مىنىمۇ QQ دا شۇنداق ئەخمەق قىلىدۇ . ئۇغۇل بالىمىكىن دېسەم ، بىر قېتىم نائۇشنىكتا ئاۋازىنى ئاڭلىدىم ، قىز بالىكەن ، كىيۇ-كىيۇ دا ماڭا ھەرخىل ھەلەق گەپلەرنى تارتىنماي دەۋېردۇ .
توي قىلمىغان قىز بالىكەن ، لىكىن ئەر ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى يىپىدىن - يىڭنىسىغىچە بىلدىكەن .
سىز توي قىلمىغان تۇرسىڭىز ، ئەر-ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى ئىشلارنى ئەجەپ تەپسىلىي بىلدىكەنسىز دېسەم . ياتىقىدىكى توي قىلىپ ئاجرىشىپ كەتكەن ساۋاقدىشى . شۇنداق ئىشلارنى باشقا قىزلارغا دەپ بېردىكەن ، ھەم ياتاقتا شۇنداق گەپلەرنى دېيشىدىكەن .
تېخى سىز نىمدا بۇنداق قېلىن گەپلەرنى ماڭا دەپ بېرسىز دېسەم . ‹‹ مەن سىزنىڭ خۇتۇنىڭىز ››دەيدۇ
سىز نى قاچان ئالدىم دېسەم . ‹‹بىز توردىكى ئەر-خۇتۇن ، كىيۇ-كىيۇ دا مىنى نىمە قىلسىڭىز ئىختىيارىڭىز ›› دەيدۇ .
توۋا دەپ قاپتىمەن .
لىكىن كۈرشىلى دېسەم ، قەتتىي مۇمكىن ئەمەس دەيدۇ ، لىكىن كىيۇ-كىيۇ دا ماڭا نازلىنىپ قىلمىغان قىلىقى قالمىدى . ئۇ قىزنىڭ . سىز مۇ شۇنداق بىرەسىگە ئۇچرىغان ئوخشايسىز .
ئۇنداقلار بىلەن پاراڭلاشقانلىق ، ۋاقىتنى . زېھنىنى ئۇپراتقانلىقكەن .
بۇ خۇددى بىر تورداش ئېيىتقانداق ، ئىككى ئادەم قاپقاراڭغۇ ئۆيدە تىكتاك توپ ئوينىغاندەك ، مەڭگۈ نەتىجىسى چىقمايدىغان ئىشكەن ،
ئۈزىمىزنى ھەم ئۆزگىنى ئۇپراتقىنىمىز قالىدىكەن خالاس.............!