مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 652|ئىنكاس: 11

خاتىرەمدىن ئۈزۈندە ... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45909
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3046
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2011-6-28
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 11:26:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلار پەقەت راست ۋەقە ، مېنىڭ باشقا مەقسىدىم يوق ، مىسرانىم مۇنبىرىدە ئوقۇتقۇچىلار بولۇپ قالسا مۇشۇنداق قىلمىغايسىلەر دەپلا ئويلىدىم خالاس ...

ئۈلۈشكۈن مېنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان بىر دوستۇم بۇ دۇنيادىن خوشلاشتى ، مەن ئۈلۈشكۈن كەچلەردە بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپتىمەن ، ئاندىن تۈنۈگۈن ئۇ دوستۇمنىڭ ئۆيىگە بىر پەتىلەپ بېرىش ئويى بىلەن تۈنۈگۈن ئەتتىگەندە دوپپىنى كىيىپ مۇئەللىمىنڭ ئىشخانىسىغا كىردىم ۋە مۇئەللىمگە : مۇئەللىم مېنىڭ بىر دوستۇم تۈنۈگۈن تۈگەپ كېتىپتىكەن ، شۇڭا ...  دەپ  تۇرۇشۇغىلا مۇئەللىمىم گەپ باشلاپ كەتتى ... مۇئەللىم : سەن مەندىن رۇخسەت سورىماقچىمۇ ؟
مەن : شۇنداق مۇئەللىم
مۇئەللىم : ماڭا قارا ، سەن قايسى يۈزۈڭ بىلەن مەندىن رۇخسەت سوراۋاتىسەن؟
مەن :( داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدىم)
مۇئەللىم : ئالدىنقى مەۋسۇمدىكى نەتىجەڭگە قاراپ باق ، 3پەندىن ئۆتەلمەپسەن قارا ، ئەسلى سېنى بۇ قېتىم 留级قالدۇرىۋېتەي دەپتىم ، شۇ تولۇقسىزدا ياخشىراق ئوقۇپ قالغانلا يېرىڭ بار ئىكەن ، سەن ئۇ قاتارغا كىرمەي قالدىڭ ...
مەن : مۇئەللىم ئۇ مېنىڭ بەك يېقىن دوستۇم ئىدى
مۇئەللىم : ماڭا قارا ، كومپىيۇتېردا ئارتۇقچىلىقىڭ بارلىقىنى بىلىمەن ، سەن ئەڭ ياخشىسى ئۆگىنىشىڭنى قىل ماڭە سىنىپقا ! مەن 2يىلدىن بېرى سېنىڭ 1سائەت ئۆگىنىش قىلغىنىڭنى كۆرۈپ باقمىدىم ...


