رۇستەم قاراسۇ
ئىجادىيەتلىرى
ھاي-ھاي كۆڭلۈم چېراي تاللىما،
تاللا يارنى ساڭا ۋاپالىق.
شاختىن شاخقا قۇنۇپ ئاتلىما،
كۆرۈنىدۇ گۈللەر چىرايلىق.
ياخشى يارنى تاپماق بەك قىيىن،
سۆيگۈ بەرمە شۇڭا ئالدىراپ.
ۋاپاسىزلار تاشلايدۇ كىيىن،
سەن قالىسەن چۆلدە قاغجىراپ.
كۆزۈڭنى تىك يىراق مەنزىلگە،
ئارا يولدا قالمايسەن شۇندا.
ھەۋەس قىلما ئۇپا ئەڭلىككە،
چېقىپ كېتەر بەرىبىر سۇدا.
قەلبى گۈزەل نازنىنى كۆرسەڭ،
شۇئان قىلغىن سۆيگۈڭنى ئىزھار.
قەدىرلەيدۇ قەدرىنى بىلسەڭ،
ئۆجمە كۆڭۈل بولمىغىن زىنھار.
ئەل دەپ ياشا
ھەر كېم قىلسا ئەلگە يامانلىق،
شۇنىڭ يولى ئەگرى- كاتاڭلىق.
ياخشىلارغا ھەمرا ساۋاپلىق،
يامانلاردىن چېقار شەيتانلىق.
ئەل نەپرىتى ھەممىدىن يامان،
ئەلدىن قۇرقار ھەتتاكى خاقان.
سېنى مېنى بىر كۈنى ھامان،
ئەل ئايرىدۇ بۇغدايمۇ سامان.
ئەل دۇئاسى چۆلنى كۆكلىتەر،
كەپتەر قېلىپ سېنى ئۆرلىتەر.
لەنىتېگە قالساڭ سەن ئەگەر،
بىر بېشىڭغا كېلەر مىڭ خەتەر.
ئەمگەككە ھۆرمەت قېلىڭ
رۇستەم قاراسۇ...ئاتۇش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-26 08:45 PM