« باياۋاندىكى ئاشىق-مەشۇقلار» فىلىمى توغرىسىدا
( بۇ فىلىم جىڭ ياڭنىڭ شۇ ناملىق ئەسىرىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن. بۇ ھەقىقىي تارىخىي ۋەقە ئەمەس، فىلىمدىكى ۋەقەلىك خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن رىۋايەتلەر ئاساسىدا بەدىيلەشتۈرۈپ، 1985-يىلى جوڭگۇ مەرگىزى مۇزىكا ئۆمىگى ئىشلىگەن.) ئاساسلىق روللاردا: جاڭ دۇ فۇ-دا شىچاڭ. لىيۇ جىيا-ئاينۇر. ۋاڭ خوڭتاۋ-يۈ ۋەنتىڭ. ئىپار مەلىكە-ئاينۇر مو جۇۋلۇن-قادىر. چىمەنگۇل، ئەنىۋەر قاتارلىقلار
فىلىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى: چىيەنلوڭ زامانىسىدا چىڭ خاندانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى مەخسەت قىلغان جوڭخۇا گوروھىدىكىلەر بىلەن چىيەنلوڭ خان ئوتتۇرسىدا بىر مەيدان جاھاننى لەرزىگە سالىدىغان ئۇرۇش پەيدا بولىدۇ. جوڭخۇا گورۇھىدىكىلەر چىيەنلوڭنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئائىت موھىم بىر ئىسپاتنى قولغا چۈشۈرىۋالىدۇ ۋە بۇ سىرنى چىيەنلوڭنىڭ شىكارغا چىققان ۋاختىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭغا ئۇختۇرىدۇ ھەم چىيەنلوڭنى ئۆزلىرى بىلەن بىرلىشىپ، چىڭ خاندانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا دەۋەت قىلىدۇ. چىيەنلوڭ بۇ موھىم ئىسپاتنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن، جوڭخۇا گورۇھىنىڭ ئاتارمىنى-يۈەنتوڭنى قولغا كەلتۈرۈپ، ۋېن تەيلەننى زىندانغا تاشلايدۇ. ئۇلار بىرلا ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار ئېلىغا مەخپىي ئادەم ئىبەرتىپ،ئۇلارنىڭ مۇقەددەس كىتاۋىنى بۇلاپ، ئۇيغۇرلار ئېلىدا ماجرا تۇغدۇرماقچى بولىدۇ. بۇ چاغدا ئۇيغۇرلار جوڭخۇا گورۇھىدىكىلەر بىلەن بىرلىشىپ، بۇ مۇقەددەس كىتاپنى قولغا چۈشۈرىدۇ. ئۇيغۇرلار ئېلىدىكى چىمەنگۇل مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، جوڭخۇا گورۇھىنىڭ ئاتارمىنى چىن جازۇ بىلەن بىرلىكتە ۋېن تەيلەننى قۇتۇلدۇرۇشقا ئاتلىنىدۇ..... كىيىنكى تەپسىلاتىنى كۆرۈشكە قىزىقسىڭىز بۇ فىلىمنى كۆرۈشكە ئالدىراڭ!
يازغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى 2012-يىلى 26-ئاۋغۇست يېزىلدى.قەشقەر تېلفۇن:-13779894333
باشقۇرغۇچىدىن: بىز ئىلگىرى مەزكور ئەزانىڭ تىمىلىرىغا يېزىلغان ھەرخىل كەمسىتىدىغان..مازاق قىلىدىغان ....ئىنكاسلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ چۈشەندۈرگەن ...ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنداق ئىنكاسلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەي بىۋاستە ئۆچۈرىلىدۇ.. پىكىر- تەلىپىڭىز بولسا تىما تەستىقلىغان باشقۇرغۇچىغا ياكى باشقا ھەرقانداق باشقۇرغۇچىغا ئېيتسىڭىز بۇلىدۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-26 10:44 PM
|