان. Α داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكىلىق باھالىتىشقا ئىلتىماس قىلغان، ئاخىرقى يەكۈن داۋالاش ھادىسىسى ئەمەس دەپ چىقىرىلغان. Αسوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، مەلۇم ناھىيىلىك دوختۇرخانا ئوپېراتسىيەدىن ئىلگىرى مېنىڭ يازما ماقۇللۇقىمنى ئالمىدى، مېنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ۋە داۋالاش لايىھەسىدىن ئالدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقۇمغا دەخلى-تەرۇز قىلدى، دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەلۇم ناھىيىلىك دوختۇرخانا بىمار ياكى ئۇنىڭ تۇققانلىرىنىڭ يازما ماقۇللىقىنى ئالمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان، ئەمما: ئامبۇلاتۇرىيە ئوپېراتسىيىسىدە يازما ماقۇللۇقنى ئېلىش تەلەپ قىلىنمايدۇ، دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغان. سوت مەھكىمىسى «ھوقۇققا چېقىلىش جاۋاپكارلىقى قانۇنى»غا ئاساسەن، Αنىڭ دەۋا تەلىپىنى قوللاپ ھۆكۈم چىقارغان. (بەزىلەر قانۇندا ئېيتىلغان 知情同意权نى بىلىش ماقۇل بولۇش ھوقۇقى دەپ ئالغان بولۇپ، ماڭا ئەسلى مەنا دەل ئىپادىلەنمىگەندەك، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە تازا ماس كەلمىگەندەك بىلىندى، شۇڭا بىمارنىڭ ئالدىن بىلىش ھوقۇقى دەپ ئالدىم). شىنجاڭ خەيرىلىك ئادۋوكاتلار ئىش بېجىرىش ئورنىدىن ئەخمەت ياسىن تېلفۇن: 13779800483 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qiwer02 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-27 09:47 AM
|
|
|
|
|
|