ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
تورداشلار ياخشىمۇسىلەر ، ئاخشامدىن بېرى
كۆزۈمگە ئۇيغۇ كەلمىگەچكە ، ئۇ بۇ بېكەتتىن بۇ بېكەتكە ئۇچۇپ يۈرۈپ ئەلكۈيى
مۇنبىرىدە بىر تېما كۆرۈپ قالدىم ، تېمىنىڭ ماۋزۇسى < 80 يىلنىڭ باللىرى
سىلەرگە خىرىسقا قانداق تاقابىل تۇرماقچى > بۇلۇپ ، چۈشكەن ئىنكاسلار جانلىق
بۇلۇپ ، مېنىڭمۇ ئۆزۈم ئۈچۈن بىر ھازا باش قاتۇرۇپ ئويلىنىشىمغا سەۋەپچى بولدى .
ئەلۋەتتە مەن 80 – يىلى تۇغۇلغان ئەمەس ، بەلكى 90 – يىلى تۇغۇلغان . شۇڭا مۇشۇ
ھەقتە تورداشلار بىلەن پىكىرلىشىپ باققۇم كېلىپ قالدى . ھەممىمىز بىلىمىز ھازىر
بىز 90 – يىللىرىدىكى ياشلارنىڭ تازا جەمىيەتكە قەدەم قويغان ۋاقتىمىز ، بالدۈر
يېتىلىپ بولغانلىرىمىز ئاتا – ئانىمىزغا جاپا سېلىپ ئۆيلىنىۋالغانمۇ بولدۇق ، بەزىلىرىمىز تېخىچە بىلىم ئېلىش كويىدا
مەكتەپلەردە ، جەمىيەتتە ، ھەرخىل ھۆنەر كەسىپخانىلاردا بىلىم ئېلىش ئۈچۈن
ئاۋارىمىز . ئۇنداقتا بىز 90 – يىلنىڭ ياشلىرىمىز قانداق خىرىسلار ، قانداق
بېسىملار كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ ، مۇشۇ ھەقتە تورداشلار بىلەن پىكىرلىشىپ باقساق دېگەن
ئۈمۈدتىمەن .
60 – يىللىرى كومپارتىيەنىڭ
قوينى بىزگە قۇچاق ئاچقان مەزگىللەر بولغاچقا ئاتا – ئانىلىرىمىز كومپارتىيە
ناخشىلىرىنى ياڭرىتىپ ئېتېز ئېرىقلاردا كوللىكتىپ ئۈچۈن ئىشلىمەكتە ئىدى .باشقا
ئەللەردىمۇ شۇنداقمىدۇ ، بۇنى بىلمەيدىكەنمەن ، باشقا ئەللەردىكى كان كارخانىلەر ئېچىلىشقا
باشلىدى . لېكىن بىزچۇ ؟
70 – يىللاردا مەدەنىيەت
زور ئىنقىلابىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى بۇلۇپ ، 60 – يىللاردىن پەرقلىنىپ كەتمەيتى ، لېكىن
بۇ مەزگىللەردە بىز تولا يېزىق ئۆزگەرتىپ كەتكەن ئىدۇق . ئىككى قېتىم يېزىق
ئالماشتۇرۇشنى باشتىن كەچۈردۇق (يىل سانى خاتا بوپ قالسا ئەيىبلىمىگەيسىلە ) .
لېكىن دۇنيادىكى باشقا ئەللەر بولسا داۋاملىق ئۆز تەرەققىياتى ئۈچۈن باش
قاتۇرماقتا ، لېكىن شۇ چاغدىكى كىشىلىرىمىز بولسا قورساق غېمى ، پارتىيىگە
ياخشىچاق بۇلۇش غېمىدە ئىدى .
80-يىللاردا مەدەنىيەت
زور ئىنقىلابى ئەمدى بىر ئاخىرلاشقاندا بازار ئىگىلىكى پەيدا بۇلۇشقا باشلىدى ،
ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىمىز كۆپەيدى . لېكىن دۇنيادىكى
باشقا ئەللەردە بولسا ئالىي بىلىم يۇرتىدا تەربىيلەنگەن زىيالىيلار مىللىتى ئۈچۈن
تۆھپە قوشۇشنى باشلىۋەتكەن ئىدى . لېكىن بىزدە ئۇقۇمۇشلۇق زىيالىيلار ئاز ،
ھەممىسى پارتىيە ئۈچۈن ئىشلىگەچكە مىللەت ئۈچۈن ھېچقانداق ئىلگىرلەش بولمىدى دەپ
كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇ .
90- يىللاردا بىز
تۇغۇلدۇق ، بازار ئىگىلىكى ، ئىسلاھات ئىچىكنى ئېچىتىش روشەنلەشتى . پەن
تېخنىكىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى پۈتۈن دۇنيا كۈتېۋېلىشقا باشلىدى . نۇرغۇن يېڭىلىقلار
بارلىققا كەلدى . مەن باشلانغۇچنى ئوقۇۋاتقاندا < تارىم ژورنىلى > بەك
ياقتۇرۇپ ئوقۇيتۇم ، ئويلاپ باقسا كىچىك ۋاقتىمدا خېلى جىق كىتاب كۆرۈپتىكەنمەن .
ئىشقىلىپ دۇنيادىكى تەرەققىياتلار بەك زور ئىدى شۇ چاغلاردا . باشقا ئەللەردە
ياسالغان موتوسېكىلىتلار بەك مودا ئىدى ھە !
21 – ئەسىر ئۇچۇر دەۋرى
، بارلىق ئىشلىرىمىز كومپىيۇتېردىن ئايرىلمايدىغان ، پەن تېخنىكا ئۇچقانداق
تەرەققىي قىلغان مەزگىل . ئۇيغۇر خەلقىمىزمۇ ئۇچۇرلىشىنى قىزغىن كۈتىۋالدى ،
نۇرغۇن يېڭى بىلىملەر ياشلىرىمىزغا مۇجەسسەملەندى . تور ئىشلىرىمىزمۇ تەرەققىي
قىلدى . دۇنيادا ھازىر كۈنىگە نەچچە خىل يېڭىلىقلار بارلىققا كەلمەكتە ، ئادەتتىكى
تېلفوننى مىسال ئالساقمۇ كۈندە يېڭىلىنىپ
مۇشۇ بەش يىل ئىچىدىلا خېلىلا زور ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلدى . مىللىتىمىزمۇ
ئېلىكترون ساھەسىگە قەدەم قويدى . ھەرخىل لۇغەتلەر ، يانفونلارنى ياسىغانمۇ بولدى
، لېكىن مېنىڭچە بۇ يېتەرلىك ئەمەس . (ئەسكەرتىش :
ئۈستىدىكىلەر پەقەت مېنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىم ، ئاددىي چۈشەنچىلەر ، ھەرگىزمۇ بەك
مۇرەككەپلىككە كۆتۈرۋەتمەڭ .)
مانا ھازىر بىز 90 –
يىللارنىڭ باللىرى قانات قۇيرۇقلىرىمىز يېتىلىشكە باشلىدى ، دېمەك بىز چوڭ بولدۇق
، بۇرۇنقى كوچا كويلاردا ئوينايدىغان ، تورخانىلاردا كۈن كۈنلەپ ۋاقىت
ئۆتكۈزىدىغان ، دادىمىزدىن پۇل ئېلىپ ، يەتمىسە ئانىمىزدىن ئەركىلەپ پۇل ئالىدىغان
ۋاقتىمىز قەپ قالدى . بىز مۇشۇ ئۇچۇر دەۋرىدە ياشاۋاتقان ياشلار بولغانلىقىمىز
ئۈچۈن ، ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا تەربىيلەنگەنلىكىمىز ئۈچۈن بۇ جەمىيەتكە قەدەم
قويغانلىقىمىز ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى ، نېمىش قىلىش كېرەكلىنى
بىلىۋېلىشىمىز كېرەك . ئېتىقادىمىز ، مىللىي غورۇرىمىز بۇلۇشى كېرەك . بىز دۇچ
كېلىۋاتقان خىرىسلار ئىنتايىن كۆپ . لېكىن شۇ خىرىسنى بىز تېخى بايقىمىدۇ ق ،
ھازىر مەنمۇ ئۆزىمىزنىڭ قانداق خىرىس ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ئېنىق بىلەلمىدىم
.بىز دۇچ كېلىدىغان ۋە
دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ئىنتايىن كۆپ ، بىز قىلىدىغان دېھقانچىلىق يوق ، چۈنكى
يەرلىرىمىزنى تېرىيدىغانغا ئاتا – ئاكىلىرىمىز بار . مېنىڭچە چوڭلار بىزنىڭ
بالدۇراق چوڭ بۇلۇپ ئۆزلىرىنىڭ پۇتىغا پۇت ، قولىغا قول بولىشىمىزنى ، ياراملىق
ئادەم بۇلۇشىمىزنى ئۈمۈد قىلىدۇ . خەلقىمىز بولسا بىزنىڭ كۆپرەك ياخشى ئىش
قىلىشىمىزنى ، مىللىي غورۇرىمىزنى قوغدىشىمىزنى ، مىللەتنى سۆيىشىمىزنى ،
ئېتىقادلىق ئۇيغۇر ياشلىرىمىز بۇلۇشىمىزنى ئۈمۈد قىلىدۇ . ئەمدى بىز نېمىش قىلىشىمىز
كېرەك ؟ قانداق خىرىسلار بىزگە دۇچ كېلىدۇ ، چوڭلار بىزدىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ ،
خەلقىمىزچۇ ؟ئۇنداقتا قېنى مۆھتەرەم تورداشلار ، چوڭلار بىزگە ئۈمۈدىڭلارنى ،
كۈتىدىغىنىڭلارنى ئوتتۇرىغا قويساڭلارچۇ ؟ بىز 90 – يىللارنىڭ يېڭى دەۋىر ياشلىرى
سىلەرنىڭ ئۈمۈدىڭلارنى ئاقلاشقا تىرىشىپ باقايلى ؟
(يېزىقچىلىق قابىلىيىتىم ئۇنچە يۇقىرى ئەمەس ، دوستلارنىڭ مازاق قىلماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن . بەزى خاتا كەتكەن جايلار بولسا ئۆزرىلىكمەن . )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا izqin.com تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-27 09:14 AM