مۇئەللىمىمنىڭ بۇنداق دېيىشى خىيالىمغىمۇ كىرىپ چىقمىغانىدى ، 7-8يىللىق خىزمەت ئىستاجىغا ئىگە شەھىرىمىزدىكى ئەڭ داڭلىق مىللىي ئوقۇغۇچىلار ئورۇنلاشقان بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچۇم كۆزۈمگە نېمە كۆرۈنۈپ كەتتى ئىشقىلىپ سىلەر تەسەۋۋۇر قىلالمايسىلەر ... توۋا  مۇئەللىم دېگەنمۇ شۇنداق بولامدۇ ؟ بىر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى تۇرۇپ ئۆز تىلىدىمۇ سۆزلىمىسە ، بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈمى 2سائەتكە ئەرزىمىسە بۇ جاھان نېمە بوپ كەتتىكىن دەيمەن ، يەنە كېلىپ بىر ساپالىق ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇ سۆزلىرى مېنىڭ «ئوقۇتقۇچى« دېگەن بۇ كەسىپ ئەھلىگە بولغان چۈشەنچەم ۋە تونۇشۇمنى ئىنتايىن پەس ئورۇنغا چۈشۈرىۋەتتى ، مەيلى بوپتۇ مېنىغۇ نېمە قىلسا قىلسۇن ئۆزىنىڭ ئىشى ، مەن سىنىپقا مەيۈس ھالدا كىرىپ كەلدىم ، سىنىپتىكى دەرستە ياخشى بىر دوستۇم : دەرس پەقەت خوشياقمايدىيا دەپلا سىنىپتىن چىقتى ، بۇ ۋاقتتا سىنىپ مەسئۇلىمىز سىنىپنىڭ ئالدىدا ئىدى ، مەن سىنىپ دىجورنىسى بولغاچقا ئەتتىگەنلىك مۇزاكىرىدە سىنىپ تازىلىقى قىلىۋاتاتتىم ، ئۇ مۇئەللىمگە : مۇئەللىم بۈگۈن ئازراق ئىشىم چىقىپ قالغانىدى ، چۈشتىن بۇرۇن رۇخسەت بەرسىلىرى بوپتىكەن دېدى ، مۇئەللىممۇ كۈلۈپ ھىجاراپ تۇرۇپ : بولىدۇ  دېدى ... دوستۇم ئۆيىگە ئەمەس تورخانىغا كەتتى ، مەن بادام دوپپامنى تارتمامغا سېلىپ مەيۈس ھالدا بۈگۈنكى دەرسنى ئاڭلاشقا كىرىشكەن بولدۇم . راستىنى دېسەم ئالدىنقى مەۋسۈم بىر دوستۇم يەنى سىنىپ باشلىقىمىزنىڭ چوڭ دادىسى ئۆلۈپ كەتكەندە پۈتۈن سىنىپتىكى ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارغا جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن يېرىم كۈن رۇخسەت بەردى ، ھەممەيلەن ئۆلۈمنى ئۇزىتىپ دۈشەنبە كۈنى مەكتەپكە كەلدۇق ، كېيىنكى پەيشەنبە كۈنى يەنە 5ساۋاقداشقا نەزىرىسىگە ياردەملىشىشكە رۇخسەت بەردى ، ئۇ دوستۇم قەبرە قاتۇرىمەن دەپ 3ساۋاقداشنى مۇئەللىمنىڭ ئىشخانىسىغا ئاچىقىپ بىر كۈنلۈك رۇخسەت ئالدى ، مۇئەللىم گەپ- سۆزسىز رۇخسەتنى بېرىۋردى ، دەرستە سەل ناچار بولۇپ قېلىش گۇناھمۇ ؟ مېنىڭ ئاشۇ كىچىكىمدىن بىللە ئوقۇغان  دوستۇمنىڭ ھاياتى 2سائەتلىك رۇخسەتكە ئەرزىمىدىمۇ ؟ كاللامدا مۇشۇ ئويلارلا بار ... پەقەت سىلەرگە ئېيتقۇم كەلدى ، مۇشۇنداق ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنىڭ نېمىلەرگە ئوخشاپ قېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا تەگسىز سۇئاللار كاللامدا لەيلەپلا قالدى ، توۋا دەيمەن ، مەن مۇشۇ مۇنبەردە ئاشۇ مۇئەللىمىمگە بىر ۋەدە بېرىۋېتەي :
  مۇئەللىم ، بۇندى كېيىن مەن ياخشى ئوقۇيمەن ، يەنە بىرەر ئۆلۈم-يېتىم بولۇپ قالسا ماڭىمۇ رۇخسەت بېرىڭ !

  مۇشۇ مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلار سىلەر مۇشۇنداق ئىشقا يولۇقساڭلار ئوقۇغۇچۇڭلارغا رۇخسەت بەرگەيسىلەر ، ئادەم بىر قېتىم تۇغۇلۇپ بىر قېتىملا  ئۆلىدىكەن بۇ دۇنيادا ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yultuzi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-26 04:35 PM  


تاڭ سەھەر كىنو كۇلۇبىدا ھەممىسى بار : Http://TangSahar.Com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4830
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 532 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2012-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 01:54:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزگە رۇخسەت بەرمىگەن ئۇقۇتقۇچى بىلەن باشقىلارغا رۇخسەت بەرگەن ئۇقۇتقۇچى بىر ئادەممۇ يا ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   !UYGHURJAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-27 01:58 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83340
يازما سانى: 434
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3994
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2012-8-2
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 07:13:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەسىلىلەرگە ئورتاق قاراش لازىم .ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى تەڭ كۇرۇش بۇ ئەۋزەلدۇر.

ئادىل ئابابەكرى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81460
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4053
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2012-6-12
ئاخىرقى: 2012-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 08:47:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ باشلىقتەكمۇ نېمە. ئاغرىپ قالساڭ، بېشىڭ يا گېلىڭ ئاغرىسىمۇ چوقۇم دوختۇردىن ئىسپات ئەكىلىسەن، پۇتۇڭدىن باشقا يېرىڭ ئاغرىسا، پۇتۇڭ ساق بولغاندىكېن مېڭىپ ئىدارىغا كېلىپ ئاندىن رۇخسەت سورايسەن دەيدىغان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80765
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3471
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2012-5-29
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 09:03:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر شەكىلۋازلىق كۆپىيىپ كەتتى ئەمەسمۇ ؟ كالتە چاپاننىڭ پىشى تىگىپ قالسا ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلەلمەي قالىدىغانلار كۆپ ھازىر .

قاۋا ئىتلار ، توختىماي قاۋا ، مەن ئۈچۈن بەرىبىر .

