مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4442|ئىنكاس: 60

ھېچنىمىزىم زادى قانداق ئىزىم؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83654
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3957
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 189 سائەت
تىزىم: 2012-8-8
ئاخىرقى: 2014-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 07:40:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز توراشلار!


يېقىنقى نەچچە ئون كۈندىن بۇيان بەزى مۇنبەرلەردە ھىچنىمىزىم ھەققىدە زىيالىلار ئارا كەسكىن مۇنازىرلەر بولۇپ ئۆتتى، بۇندىن كۆپلىگەن تورداشلار مەلۇم نىسبەتتە خەۋەردار، ھەتتا بەزىلىرىمىز شۇ مۇنازىرىلەردە پىكىر قاتناشتۇرغان بولىشىمىزمۇ مومكىن...
ھېچنىمىزىمدەك بۇخىل يۇشۇرۇن دەھرىيلىك ئۇيغۇرلارغا بىرقەدەر تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن ئە. ئوسمان، ش. نۇربەگ، پاسئان قاتارلىقلارغا ئوخشىغان زىيالىلار تەرپىدىن تەرغىپ قىلىنىۋاتقان ھەتتا مەخسۇس مۇنبەرلەشكەن شەكىلدە تەشۋىق قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە بىرقىسىم سەگەك زىيالىلىرىمىز تەرپىدىن بۇ خۇسۇستا رەددىيە يىزىلدى، ئەپسۇس بۇرەددىيە ۋە تەنقىد ئورتاغا چىقىشى بىلەن تەڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىقىنى دەۋا قىلىۋاتقانلار زىيالى قىياپىتىدە خۇدانىڭ نامىنى تىلغا ئىلىپ تۇرۇپ بۇخىل يۈشۈرۈن ئاپەتكە نىسبەتەن تۈزۈكچە مۇئامىلە قىلماستىن ۋە بۇ ئىزىمنىڭ ئەسلى ماھىيتىنى ئىنىقلىماستىن قارغۇلارچە قايتارما قىلىپ تەنقىدكە تەنقىد ۋە يولسىز ئاقلاشلارنى ئورتىغا چىقىرىشتى، ھەتتا بەزىلىرى بۇخىل شەيتانىزىمغا مەنسۇپ ئىكەنلىكلىرىنى سۇكۇتىي شەكىلدە ئىتىراپ قىلىش بىلەن تەڭ ئۆزلىرىنىڭ يولىنى توغرا قىلىپ باشقىلارغا بوياپ كۆرسەتمەكچىمۇ بولۇشتى، يەنە بىر قىسىملىرى بولسا ھېچنىمىزىم تەرەپتارلىرىنىڭ يازغان ئوچۇق ئاشكارا شەكىلدە خۇداغا ئىسىيان قىلغان، ئۇيغۇر ئەقىدە قىلىۋاتقان خۇداغا ھەرنىمىلەرنى دەپ جۆيلۈگەن ۋە بۇ جۆيلۈشلەر، ھەمدە ئاللاھقا قىلغان ھەزىللەرنى ياغلىما تىللار بىلەن بويىماقچى بولۇشسا يەنە بىر قىسىملىرى دەھرىيلىكتەك بۇ شەيتانىزىمنى ئىسلام تەسەۋۋۇپىغا باغلاپ چۈشۈنۈشكە تەرغىپ قىلىپمۇ بىقىشتى...
مىڭ يىللىق ئىسلام تارىخىغا ئىگە بۇ مىللەتنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ ئۆز ئەجدادىنىڭ ئەقىدىسىگە ۋارىسلىق قىلغان شەكىلدە قىلىغان تەنقىد ۋە رەددىيسى ئەمدىلىكتە ئاشكارا يۇسۇندا قىلىنغان خۇدالىق دەۋاسى ۋە چاكىنا ئىدىيلەرنىڭ جاكارچىلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى ھەق يولغا قايتۇرۇپ كىلىش، ھىچ بولمىغاندا ئۆزىنىڭ خاتا يولدا ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرۇش بولماي ئەكسىچە تەرەپ تەرەپتىن ئاقلاش، بۇرمىلاش، چىرايلىق كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش ۋە ھەتتا ئىلمىي ئۆلچەمنى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىقىدىن ئايرىپ تۇرۇپ شەرھىلەشكە زورلاش ئارقىلىق بۇ ئېقىمنىڭ يۇشۇرۇن دەھرىيزىم ئىكەنلىكىنى جامائەت كۆزىدىن يۇشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشلار ھەممىمىزنىڭ كۆز ئالدىدا يۈز بىرىپ قاراپ ئولتۇردى، ئەمەلىيەتتە بۇخىل ئەھۋال نۇرمال ئەقلى ھوشى جايىدا مۇسۇلمان ئۇيغۇرنى ئىچىندۈردىغان، كاللىسىنى قايتىدىن سىلكىتىدىغان چە چۈچۈتىدىغان ئەھۋاللاردىن بىرى ئىدى، بىز بۇ ئەھۋاللاردىن ئەجەبلەنمەي، ئىچىنماي تۇرالمايمىز ۋە بۇنىڭدىن ئىنتايىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.
شۇڭا ھىچنىمىزىمدىن ئىبارەت كىشىگە ئۆزىنىڭ ئىنسانلىقى ۋە ئاللاھ تەرپىدىن يارىتىلمىش بىر مەخلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ، ئىنساننى ئۆز ياراتقۇچىسىغا ئىسىيان قىلىشقا ئىلىپ بارىدىغان ۋە ئۆزىنى خۇدا بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇشنى ھىچ تارتىنماستىن ئوتتۇرغا ئىلىپ چىقىشتەك شەيتانى جۇرئەت ۋە ئىسىيانكارانە روھ بىرىدىغان ھەقىقى شەيتانىزىمدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ خەتىرىنى ھىس قىلماي ۋە ياكى بىلمەي كىتىۋاتقان ياشلىرىمىزنىڭ ۋاختىدا ئاگاھ بولىشلىرىنى كۆزلەپ بۇ ھەقتە ئۇچۇر بىرىشنى لايىق تاپتۇق.
تۆۋەندە بىز ھىچنىمىزىمنىڭ ئىسلامىي نۇقتىي نەزەرىدە قانداق ئېقىم ئىكەنلىكى ۋە بۇ ئېقىمنىڭ ئاساسلىق ئۇلچىلىرى، ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە پىكىرى-ئىدىيلىرى قاتارلىقلار ھەققىدە ئىسلام ئالىمىدىكى دىن، مەزھەپ ۋە ئېقىملار توغرىسىدا يىزىلغان ئىنىسكلوپىدىك ئەسەر « دىن، مەزھەپ ۋە ئېقىملار ئېنىسكلوپېدىيىسى » دە بىرىلگەن ھىچنىمىزىم ھەققىدىكى مەلۇمات ۋە ئۇچۇر بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى:


ھېچنىمىزىم زادى قانداق ئىزىم؟



ھېچنىمىزىمنىڭ تەبىرى:
  ھېچنىمىزىم ئېقىمى مەۋجۇدىيەتسىزلىكنى ئۆز نۆۋىتىدە مەۋجۇدىيەتنىڭ يەنە بىر يۈزى- دېگەن قاراشنى ئاساسى نىشان قىلغان، بەلكى مەۋجۇدىيەتسىزلىك مەۋجۇدىيەتنىڭ نىھايىتى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بىز ئىدىئالىزىمچە كۈزىتىم ۋە يۈزەكىلەشكەن رىئالىزىمچە كۈزىتىملەردىن يىراق ھالدا، ھاياتلىقنىڭ ماھىيتىگە يىتەلەيمىز دەپ قارايدىغان دىنىسزلاشقان ئەدەبىي ۋە فەلسەپىۋىيلىققا ئېگە ئېقىمدۇر.
  بۇ ئېقىمنىڭ ئۇلچىلىرى ۋە بۇ ئېقىمدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن شەخىسلەر:
ھىچنىمىزىمنىڭ مۇھىم شەخسلىرى ئىچىدە ئەدەبىيات ساھەسىدە روسىيلىك يازغۇچى دىيستوۋىسكى، پەلسەپە ساھەسىدە بولسا «ئىلاھنىڭ ئۆلۈمى» ھەققىدىكى سۆز ساھىبى نىتزە قاتارلىقلار بار.
ھىچنىمىزىمچىلەر: «ئىلاھنىڭ مەۋجۇد بولىشى ياكى مەۋجۇد بولماسلىقى بەرىبىر، ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىنى بۇ ھەقتە ئۇپىرتىپ ئولتۇرۇشى ھاجەتسىز دەپ قارايدۇ.
تارىخچىلار دەھرىيلىك (ئاتىزىم) بىلەن ھېچنىمىزىم ئوتتۇرسىنى ئايرىپ تەھلىل قىلغان بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىدەك پەرقلەرنى ئوتتۇرغا قويغان: « ئاتىزىمچىلار ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا دىنسىزلىقىنى جاكارلاۋىرىدۇ، (مەسىلەن پەيلاسۇپ سارترغا ئوخشاش.) ئەمما ھىچنىمىزىمچىلار بولسا مەسىلىنى بەرىبىر دەپ قارايدۇ. (يەنى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئىلاھنىڭ مەۋجۇد بولۇش ياكى بولماسلىقى بەرىبىر.)
  دىستوۋىسكى بۇھەقتىكى قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر ئىلاھ مەۋجۇد ئەمەس دەپ قارىغىنىمىزدا، ئۇنداقتا بۇ ھەر شەيئىنىڭ يوللۇق ۋە ئەخلاقنىڭ مەنىسىز نەرسە ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ بىرىدۇ.»
ھېچنىمىزىم ئىسلامىي نۇقتىدىن تامامەن رەت قىلىنغان بىر ئېقىمدۇر، چۈنكى مۇسۇلمانلاردىن ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىلاھنىڭ مەۋجۇدلىقى ھەمدە ساپ تەۋھىد ئەقىدىسىنى تەستىقلاش، ئاندىن قالسا ئەخلاق تۇرغۇزۇش ئاساسى مەنبەلەردە كەلگەن ئىسلام شەرىئەتچىلىكىگە باغلانغان بولىشى كىرەكلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش تەلەپ ئىتىلگەن، ئۇنداق بولغاندا ھىچنىمىزىمچى ئەدىب ۋە پەيلاسوف ئىسلامغا زىت قاراشلارنى ياقلىغۇچىلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ھېچنىمىزىم گوستاف فلوبىير (مىلادىيە1821-1880 ) ۋە ئاندىرىي دىي بىلزاك (مىلادىيە 1799-1850) قاتارلىقلارنىڭ تەنقىدچىلىك رىئالىزىم رىۋايەتلىرى، ۋە ئىمىيىل زولانىڭ 19-ئەسىردىكى تەبىئەت ئوبزورچىلىقى پائالىيەتلىرىدە كۆزگە كۆرۈنگەن بولسىمۇ، ئەمما فرانسوز ئەدىب گوستاف فلويىر تۈنجى بولۇپ ھىچنىمىزىم ھەققىدە ئۆز ئەسەرلىرىدە ئىبارە سۈرگەن كىشى بولۇپ سانالغان، شۇنىڭ بىلەن ھىچنىمىزىم 19-ئەسىردىكى كۆپسانلىق ئەدىبلەرنىڭ ئەدەبىي ئېقىمغا ئايلانغان.
شائىر، ئوبزورچى گوت پىرىيد بىن (مىلادىيە 1886-1956) ھېچنىمىزىمنىڭ مەنىسىنى ئەدەبىي ئېقىم سۆپىتىدە رەسمى ئىزاھلىغان ھىچىنىمىزىمچىلارنىڭ ئوبرازلىق نامايەندىلىرى قاتارىدىن سانالغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ھىچنىمىزىمغا ئىزاھ بىرىپ مۇنداق دېگەن: «ھىچنىمىزىم يالغۇز ئىنسانلارنىڭ روھى دۇنياسىغا  ئۈمۈدسىزلىك ۋە ئىتائەت ئۇرۇقىنى چىچىش بولماستىن بەلكى ئۇ مەۋجۇتلۇق ھەقىقەتلىرىگە قەيسەرانە ۋە ئۇچۇق-ئاشكارا شەكىلدە ئىسىيانكار بولۇشتۇر.»
ئۇشبۇ شائىر شۇ ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدا ئۆزىنى تۇرغۇن مەۋجۇدلۇقنىڭ كەسكىن رەقىبى دېگەن ئاساستا قۇرۇلغان نازىيە ھۆكۈمىتىنى مەدھىيلىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ: «ئىنسانلار مەۋجۇدسىزلىق ۋە يوقۇلۇش ئارىسىدا باراۋەردۇر، ھەرقانداق جىنىسنىڭ ئۆز غەيرىدىن ئۈستۈنلىكى بولمايدۇ» دېگەننى ئوتتۇرغا قويغانلىقى سەۋەپلىك نازىيە ھۆكۈمىتى تەرپىدىن دۈشمەن ئېلان ئېتىلگەن ۋە مىلادىيە 1937-يىلى ئۇنىڭ پۈتۈن ئەدەىبىي ئەمگەكلىرى ھۆكۈمەت تەرپىدىن مۇسادىرە قىلىنغان.
بۇ ئېقىمنىڭ پىكىر ۋە ئەقىدىلىرى:
  1- ئىنسان يارىتىلمىش مەخلۇق بولۇپ، ئۇنىڭ ئىمكانىيەتلىرى چەكلىك، ئۇنىڭ ئۆز مەۋجۇدلىقىنى مۇستەھكەملىشى ئۈچۈن بوينى قاتتىق نائۈمىد بولغۇچىغا ۋەياكى تەلۋە خىيالپەرەسكە ئايلىنىۋالمىغان شەكىلدە بار ئىمكانىيەتلەر دائىرسىدە پائالىيەت قىلمىقى زۆرۈر.
2- ئىنسانلار دائىم ئۆز ئارا توقۇنۇش ئىچىدە ياشايدۇ، ئۇلار مەۋجۇدسىزلىقنىڭ ئۆزلىرىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ توقۇنۇش ئۇلارنىڭ ئىنسانىي تاقىتىنىڭ سىرتىدا بولۇپ، شۇ سەۋەب ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا توقۇنۇشىمۇ مەنىسىز ھىچنىمىگە ئايلىنىپ كەتكەن.
3- ھىچنىمىزىمچى ئەدىبنىڭ مەسئۇلىيتى بولسا ئىنسان ئۆز ھۇدۇدلىرى ئارقىلىق تاكى ئۇ ھاياتلىقىدىن ئەڭ گۈزەل رەۋىشتە پايدىلىنىش ئىمكانىيتىگە ئىگە بولغانغا قەدەر  ئىنسانلارنىڭ ئوي-خاتىرلىرىدە بىكىنىپ تۇرىدۇ.
4- ئەدەبىي ئەمگەك ھەر شەيئىنىڭ نىھايىسى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا، بۇنداق دېگەنلىك ھەرقانداق شەيئى ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى كۆرستىپ تۇرىدىغان نىھايىتىنى مەركەز قىلىپ ماڭىدۇ، نىھايەتسىز يۈكسەك ئەدەبىي ئەمگەك مەۋجۇت ئەمەس، بولمىسا ئۇ ئۆز مەنىسىنى يوقاتقان بولىدۇ، شۇنىڭدەك ھاياتلىقمۇ ئەگەر ئۇنىڭ نىھايىسى بولمىغىنىدا ئۇمۇ ئۆز مەنىسىنى يوقاتقانغا ھىساب.
5- ئېدىئال رومانتىزىم بولسا، ھېچنىمىزىمچى ئەدىبنىڭ نەزىرىدە: ئىنساننى ئاچچىق رىئاللىق ۋە ئۇنى كۈتۈۋاتقان مەۋجۇدسىزلىق بىلەن توقۇنۇشقىلى قويمايدىغان پەقەتلا ۋاقىتلىق قاچقۇنلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بەزىدە ئىنساننىڭ يىمىرلىشى ۋە يا گۈمدان بولىشى ئاشۇ خىل توقۇنۇشقا باغلىق بولۇپمۇ بولىدۇ.
  6- ھېچنىمىزىمنىڭ ئەدەبىي يۆلىنىشى ئىنساننىڭ پىكرىنى پىشىپ يىتىلدۈرۈپ، ئىنسانى تەپەككۇرنى مەۋجۇدسىزلىقنىڭ مەنىسىنى ئىدراك قىلالمايدىغان ھايۋانلىق مەرتىۋىسىدىن ئالى ماقامغا كۆتۈرۈشنى نىشان قىلىدۇ.
7- ھىچنىمىزىم يەنە ئىلىم بىلەن سەنئەت ئارىسىغا قويۇلغان پاسىللارنى بۇزۇپ تاشلاشنى نىشان قىلغان بولۇپ، چۈنكى ئىنسانىي مەرىپەت كىشىنىڭ قەدر-قىممىتىگە قارشى مەيداندا تۇرۇشتا تەقسىملىنىشنى قوبۇل قىلمايدۇ، ناۋادا ئىلىم-پەننىڭ يولى سەنئەتنىڭ يولىدىن پەرقلىنىدۇ دېگەن تەقدىردىمۇ يەنىلا ئۇلار نىشان بويلاشتا بىرلا نىشاننى مەركەز قىلىپ ماڭىدۇ، ئۇ بولىسىمۇ: ئىنسان ۋە ئىنساننىڭ دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى مەرىپەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش.
  8- ھىچنىمىزىمنىڭ سەلبىي سۈپەتلەر بىلەن ھەمدە چۈشكۈنلۈك تارقىتىش بىلەن ئەيىبلىنىشى <ھېچنىمە> سۈزىنىڭ ئۆزىدىن كىلىدىغان خەۋپكە بىرىپ تاقىلىدىغان بولۇپ، بۇخىل ئەيىپلەش يۈزەكى قاراشتۇر، چۈنكى مەۋجۇدسىزلىقنى بىلمەسلىك ئۇنىڭ بىزنىڭ ھاياتىمىزدا مەۋجۇد ئىكەنلىكىنى يوققا چىقىرۋىتەلمەيدۇ.
9- ھىچنىمىزىم پەقەت ئۆلۈم، چۈشكۈنلۈك، زوراۋانلىق، قەبېھلىك قاتارلىقلارنى نامايان قىلىشلا ئەمەس، بىراق ئۇ يۇقۇرىقىلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن ھاياتنىڭ مەنىسىگە ئۇلىشالايدىغان كىشى دەل ھېچنىمىزىمچى ئەدىبتۇر. ھىچنىمىزىمچى ئەدىب يۇقارقىلار ئارقىلىق <مەۋجۇدسىزلىق> نىڭ <مەۋجۇدلۇق> نىڭ يەنە بىر يۈزى ئىكەنلىكىنى ئىزاھلاپ بىرىدۇ، مەۋجۇدسىزلىق بىلەن مەۋجۇدلۇق ئارىسىنى ئايىرىۋىتىش مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇ ئىككىسىدىن ھەر بىرىنىڭ مەناسى يەنە بىرىدە يۇشۇرۇنغاندۇر.

  ھېچنىمىزىمنىڭ پىكرىي ۋە ئەقىدە جەھەتتىكى يىلتىزى:
  ھېچنىمىزىم ئېدىيسىنىڭ تەگ يىلتىزى ئىنسان ۋە ئۇنىڭ تەقدىرلەر بىلەن بولغان توقۇنۇشىنى گويا ئۇنىڭ مەۋجۇدسىزلىق ئىدىيسىگە قارشى توقۇنۇشىدەك تەسۋىرلەپ كۆرسىتىدىغان قەدىمقى گىرىك تىياتىرلىرىغا بىرىپ تاقىلىدۇ.
شۇنىڭدەڭ ھىچنىمىزىمنىڭ مەيدانغا كىلىشىدە خىرىستىئان ئەقىدىلىرى ۋە خىرىستىيان ئەقىدىلىرى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆلۈمنىڭ تېگى ئارقا كۆرۈنۈشى، دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىشى، قىيامەتنڭ كىلىشى، ھېساپ-كىتاب قىلىنىش قاتارلىق ئەقىدىلىرنىڭمۇ مەلۈم تەسىرى بار.
بىراق ھېچنىمىزىم ھاياتلىق ۋە ياكى ئۆلۈم ھەققىدە بولسۇن ۋە ياكى ياخشىلىق ۋە تىرىشچانلىققا ئۈندەيدىغان ئىمان ھەققىدە بولسۇن ۋە ياكى بەختىيار خاتىرجەم ھايات بەرپا قىلىش نىيتىدە زىمىننى ئاۋات ئېتىشكە تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈش بولسۇن ھىچقايسىسىدا دىينىي ئەقىدىنى مەنبە قىلغان ئەمەس. ھېچنىمىزىم پەقەت: «مەۋجۇدسىزلىق ئۇ مەڭگۈلۈك مەۋجۇدلۇقتۇر» دېگەننى ئىشارە قىلغان ئاساستا <مەۋجۇدسىزلىق> مەنىلىرىنى ۋە تۇرمۇشتىكى سەلبى تەرەپلەرنى تەسۋىرلەپ بىرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان. ئىش يۇقارقىدەك داۋام قىلغانسىرى دەھرىيلىك (دىنسىزلىق)نىڭ ھىچنىمىزىمنى ھەر تەرەپتىن قورشاپ تۇرغىنى تۇرغان.
  ھىېچنىمىزىم تارقالغان ئورۇنلار:
ھېچىنىمىزىم ئېدىيسى غەرب دۇنياسىدا ئومۇمىيۈزلۈك يەر ئالغان بولۇپ، خۇسۇسەن فرانسىيە ۋە ئەنگىلىيە دە ئەڭ كۆپ تارقالغان.

خۇلاسە:
يۇقىرىقىلاردىن تۆۋەندىكىدەك خۇلاسە چىقىرىشىمىز مومكىن:
ھېچنىمىزىم دىنسىزلاشقان ئەدەبىي ئېقىم بولۇپ، ئۇ: مەۋجۇدسىزلىقنى مەۋجۇدلۇقنىڭ ئاخىرلىشىشى- دەپ قارايدۇ، ھىچنىمىزىمنىڭ بۇ خىل قارىشىغا ماس ھالدا ھىچنىمىزىمچى ئەدىبنىڭ مەسئۇلىيتى ئىنسان ئۆز ھۇدۇدىدا تاكى ئۇ ئۆز ھاياتلىقىنى مەۋجۇتسىزلىققا پۇتۈنلەي مەبلەغ سالغانغا قەدەر ئۇ ئىنسان ئوي-خاتىرلىرىدە بىكىنىپ تۇرىدۇ، ئۇ مۇشۇ ئېىقىمنىڭ خام-خيالى بويىچە ئىش كۆرگەنلىكتىن ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئىنسان تەپەككۈرى شۈقەدەر پىشىپ يىتىلىدۇكى، ھىچنىمىزىم ئۇنى مەۋجۇدسىزلىق مەنىسىنى ئىدراك قىلالمايدىغان ھايۋان (ئاڭسىزلىق) مەرتىۋىسىدىن مەۋجۇدىيەتسىزلىكنى ئىدراك قىلالايدىغان ۋە ئىلىم بىلەن سەنئەت ئارىسىغا قويۇلغان پاسىللارنى بىكار قىلىۋىتەلەيدىغان بىر ئەدىبلىك ماقامىغا كۆتۈرىدۇ، دىمەككى ھېچنىمىزىمچى ئەدىب ئۇ ئۆلۈم، چۈشكۈنلۈك، زوراۋانلىق، قەبېھلىك ئارىسىدىن ھچىنىمىزىمچە ھاياتلىقنىڭ مەناسىغا بۆسۈپ كىرىدىغان كىشى بولۇپ، ھىچنىمىلىك (مەۋجۇدسىزلىق) ئۇ مەۋجۇدلۇقنىڭ يەنە بىر يۈزىدىن ئىبارەت.
  شەكسىزكى بۇخىل پىكىر-ئىدىيەلەر ھىچقاندا ئەخلاقى ۋە ياكى دىينى ئىدىيەگە خىزمەت قىلمايلا قالماي بەلكى بۇخىل ئىدىيەلەر ئەخلاقىي ۋە دىنى ئىدىيەلەرگە پۈتۈنلەي زىتتۇر.
...................
تىخىمۇ كۆپ مەلۈمات ئۈچۈن مەنبەلەر:
- المدخل إلى النقد الأدبي الحديث، د. محمد غنيمي هلال – ط2- القاهرة 1962م.
-  الأدب المقارن،  د. محمد غنيمي – ط2- القاهرة 1962م.
-  المذاهب الأدبية من الكلاسيكية إلى العبثية، د. نبيل راغب – مكتبة مصر- القاهرة.
-  المذاهب الأدبية الكبرى، فليب فان تيغيم – (سلسلة زدني علماً).

-  Braunschvig. La Literature Contemporaine Etudiee dans les textes.
-  Braunschvig: Notre Litterature Etudiee dans le texte. Paris 1949.
-  Lanson: Histoire de la litterature Francaise, Paris. 1916.
-  De Segur (Nicola): Histoire de la Litterature Europeenne. 1959.
...........

مەنبە: دىن، مەزھەپ ۋە ئېقىملار ئېنىسكلوپېدىيىسى
مەۋلانا تەرجىمىسى.




ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 1229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7433
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 601 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 08:49:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىنى ئاللاھ كۆرۈپ تۇرىدۇ . . . . . . . . . .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghur05 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-26 08:50 PM  


زامانەم بۇ دىمە ھەرگىز ئۆتەر بولساڭ پاراغەتتە،
دىگىن دائىم:رەببىم مېنى بايقاپ تۇرار بۇ سائەتتە.
قىلار ئاللاھ بىپەرۋالىق دەپ ئويلىما بىرەر لەھزە،
خەۋەرداردۇر ئەسرارىڭدىن بولالمايسەن نە خىلۋەتتە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80802
يازما سانى: 610
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6061
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 804 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 08:51:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن  كاپىتالىزىمچىمۇ  ئەمەس  سوتسىيالىزىمچىمۇ  ئەمەس ھەممە ئىش ھەرىكەتنى ئىسلامغا باغلاپ چۇشەندۇردىغان  ئىسلامىزىمچىمۇ ئەمەس  سوپىزىمچىمۇ ئەمەس  ھىچنىمىزىمچىمۇ ئەمەس  مەن پەقەت مۇشۇ رىئال دۇنيادا  خەلقىمنى   باي باياشات  ياشىسىكەن  دەيدىغان  رىئالىزىمچى

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
spoon + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 08:57:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتىزىمچىلارنى بىلمەك ئاسان،لىكىن ھىچنىمىزىمچىلارنى ئايرىماق تەس،چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆپى دىن ياكى باشقا تونلارغا ئورانغان بولىدۇ،مۇشۇ خىلدىكى كىشىلەر كۆپ ئارىمىزدا!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tumurkala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-26 08:59 PM  


‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 09:00:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rahatmakan يوللىغان ۋاقتى  2012-8-26 08:51 PM
مەن  كاپىتالىزىمچىمۇ  ئەمەس  سوتسىيالىزىمچىمۇ  ئەمەس ھ ...

ئۆلگەندىن كىيىن تىرىلىشقا ئەسلا ئىشەنمەيدىكەنسىزدە؟

‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82472
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3628
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2014-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 09:02:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىنى ئاللاھ كۆرۈپ تۇرىدۇ . . . . . . . . . .

غەلبە تىرىشچانل

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12690
يازما سانى: 521
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 11054
تۆھپە نۇمۇرى: 826
توردا: 1186 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2014-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 09:02:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرىسىنى بىلگۈچى ئۇلۇغ ئاللادۇر
ئەمدى بۇ توغۇرلۇق مىسرانىمدا مۇنازىرە بۇلدىكەندە.............
بۇ مۇنبەردىكىلەرنىڭ كۆز قارىشى قانداقكىن؟

مۇھەببەت ياخشى كۆرگەنلەرگە ئەمەس، قەدىرلىگۈچىلەرگە مەنسۇپ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80802
يازما سانى: 610
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6061
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 804 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 09:07:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tumurkala يوللىغان ۋاقتى  2012-8-26 09:00 PM
ئۆلگەندىن كىيىن تىرىلىشقا ئەسلا ئىشەنمەيدىكەنسىزدە؟

مھن  ئاتىزىمچىمۇ  ئەمەس    .   توغرا  ئويلاڭ   بىز مۇشۇ  رىئال دۇنيانى  توغرا چۈشىنىپ  ھەم  مەسىللەرنى 1+1=2  دىگەن ئۇسۇلدا تەپەككۇر قىلساق  قىلغان ھەرقانداق ئىشىمىزدىن  نەتىجە چىقماي قالمايدۇ ؟..............................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82956
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5025
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 323 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 09:09:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەۋجۇدىيەتسىزلىك دېگەن نېمىگە قارىتىلغان ئىكەن؟ ھېچ چۈشىنەلمەي قالدىمغۇ؟

بېلىق كۆلدە ئوينايدۇ، قۇش ئاسماندا كۆكلەيدۇ. - يۈزبېشى  ۋۇسۇڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81460
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4053
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2012-6-12
ئاخىرقى: 2012-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 09:10:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇلاسە:
يۇقىرىقىلاردىن تۆۋەندىكىدەك خۇلاسە چىقىرىشىمىز مومكىن:
ھېچنىمىزىم دىنسىزلاشقان ئەدەبىي ئېقىم بولۇپ، ئۇ: مەۋجۇدسىزلىقنى مەۋجۇدلۇقنىڭ ئاخىرلىشىشى- دەپ قارايدۇ، ھىچنىمىزىمنىڭ بۇ خىل قارىشىغا ماس ھالدا ھىچنىمىزىمچى ئەدىبنىڭ مەسئۇلىيتى ئىنسان ئۆز ھۇدۇدىدا تاكى ئۇ ئۆز ھاياتلىقىنى مەۋجۇتسىزلىققا پۇتۈنلەي مەبلەغ سالغانغا قەدەر ئۇ ئىنسان ئوي-خاتىرلىرىدە بىكىنىپ تۇرىدۇ،


شۇڭا كىتاپ ئوقۇغاندا، ياكى ماقالە ئەسەرلەرنى ئوقۇغاندا تاللاپ ئوقۇيلى، قارىغۇلارچە خەقلەرنىڭ نوپۇزىغا ئەگەشمەيلى، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنىڭ ئىممۇنىتىت سېستىمىسى ئانچە تەرەققىي قىلمىغانلار.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Gvljahan + 99 مەنمۇشۇنداق كۆز قاراش.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 99   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش