يىغلىما، ھەمشىرەم
يىراقتىكى ھەمشىرەم،
كۆرۈپ قالدىم كۆزلىرىڭدە ياش.
ئۆكسىگەن دەريا كەبى
توسۇپ قالالماس
توغان ئۈچۈن قويۇپ قويغان تاش.
يىغلاۋاتامسەن
بېشىڭدىكى ھېجابىڭ ئۈچۈن،
ئۈستۈڭدىكى جىلبابىڭ ئۈچۈن،
ۋە ياكى
يۈرەكتىكى ئىمانىڭ ئۈچۈن؟
يىغلاۋاتامسەن
بۆشۈكتىكى پەرزەنتىڭ ئۈچۈن،
«ئېزىپ» قالغان ھەمرايىڭ ئۈچۈن،
ۋە ياكى
يۈتۈپ كەتكەن ئارمانىڭ ئۈچۈن؟
يېنىڭدا
كىمىڭ باردى يېشىڭ سۈرتكىدەك؟
كىمىڭ باردى ئېرادەڭنى تۈرتكىدەڭ؟
زورىغا كۈلۈپ
كىمىڭ باردى بۇ ھاياتتىن كۈتكىدەك؟
بىلسەڭ
تۇرمۇش بىزنى شۇنداق قىينايدۇ،
ئىمان بىزنى شۇنداق سىنايدۇ،
كىمىڭ بار ئەمەس،
ئەڭ قۇدرەتلىك ئاللاھ سېنى يۆلەيدۇ،
ئۇندىن باشقا
ھېچكىم يۆلەپ يۈرمەيدۇ.
بىلسەڭ
ئاشكارا ۋە يوشۇرۇننىڭ بىلگۈچىسى،
ھەربىر ئىشنىڭ ئىرادە قىلغۇچىسى،
سېنى يالغۇز قويمايدۇ،
«ئاللاھ» دېسەڭ «بەندەم» دەيدۇ شۇ ھامان،
«ئاللاھ» دېگەن بەندە سۇلماس ھېچقاچان.
-خەندان مىسرالىرىدىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا salih133 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-26 06:55 PM