قايىل قىلىش قۇرق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 911
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13009
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5020 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 10:48:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ ، دەرسنى ياخشى ئۈگۈنۈپ ، نۇمۇر دىگەننى قاتۇرۇپ قۇيۇپ تۇرۇپ  ......................  مەردانە ياشاڭ ! چۇقۇم قىلمىسا بولمايدىغان ئىشنى قىلماقچى بولغاندا باشقىلارنىڭ خالاش - خالىماسلىقى بىلەن قىلچە چاتىقىڭىز بولمىسۇن ! ( ئەمما بۇ ئىشنىڭ توغرا بۇلۇشىغا قارىتا چۇقۇم ئىشەنچىڭىز بۇلۇشى كىرەك.) بۇ سۆز بىر ئۆمۈر ئۆلچەم قىلىشقا ئەرزىيدۇ .

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 526
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2012-9-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 12:00:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زالىم ئۇستازدىن ئالىم چىقىدۇ دېگەن گەپ بار ئۇكام . ئۇقۇتقۇچىڭىز سىزنىڭ ئوقۇش نەتىنجىڭىزگە ئېچىنىپ ، ئازراق بولسىمۇ بىر نەرسە ئۆگۈنۋالسىكەن دەپ روخسەت بەرمەپتۇ . ئەمما ياخشى ئوقۇغان بالىلارغا روخسەت بەردى دەپسىز . سەۋەبى زادى نېمە ؟ بۇنى نىمىشقا ياخشى ئويلاپ باقمايسىز ؟
ئوقۇتقۇچىڭىزنىڭ دەرس ئۆتۈش تېخنىكىسىدا مەسىلە بارمىدۇ ؟ ، نىمىشقا بالىلار ئۇنىڭ دەرسىگە قىزىقمايدۇ ؟ نىمىشقا تورخانىغا قاچىدۇ ؟
سىزچە بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئوقۇتقۇچى سەۋەپلىكما ؟
قوسۇقۇڭىزدا ئۇماچ بولسا ئۇكام ، كېيىن جەمىيەتكە يۈك بۇلۇپ قالمايسىز .
ئەمدى ئۆلۈم -يىتىم ئىشلىرىغا كەلسەك  ، سىز دېگەندەك رۇخسەت بەرگىنى ياخشى . لېكىن شەرت ئۇكام ، سىز ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا چوقۇم ياخشى ئوقۇشىڭىز ، نەتىنجىڭىز ئوقۇتقۇچىڭىزنى قايىل قىلىشى ، بۇنۇڭلۇق بىلەن ئاتا -ئانىڭىزنىمۇ قايىل قىلىشى كېرەك !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83735
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3268
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 72 سائەت
تىزىم: 2012-8-10
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 12:05:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەي بۇجەميەتنى چۇشەنمەك نڭمانچڭۋالا تەستۇ

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 3064
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5974
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 3154 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 12:08:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇڭا دەرسىنى ياخشى ئوقۇپ ،شۇنداق ئوقۇتقۇچلىرىمىزغا جار -جار ۋارقىرغۇلۇق ....بۇ مىنىڭ تەجىربەم ...مەن شۇنداق ئىدىم سىنپىنىڭ ئالدىدا ماڭاتتىم ..ھەم شۇنداق ئايرىم مۇئاملدە قىلدىغان ئوقۇتقۇچلارغا چاتقىم يوق ۋارقرايتىم ....ئۇلار نىمە قىلالايتى ...لىكىن شۇ زىيان تارتقان يېرىم شۇ نەتجەم بىرنچى بولسمۇ مەكتەپ مۇكاپات پۇلىنى پەقەتلا ئالالمايتىم ..چۈنكى مىنىڭ ئوقۇتقۇچلرىم مىنى بىر ئامال قىلپ قالدۇرۇپ قوياتتى بۇلارغا نىمە ئامال دەيسىز ؟ سورمايلا بېرىپ كېلىپ ئىشپلا ئولتۇرۋالماي

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45909
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3046
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2011-6-28
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 02:32:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆل يوللىغان ۋاقتى  2012-8-27 05:08 AM
شۇڭا دەرسىنى ياخشى ئوقۇپ ،شۇنداق ئوقۇتقۇچلىرىمىزغا جا ...

كېيىنكى يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى بېرىمەن ، يەنە دېپلوم دەيدىغان نەرسە بار ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا مەكتەپ تۈ زۈمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ئۆيىگە قايتۇرىۋېتىپ ئىمتاھان ۋاقتىدا كەل دېيىشكە ھوقوقلۇقمىش ھازىرقى ئوقۇتقۇچىلار ...

تاڭ سەھەر كىنو كۇلۇبىدا ھەممىسى بار : Http://TangSahar.Com
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش