مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 793|ئىنكاس: 11

ئائىلە تەربىيىسىنىڭ پەرزەنتلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى رولى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83654
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3957
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 189 سائەت
تىزىم: 2012-8-8
ئاخىرقى: 2014-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 12:04:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئائىلە تەربىيىسىنىڭ پەرزەنتلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى رولى ۋە ئەھمىيىتى توغرۇسىدا


بالىلار ئاتا-ئانىلارنىڭ كوز قارچۇغى،گوھىرى،ئۈمىدى! كىشىلىك جەمىيەتتە ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنىتلەرنىڭ مۇناسېۋىتىدەك يېقىن مېھرى - مۇھاببىنى ئوز ئىنسانىيەت ئالىمىدىكى يەنە بىر ئادەمدىن ئالالمايدۇ.پەرزەنىت بۇ دۇنياغا كوز ئاچقاندىن باشلاپلا ئاتا - ئانا پەرزەنىت ئۈچۈن ياشاشقا باشلايدۇ.كوزى بالا سەۋەپلىك كورىدۇ.يۈرىكى بالا سەۋەپلىك سوقۇدۇ.پەرزەنىت ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۈمۈدى، كەلگۇسى ئارزۇ ئارمانى! ئۇ ھاياتلىق مەشئىلىنى ئەۋلاتتىن -ئەۋلاتقا ئۇلاپ تۇرغۇچى رىشتە.ئاتا-ئانىلارنىڭ پۈتۈن ئارزۇ-ئارمىنى پەرزەنىت ئۈستىگە تېرىلىدۇ.يىمەي يىگىزىدۇ،كىيمەي كىيگۈزىدۇ.بالا سەۋەپلىك مېھنەت يۈكى ئېغىرلايدۇ.ھىچقايسى ئاتا -ئانا پەرزەنتىنىڭ  بەخىتسىز، ھارام تاماق بولۇپ قېلىشىنى خالىمايدۇ.ھىچقايسى بالىسىنىڭ يارامسىز بولىشىنى،قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ تۈرمىدە يېتىشىنى ئۈمۈت قىلمايدۇ.ئەپسۇسكى،ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا ئۇلارنىڭ تەقدىرىدە ئوخشاشمىغان قىسمەتلەر  كېلىپ چىقىدۇ.ھەتتا بىر قوساقتىن تۇغۇلغان ،بىر خىل مۇھىتتا چوڭ بولغان ،بىر ئاتا-ئانىنىڭ تەربىيىسىنى ئالغان ئىككى بالىنىڭ تەقدىرىمۇ ئوخشىمىغان قىسمەتلەر يۈز بېرىدۇ.

           ياخشى بالىلارنى كورگەنلەر ئۇلارنى تەربىيىلەپ ئوستۈرگەن ئاتا-ئانىلارغا  بارىكاللا ئېيتىىشىدۇ.يامان،ئەسكى بالىلارنى كورگەنلەر،ئاتا-ئانىلارغا لەنەت ئۇقۇشقا ئالدىرىشىدۇ.شۇڭا پەرزەنىتنى ياراملىق قىلىپ تەربىيىلەشنى ئويلىمايدىغان بىرمۇ ئاتا-ئانا بولمىسا كېرەك.

          بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە پەرزەنىت تەربىيىسىدىن ئىبارەت.پەرزەنىت تەربىيىسى ئادەتتە ئۈچكە بولىنىدۇ: ئائىلە تەربىيىسى،مەكتەپ تەربىيىسى،جەمىيەت تەربىيىسىدىن ئىبارەت.

         دەرەخنى بىخ ھالىتىدە پۇتاپ تۇرسا تۈز ئوسكىنىدەك،بالىنىڭمۇ كىچىك چېغىدا تەربىيىلىنىشى ئەتراپلىق بولسا كېيىن جەمىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىدۇ.

         توۋەندە بىر ژورنالدا ئېلان قىلىنغان <<ئولۈم جازاسى ھوكىم قىلىنغان بىر قاتىلنىڭ ئائىسىدىكىلەرگە يازغان خېتى>> ناملىق ماقالىنى كورۈپ ئوتەيلى:

          << دادا،ئاپا! مەن ئەمدىلا 19 ياشقا كىردىم.ئەمدى ساناقلىق كۈنلىرىملا قالدى.ياش تۇرۇپلا باشقىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولغان قاتىلغا ئايلىنىپ قالدىم.بۇ ئىشنى كىمدىن كورسەم بولار؟ دادا،ئاپا! كىچىك چېغىمدا سىلەر مېنى تولىمۇ ئەركە ئوستۈردىڭلار، نىمە قىلىمەن دېسەم شۇنىڭغا يول قويدۇڭلار.شۇنىڭ بىلەن مەندە راھەت - پاراغەتكە بېرىلىدىغان ،ھېچكىمنى كوزگە ئىلمايدىغان ،ھىچنىمىدىن تەپ تارىتمايدىغان ئادەت ۋە مىجەز شەكىللىنىپ قالدى.نەتىجىدە بۇلار مىنى جىنايەت گىردابىغا ئېلىپ كەلدى.مەن دائىم جەمىيەتتىكى بىر قىسىم بولمىغۇر ئادەملەر بىلەن ئارلىشىپ نۇرغۇنلىغان ئەسكى ئادەتلەرنى يۇقتۇرۋالغان چېغىمدا سىلەر مىنى توسىمىدىڭلار،مەن ئولگەندىن كېيىن، سىلەردىن ئىنىم - سىڭلىمغا قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ، مەندىن ئىبرەت ئالغۇزۇشىڭلارنى ئوتۈنۈپ سورايمەن.>>  بۇ گەرچە بىر ئاددى خەت بولسىمۇ ،بۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن چوڭقۇر مەزمۇن ھەر بىڭ ئەقىل ئىگىسىنى ئويغا سالماي قالمايدۇ.مانا بۇلار بىر ئادەمنىڭ ھاياتىدا ئائىلە تەربىيىسىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇدۇ.

            ئائىلىنىڭ ۋە ئائىلە ھاياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەخسىدى ۋە مۇددىئاسى پەرزەنىت تەربىيىسىدىن ئىبارەت.چۈنكى،پەرزەنىت بىر ئائىلىنىڭ ئەڭ ئەتىۋارلىق بېغى ۋە قىممەتلىك تۈرىكى،پەرزەنىتلەر ياراملىق تەربىيىلەنسە ئائىلىگە شاد-خوراملىق ۋە شان-شەرەپ ئېلىپ كىلىدۇ.يارامسىز پەرزەنىت ئائىلىگە كوپ رىيازەتلەر  كەلتۈرىدۇ.پەرزەنىتلەرنى تەربىيىلەش يالغۇزمۇ ئائىلىنىڭ مەنپىئەتى ،ئاتا-ئانىنىڭ خوشاللىقى ئۈچۈن بولمايدۇ.بەلكى ئۇلارنىڭ جەمىيەتكە ،ئەلگە ۋە ئىنسانىيەتكە پايدىلىق ئادەم بولىشى پايدىلىق ئادەم بولۇپ چىقىشنى ئالدىنقى نىشان قىلىدۇ. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمدىن بۇيانقى پەرزەنىت تەربىيىسىدىكى تۈپ مۇددىئاسى ،پەرزەنىتلەرنىڭ ئەل ئۇچۇن پايدىلىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى مەقسەت قىلغان.

            پەرزەنىت تەربىيىسى ئەڭ مۇشەققەتلىك ۋە ئەڭ بۈيۈك سەنئەت.بۇ سەنئەتنىڭمۇ ئوزىگە خاس قانۇنىيىتى بار.ئىنسانىتەتنىڭ تۇنجى مەكتىۋى ئائىلە بولغان.

            ئائىلە دىگەن نىمە؟

           ئائىلە ئاتا -ئانا ،پەرزەنىت ،بوۋا-مومىلاردىن تەركىپ تاپقان كۈندىلىك پائالىيەتنىڭ كوپ قىسمى ئىجرا قىلىنىدىغان بىر ئىللىق ماكان.ھەقىقى،ساپ مېھرى-مۇھەببەتكە تولغان ئوز-ئارا شەخسىيەتسىزلىكنى تەرىك ئەتكەن بىر ماكان.ئائىلە بىر ئادەمنىڭ ئوسۈپ يېتىلىشىدە شۇنچە مۇھىم رول ئوينامدۇ؟   توۋەندە بىز بۇ مىسالنى كورۇپ ئوتەيلى:

            19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گېرمانىيەدە خېزىردەك بىر ئادەم دۇنياغا كېلىدۇ.ئۇ سەككىز-توققۇز يېشىدىلا  نېمىسچە،فىرانسوزچە،ئىتالىيىچە،لاتىنچە،ئېنگىلىزچە ۋە گېرىكچە تىلىنى بىمالال سوزلەيدىغان بولىدۇ.شۇنداقلا زوئولوگىيە،بوتانىكا،خېمىيەلەردە  بەلگىلىك دەرىجىدە بىلىپ بولىدۇ.توققۇز يېشىدا لېبىزىك ئونۋېرسىتىغا ئىمتاھان بېرىپ ئوتۈدۇ.14 يېشقا توشماي تۇرۇپلا پەلسەپە،دوكتۇرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ.16 يېشىدا قانۇنچىلىق ساھەسىدە دوكتۇرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىرگە بېرلىن ئونۋېرسىتى قانۇن پاكولتىتىنىڭ پىراپىسورلىقىغا تەيىنلىنىدۇ.بۇ بالدۇر يېتىلگەن كارامەت ئەزىمەت بولسا ئەينى چاغدا گېرمانىيىدە نام شوھرەت قازانغان ئاتاقلىق قانۇنشۇناس كارل ۋېتىر ئىدى.شۇنىڭ بىلەن گېرمانىيەدە كارل ۋېتىرنىڭ بۇ قابىليىتىنى تۇغما تالانىتتىن كەلگەن دىگەندەك غۇلغۇلا قوزغىلىپ،نۇرغۇن كىشىلەر كارل ۋېنتىرنىڭ ئائىلە تەربىيىسىگە قىزىققان،شۇنىڭ بىلەن ۋېنتىرنىڭ دادىسى <<كارل ۋېنتىرنىڭ پەرزەنىت تەربىيىسى>> دىگەن دەستۇرىنى يېزىپ چىقىدۇ.كارل ۋېنتىرنىڭ مانا مۇشۇنبداق كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك زور مۇۋەپپىقىيىتى زادى نەدىن كەلگەن؟

  بۇ مەسىلە بىز ھەممىمىزنى قىزىقتۇرىدۇ. ئەلۋەتتە دەسلەپكى تەربىيىدىن كەلگەن.ئۇنداقتا دەسلەپكى تەربىيە دىەەن نىمە؟

          دەسلەپكى تەربىيە دىگىنىمىز - بالاتۇغۇلۇپ ئوقۇش يېشىغا يەتكۈچە بولغان ئارلىقتا ئۇلارغا ئېلىپ بېرىلىدىغان پىلانلىق سېسىتمىلىق،تەربىيەنى كورسىتىدۇ. دەسلەپكى ياىشى تەربىيە بالىلار ئەقلىنىڭ تەرەققى قىلىشىدا ئىجابى رولىغا ئىگە. نۇرغۇنلىغان ئالىم، مۇتەپپەككۇر ۋە تالانىت ئىگىللىرىنىڭ، شۇنىڭدەك ئەقلى ئادەتتىكىدىن يۇقۇرى بالىلارنىڭ جەمئىيەتكە تونۇلىشى ، ئۇلارنىڭ بالىلىق دەۋرىدىن باشلاپلا جىسمانى جەھگــخن ساغلام ئوسۈپ يېتىلىش شارائىتىغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن،بەلكى ئەڭ مۇھىمى ئەقلى تەرەققىيات جەھەتتىمۇ، دەسلەپكى ياىشى تەربىيە شارائىتىگە ئىەە بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر.

        پەرزەنىت ئۈچۈن، مىڭ بىر جاپا چەكسىمۇ بۇنىڭدىن زارنىلىدىغان ئاتا - ئانىلارنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ئاتا - ئانىلارنىڭ پەرزەنىتلەرگە بولغان مىھرى - مۇھەببىتىدىن ھېچكىممۇ شۇبھىلەنمەيدۇ.ئەمما شۇنىمۇ ئېيتىش كېرەككى، پەرزەنىتلەر يالغۇز ئاتا - ئانىغىلا تەئەللۇق ئەمەس. ئۇلار مۇستەقىل ھالدا جەمىيەتكە ،كەلگۈسىگە قەدەم تاشلىغاندا دەۋىرنىڭ ئېغىر يۈكىنى ئۈستىگە ئالالامدۇ - يوق؟

        ھازىرقى نۇرغۇن بالىلار ئاتا - ئانىلارنى ھەم جەمىيەتنى قاتتىق ئۈمۈتسىزلەندۈرۈپ قويىۋاتىدۇ.جەمىيەتتىكى ئىشلارنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ. بالىلارنى باشقۇرۇشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. مەسىلە زادى نەدە؟ قەمىيەتنىڭ مەسۇلىيىتىمۇ؟ ياكى بالىلارنىڭ سەېەنلىكىمۇ؟ ۋە تاكى ئاتا - ئانىلارنىڭ تەربىيىلەش ئۇسۇلىدا مەسىلە بارمۇ؟

        بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى ئالدى بىلەن بالا كىچىك چېغىدا ئوسۈپ چوڭ بولغان ئائىلە مۇھىيىتىدىن يەنى ئائىلە تەربىيىسىدىن ئىزدىشىمىز لازىم.

         پەرزەنىتلەرنىڭ دۇنياغا كوز ئېچىشى ئائىلىگە خوشاللىق ،بەخىت ،ئۈمىد ۋە ئىلھام ئېلىپ كېلىدۇ. قەمىيەت ئۈچۈن ھاياتى كۈچ بېغىشلايدۇ. بۇ خىل خاسىيەتنى ئۇيغۇر خەلقى <<بالىلىق ئوي بازار، بالىسىز ئوي مازار.>> دەپ ىۇلاسىلگەن. ئائىلە تەربىيىسى ئوزگۈچە  ئالاھىدىلىكى بىلەن  باشقا تەربىيىدىن پەرىقلىنىپ تۇرۇدۇ. ئۇنىڭدا ئىستىخىلىق خارەكتىر نىسبەتەن ئاجىز، يەنە بۇ تەربىيىدە بالا بەلگىلىك تەربىيە تەسىرى مەكتەپتىكىگە ئوخشاش مۇقىم ،مۇنتىزىملاشان تەربىيىۋى تۈزۈمنىڭ ھەيدەكچىلىكى بىلەن  ئەمەس بەلكى بىر قەدەر ئەركىن ، ئىختىيارى مۇھىت شارائىتىدا قوبۇل قىلىدۇ. لېكىن ئائىلە تەلىم - تەربىيىسىنىڭ تەسېرى ۋە ئۈنىمىنىڭ قانداق بولىشى بىلەن زىچ مۇناسېۋەتلىك. شۇنىڭ ئۈچۈن ،ئائىلە تەربىيىسىدە ،ئاتا-ئانىنىڭ شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئائىلە تەربىيىسى بىلەن چېتىشلىقى بولغان ھەر بىر ئەزانىڭ بالىغا بولغان تەلىپىنىڭ بىردەكلىكىنى تەكىتلەش ۋە تەشەببۇس قىلىش ئىنتايىن زورۈردۇر. مەن ئائىلە تەربىيىسىنى توۋەندىكىدەك توت نۇقتىغا يىغىنچاقلىدىم:

      1 - بالىلارغا مۇۋاپىق  بىلىم تەربىيىسى بېرىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ يوشۇرۇن قابىلىيىتىنى ئېچىش لازىم

       پىسخىلوەلارنىڭ تەتقىق قىلىشىچە ،تەبىئىي خۇسۇسىيەت(تەبىئىي ىۇسۇسىيەت دېگىنىمىز - ئادەملەردە تۇغۇلىشىدىنلا بار بولغان ئاناتومىيىلىك ، فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكلەرنى كورسىتىدۇ. بۇ ئاساسلىقى ھەر قايسى سەزگۈ ئورگانلىرى، ھەرىكەت ئورگانلىرىۋە نېرۋا سېسىتمىسىنىڭ فۇنكىسىيە ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلارنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ.) جەھەتتىن ساغلام تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ھەممىسىدە ئەقلى تەرەققىيات بىلەن مۇناسېۋەتلىك بولغان 0يۇشۇرۇن ئىقتىدار بولىدىكەن؛ بۇ يۇشۇرۇن ئىقتىدار كېمىيىپ بېرىش قانۇنىيىتى بويىچە تەرەققى قىلىدىكەن . بالا تۇغۇلىش بىلەنلا پىلانلىق،سېستىمىلىق تەربىيە ئېلىپ بېرىلسا ، ئۇ ھالدا يۇشۇرۇن ئىقتىدار 0يېتىلىدىكەن. ئەەەر بەش ياشتىن باشلاپ تەربىيىەە ئىگە بولسابالىنىڭ 4 يىللىق ۋاختى بىكار ئوتۈپ كەتكەنلىكتىن، يۇشۇرۇن ئىقتىدارى %80يېتىلىدىكەن. ئەگەر 8 يېشىدىن باشلاپ تەربىيە كورگەندە بالىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارى %60يېتىلىدىكەن.

      مىلىم ئىگەللەش ئەقلى ئىقتىدارنى ئالدىنقى شەرىت قىلىدۇ. بالىلارنىڭ ئەقلى قابىليىتى قانچە يۇقۇرى بولسا، ئۇلار ئوزلىرگە ئېھتىياجلىق بولغان بىلىملەرنى خالىغان مىقداردا شۇنچە تېز ئىگېلىۋالالايدۇ ۋە ئۇنى شۇنچە جانلىق ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلالايدۇ.  بالىلارنىڭ ئەقلىنى ئېچىش بولىپمۇ يوشۇرۇن قابىلىيىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش خۇددى بىر ئادەمگە ئالتۇن سوغا قىلغاندىن كورە ،<<ئالتۇن تاۋلاش ھۈنىرى>> نى ئۈگۈتۈپ قويغاندەك ياكى بىر ئادەمگە دەريادىن بىر بېلىق تۇتۇپ سوغا قىلغاندىن كورە ، <<بېلىق تۇتۇش ئۇسۇلى>> نى ئوگۈتۈپ قويغاندەك تۇگۈمەس - پۈتمەس ئەھمىيەتكە ئىگە.
بالىلارنى يېمەك - ئىچمەكنى قەدىرلەيدىغان ئاددى - ساددا كەڭ قوساق قىلىپ تەربىيىلەش لازىم.

         ئۇزۇق - بالىنىڭ جىسمانى جەھەتتە ساغلام ئوسۈپ يېتىلىشىنىڭ ماددى ئاساسى. ئاتا -ئانا بولغۇچى بالىنى بەك ئەركىلىتىۋەتسە، مەيلىگە قۇيۇۋەتسە، نەپسىنى زىيادە قىلىۋەتسە، بالىنىڭ پۈتۈن خىيالى يېمەك - ئىچمەكيە بولۇپ كاللىسى تازا ئىشلىتەلمەي

دۇ . بىر بالا ئۈچۈن ئالتە ئادەم (ئاتا - ئانىسى، ئىككى بوۋىسى، ئىككى مومىسى) خىزمەت قىلىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋىردە بالىغا تاماقنىڭ ئېسىلىنى يېگۈزىدىغان ئەگەر بالا بۇ تاماقنى ياقتۇرمىسا ،باشقا خىل تاماقنى ئېتىپ بېرىدىغان ئادەت ھەممە ئائىلىدە مەۋجۇت. ئاتا - ئامىمىڭ بۇ خىل كويىمچانلىقى بالىنىڭ سەبىئىي قەلبىدە ئىسراپچىلىق،ئاشلىقنى قەدېرلىمەسلىك ،تاماق تاللاش ،ھاكاۋۇرلىق قىلىش ،ھەممىدىن يامىنى ئاچكوزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ. ئاچكوزلىك ئادىتى بالىلاردىكى تەبىئىي خۇلىق ئەمەس، ئۇنى ئاتا - ئانىنىڭ نادانلىقى ۋە مەيلىگە قۇيۇۋېتىشى كەلـۈرۈپ چىقارغان. كوپلىگەن ئاتا - ئانىلار بالىسىنىڭ تېزرەك چوڭ بولىشىنى ، ساغلام، قاۋۇل بولىشى ئۈچۈن نىمىنى پايدىلىقكەن دەپ ئاڭلىسا ،شۇ ھامان بالىغا شۇنى يېگۈزۈپ بالىنى زىيادە ئوزۇقلاندۇرۋېتىدۇ. بۇ خىل ھالەت بالىنىڭ ئوسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز. بالىغا يېتەرلىك تاماق بەرسىلا ھەرگىز ئاچ قالمايدۇ. بالا بەك ئاچكوز بولمىسىلا ئۇنىڭغا تاماقلىنىشنىڭ بىر خىل مۇھىم، كىشىنى ىوشال قىلىدىغان، ئوزى خالايدىغان ھەم قىلالايدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش كېرەك. بالىنى كىچىكىدىن تارتىپ يىمەك - ئىچمەكنى قەدىرلەشكە، ئىسراپ قىلماسلىققا دەۋەت قىلىشى، كەڭ قوساق بولىشنى ئوگۈتۈش كېرەك.

       دېمەك،  ماددى جەھەتتىن تەلىپى تولىق قاندۇرۇلغان بالا ئاچ مىجەز يەنى تويماس نەپسانىيەتچى بولىدۇ.

3- پەرزەنىتلەرگە ئوسمۈرلىك چاغلىردىن تارتىپ،ئوز ئىقتىدارى يار بېرىدىغان ئىشلارنى ئوزىنىڭ قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش ۋە ئۇلارنى شۇنىڭغا  ئادەتلەندۈرۈش كېرەك.ھىچ بولمىغاندا ئائىلە ئىشلىرغا ياردەملەشتۈرۈش،ئوزىنىڭ ئىشىنى ئوزىگە قىلدۇرۇش كىرەك.

          چەتئەللەردە ئائىلە تەربىيىسىدە <<شىرچە ئادەم تەربىيىلەش>> ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ.شىر ئورماننىڭ سەردارى. ئۇ، بالا شىرغا تاغدىن يامىشىشنى ئوگۈتۈش ئۈچۈن بالىسىنى تاغدىن ئىتتىرۋېتىپ،بالىسىنىڭ يامىشىپ ئۈستىگە چىقىشىنى كۈتىدۇ.چەتئەلدە ئاتا - ئانا بولغۇچى ھەر بىر كىچىك ئىشتا بالىسىنىڭ مۇستەقىللىق روھىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. تاماقنى بالا ئوزى يەيدۇ. چېچىۋەتسىمۇ ،يېيەلمەي يىغلىسىمۇ ئاتا - ئانا بولغۇچى ،بالىغا ھەرگىز ياردەم بەرمەيدۇ.ئەگەر بالا يېقىلىپ چۈشكىدەك بولسا، ئاتا - ئانا، ئوزىنىڭ قوپۇپ مېڭىشىنى كۈتۈدۇ. شۇ ئارقىلىق بالىدا ھەرقانداق قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ھېچكىمنىڭ ياردەم قىلالمايدىقانلىقىنى پەقەت ئوزىگىلا تايىنىش كېرەكلىكىنى ھىس قىلدۇرۇدۇ.لېكىن بىزدە بولسا خېلى چوڭ بولغۇچە تاماقنى ئاتا - ئانا بولغۇچى يېگۈزۈپ قويىدۇ.ئەگەر بالا يېقىلىپ چۈشكىدەك بولسا ،بالىنى يولەپ تۇرغۇزۇپ، يېقىلغان يەرنى دەسسەپ ، بالىغا يەرنى تىللاپ بېرىدۇ. شۇ ئارقىلىق بالىنىڭ يېغېسىنى توختۇتىدۇ. لېكىن بۇ ئارقىلىق بالىنىڭ گودەك قەلبىدە بىرەر ئىشقا يولۇققاندا باشقىلاردىن باھانە ئىزلەيدىغان،باشقىلارغا دوڭگەپ قۇيۇدىغان. ئوزىنىڭ خاتالىقىنى ئېتېراپ قىلمايدىغان خارەكتېرنى بەلگىلەپ قۇيۇشى مۇمكىن.  كورىيەنى ئېلىپ ئېيىتساق مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا بىزنىڭكىگە ئوخشاش بالىلارنى ساقلاۋاتقان ئاتا - ئانىلارنى كورەىلى بولمايدۇ.بالىلار مەكتەپكە ئوزى بېرىپ ، ئوزى قايتىپ كېلىدۇ.

        يۇقۇردا دەپ ئوتكەندىكىدەك،شىر ئورماننىڭ سەردارى ئاتا - ئانا بولغۇچى پەرزەنىتنىڭ شىردەك باتۇر ، چىداملىق بولىشىنى ئارزۇ قىلىدىكەن. ئۇنداقتا، قاتتىق قول بولىشنى ئۈەۈنىشى لازىم.خۇددى <<ئۇستازى زالىم بولسا، شاگىرتى ئالىم بولۇر.>> دىگەندەك.بۇ دىگىنىمىز پەرزەنتىڭىزنى شىردەك ئېەىزلىكتىن ئىتتېرۋېتىڭ ،دىەەنلىك ئەمەس ھەممىنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاش كېرەك. بالىلار بىر نەرسىنى تۇتالايدىغان بولغاندا ،تاماقنى ئوزى يېيىش، ماڭالايدىغان بولغاندا، نەرسىلەرنى ئۇياقتىن -بۇياققا  يوتكەشنى ، ئوزىنىڭ ھوددىسىدىن چىقىشنى ئوگۈنىش، ئۇ ئىشنى ئوزى قىلمىسا ، باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا ياردەم قىلالمايدىغانلىقىنى ،ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىگە سىڭدۈرۇش لازىم.

           ئەمىليەتتە بالىلار تاشقى مۇھىتتا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا، باشقىلارنىڭ ەەپ سوزلىرگە،ئىش - ھەركەتلىرگە بەك قىزىقىدۇ. ئۇلارنى دوراپ باققىسى كېلىدۇ، ئۈگۈنىۋالغۇسى كىلىدۇ.،. لېكىن كوپ ئىشلاردا بىز ئۇلارغا مەدەت بەرمەكتە يوق،<<  ئېگىز جايغا چىقما يېقىلىپ چۈشىسەن، پىچاجنى ئوينىما قولىڭنى كېسىۋالىسەن ،بولدى قۇيۇپ قوي سەن قىلالمايسەن.>> دىگەندەك بىر قاتار سوزلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ھەركىتىنى چەكلىۋالىمىز. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا ئوزىگە ئىشىنالمايدىغان ھال؛ەت شەكىللىنىدۇ-دە،ھەممە ئىشتا باشقىلارغا تايىنىۋالىدۇ. بالىلارنى ھەممە ئىشتا ئوزىگە تايىنىدىغان چىداملىق، قەيسەر، مۇستەقىللىق روھىغا ئىگە قىلىپ تەربىيىلەش، مانا بۇ كويۈنىش.

           بىز دائىملا بالىلارنىڭ ھاياتى كۈچىگە سەل قارايمىز. ھىچنىمە قىلالمايدۇ دەپ قاراپ،ھەممىنى ئوزىمىز قىلىپ بېرىمىز. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھېچنىمە قىلالمايدىغان چوڭ بولىدۇ. بالىلار ھەرەىزمۇ ئاتا- ئانىلار بىلەن بىر ئومۈر ياشىمايدۇ.جەمىيەتتە نۇرغۇن مەسىللەردە، قىيىنچىلىقلارغا يولوقىدۇ. توسالغۇغا يولىققاندا ئوزىنى قاچۇرماسلىق كېرەك.ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئالدىدا توسالغۇلارنى يېڭىپ،بېرىشكە تېىىمۇ بولمايدۇ.ئۇلار رېقابەتتە يېڭىشى كېرەك، بولمىسا ھالەك بولىدۇ بۇ ھەقىقەت

4- بالىلارنى ئەدەپ ئەخلاقلىق، سەمىمى، كۆيۈمچان، ھىسداشلىق تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىپ تەربىيىلەش لازىم.

        <<ئەخلاق ئادەم زىننىتى>>،  << دۆلەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش>> تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئەخلاقنىڭ ئەڭ مۇھىم تىزگىنلىگۈچى كۈچ ئىكەنلىكىنى تونىماي تۇرالمايمىز. پەرزەنىتلەرگە بېرىلىدىغان ئەدەپ -ئەخلاق تەربىيىسى، ئائىلە ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك تەلىم - تەربىيە مەزمۇنىنىڭ ئەڭ مۇھىم سالمىقىنى ئىگەللەيدۇ. ئۇيغۇر جەمىيىتىدە پەرزەنىتلەرنىڭ تەربىيە كۆرگەن ياكى كورمىگەنلىكىنى ئۆلچەشتە، بىلىملىك ياكى بىلىمسىز بولىشىدىن كۆرە ئەخلاق - پەزىلەت جەھەتتىكى تەلەپنى يۇقۇرىراق ئورۇنۈا قويىدۇ. چۈنكى، كىشىلىك مۇناسىۋەت جەريانىدا ئەڭ روشەن ۋە   گەۋدىلىك ئىپادىلنىپ تۇردىغىنى ھەر بىر ئادەمنىڭ پەزىلىتى، ئەدەپ ئەخلاق تەربىيىسى پەقەت تەربىيىلەشكىلا باغلىق.

           ئەدەپ - ئەخلاقتا ياخشى تەربىيە كۆرگەن بالىلار << قان بىلەن كىرگەن خۇي، جان بىلەن چىقار. >> دىگەندەك ئۆمۈرلىك گۈزەللىك <<لىباس>> نى كىيىدۇ.بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى كىچىك چېغىدىن تارتىپلا پەرزەنىتلەرنى ئەدەپكە ئۆگۈتۈش،ئۇلاردا ئېسىل پەزىلەت يېتىلدۈرۈش لازىم.

           ئۇنداقتا  بالىلاردا ياىشى پەزىلەتنى قانداق يېتىلدۇرۇش كېرەك؟

ئەڭ ئاۋال ياخشى پەزىلەتنى ئاتا - ئانا بولغۇچى ئۆزىدە يېتىلدۈرۈشى كېرەك. بالا بوۋاقلىق ۋاختىدىن باشلاپلائۆسمۈرلىك دەۋرىگىچە، بالىغا ئەڭ ئاۋال تەسېر قىلىدىغىنىمۇ ئاتا- ئانا، ئاتا - ئانىنىڭ يۈرۈش- تۇرۇش، سۆز - ھەركىتى،تاماق يېيىشتىن تارتىپ، ئۇخلىغىچە بولغان ھەر بىر جەريان، ھەر بىر ھالقا بالىنىڭ سەزگۈ كۆزىدىن ھەرگىزمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. كۆپىنچە ئاتا - ئانىلار بالىسى ئالدىدا ئۆز - ئارا سوقىشىدۇ، بىر - بىرىنى ھاقارەتلەيدۇ. لېكىن بالىنىڭ ئېغىزىدىن ھەر خىل ئەدەپسىز سوزلەرنى ئاڭلىغاندا بولسا ئاچچىقلىنىپ غەزەپلىنىدۇ. بالىسىغا << ئەدەپسىز سۆزلەرنى قىلماسلىق، ئۇرۇشماسلىق >> توغرىسىدا تەربىيە بېرىدۇ.بۇ خۇددى تاماكا چېكىپ تۇرۇپ، باشقىلارغا تاماكا چېكىش سالامەتلىككە زىيانلىق >> دەپ تاماكا تاشلاشقا دەۋەت قىلغانغا ئوخشاش بىر ئىش.بەزى ئاتا - ئانىلار بالىلىرى تەڭتۇشلىرى بىلەن سوقۇشۇپ، تاياق يەپ كىرگەندە ئۇنىڭغا، بالىسىنى << ئۇ يىگەن تاماقنى ساڭىمۇ بېرىۋاتىمەن، نىمىشقا ئۇنى ئۇرالمىدىڭ....؟ >>  دىگەندەك سۆزلەر بىلەن بالىسىنىڭ سەبىي قەلبىگە رەھىمسىزلىك، قىساس ئېلىش، ئۆكتىچىلىك ئۇرۇقىنى چاچىدۇ. بۇنداق تەربىيە ئاستىدا چوڭ بولغان بالا كەلگۈسىدە ئۇرۇش - جېدەلدىن قاچمايدىغان قانخور، لۈكچەك بولىپ چىقىشى مۇمكىن.

                                       بالىلارنى راسىتچىل، سەمىمى تەربىيىلەش كېرەك.

         ھازىرقى بالىلارنىڭ كوپ سالمىقى، يالغانچى، گېپىدە تۇرمايدىغان، ھېلى قىلغان گېپى ھېلى يوك بولىپ يېتىشىپ چىقىۋاتىدۇ.

                                      ئۇنداقتا بالىلار يالغانچىلىكنى نەدىن ئۆگۈنىدۇ؟

         ئاتا - ئنا بالىشا يالغان سوزلەشنى ئوزى ئوگۈتىدۇ. ئتا - ئانىلار ئۆيدە مۇھىم ئىش چىقىپ قالسا، بالىسىنى مەكتەپكە بارغۇزماي ئاغرىپ قالغانلىق توغرىسىدا يالغان رۇخسەت سوراش خېتىنى ئوقۇتقۇچىغا ئەۋەتىدۇ. ئۆيدىكى بىرەرىنى بىرەرسى ئىزلەپ كەلگەندە، ئاتا - ئانا بولغۇچى مىنى << ئۇ يەرگە كەتتى مىنى ئۆيدە يوق >> دېگىن دەپ ئۆگۈتىدۇ. شۇنەڭ بىلەن بالىنىڭ ئېڭىدا يالغان گەپ قىلسىمۇ يىچقانداق زىيىنى يوقتەك ئاڭ شەكىللىنىپ ،يالغان سۆزلەشنى ئۆگىنىدۇ. بالىلار  راس گەپ قىلغاندا جازاغا ئۇچۇرسا ، يالغان سۆزلەيدىغان بولۇپ قالدۇ. بەزى ئاتا -ئانىلار بالا راس سۆزلەپ خاتالىقىنى ئىتراپ قىلغاندا ، ئاچچىقىنى باسالماي بالىنى ئەيىپلەيدۇ،ھەتتا ئۇرىدۇ. كىلەر قېتىم يالغان سۆزلەپ خاتالىقىنى يۈشۈرغاندا بولسا ،ھىچقانداق ئەيىپلەشكە ئۇچۇرمايدۇ. نەتىنجىدە بالا راس سۆزلىگەندە جازاغا ئۇچۇرايدىغانلىقىنى ، يالغان سۆزلىگەندە جازاغا ئۇچۇرمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ ، تەبىي ھالدا يالغان سۆزلەيدۇ. شوڭلاشقا ئاتا -ئانا بولغۇچى ھەربىر سۆز-ھەركىتىدە بالىغا ئۆلگە بولشى لازىمدۇر.

بالىلاردا ھىسداشلىق تۇيغۇسى يىتلدۇرۇش لازىم

       ئادەم تۇغۇلىشىدىنلا ئەخلاقلىق. ياكى ئەخلاقسىز بولۇپ تۇغۇلمايدۇ. دەسلەپكى ئاڭلىغان ، كۆرگەنلىرى بالىنىڭ ئەخلاقى ھسياتى ، ئەخلاق ھەركىتى ۋە ئەخلاقنى تۇنۇشقا ئۇل سالىدۇ. باھارلىق ئالىي جاناپ ئاڭ ۋە مىجەز گودەك قەلىبتە ھېسداشلىقتىن باشلىندۇ. كىچىكىدىن باشلاپ ھېسداشلىق تۇيغۇسىغا ئىگە بولغان بالىلار ئاقكۆڭۈل ، باشقىلارغا كۆڭۈل بولدىغان بولىدۇ. ئۇلار مۇقەررەر ھالدا ئاتا- ئانىسى ،ئۇرۇق- تۇققانلقىرى ،ئۇستازلىرى ۋە كىچىك دۇسلىرىغا كۈيۈنۈپلا قالماستىن ، يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ۋەتەننى ، ئىنسانىيەتنى ۋە باھارلىق گۈزەل نەرسىلەرنى سۆيىدىغان ، ھەرخىل نەپسانىيەتچىلىك ۋە جىنايى قىلمىشلاردىن قاتتىق يىرگىرندىغان بولۇپ يېتىلىدۇ.

       ئۇنداقتا بالىلاردا قانداق قىلغاندا ھېسداشلىق تويغۇسىنى يېتىلدۇرگىلى بولىدۇ؟

بالىلارغا كۆيۈنۈش ، لېكىن ئاشكارە كۈيۈنۈپ كەتمەسلىك كېرەك. كۆيۈنۈپ مېھرى -شەپقەت يەتكۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارغا قائىدەسۆزلەپ ، ئۇلارنىڭ بەڭباش ، مىشچان بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. پەرزەنىتلەرگە كىچىكىدىن باشلاپ مېھرىبانلىق ، باشقىلارغا كۆيۈنۈش ،كىشلەرگە كۆيۈنۈش تەربىيسىنى ئېلىپ بېرىش كېرەك. پەقەت سۈيۈنىشنىلا ئەمەس ، ئالدى بىلەن سۈيۈشنى ئۆگىتىش لازىم. باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشتا ئاتا-ئانىلار ئۆزى ئۆلگە بولىشى ،تەسىرى ئارقىلىق ياخشىلىق قىلىشنىڭ قەدىر-قىممىتىنى  ھىس قىلدۇرۇش لازىم.

       بۇنىڭدىن باشقا بالىلارنى ئەدەبىيانىڭ تەسىرلەندۈرۈش كۈچىدىن پايدىلىنىشقا يىتەكلەش لازىم. نۇرغۇنلىغان بالىلار چۆچەكلرى ، بالىلار ھېكايىلىىرى ،بالىلار ناخشىللىرىدا باتۇرلۇق بېلەن قۇرقۇنچاقلىق ، ئاقكۈڭۈللۈك بىلەن رەزىللىك ، ئۆزىنى بېغىشلاش بىلەن نەپسانىيەتچىلىككە ئائىت  ھەرخىل ئوبرازلار تەسۋېرلەنگەن بولۇپ ئۇلارنى بالىلارغا ئوقۇپ بېرىش ، ئۆز تىلغا ئايلاندۇرۇپ سۆزلەپ بېرىش ئارقىلق بالىلارنىڭ قەلبىدە باشقىلارنى قانداق سۈيۈش باشقىلارغا قانداق ھېسداشلىق قىلىش ئىستىكىنى قوزغىتىش لازىم. بالىلار كىچىكدە ئاڭلىغان نەرسىلەرنى ئۆمۈر بويى ئۇنۇتمايدۇ. چىنلىق بىلەن ئاقكۆڭۈللۇق ۋە گۈزەللىك ھېسياتى ئۇلارنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ يېتىلىپ بارىدۇ.

      دېمەك ، پەرزەنىتلەرنىڭ ئەخلاقلىق ، قاپىلىيەتلىك ،پەزىلەتلىك بىر ئەۋلات بولۇپ تەربىيلىنىپ چىقىشىنى ئاساسلىقى ئائىلە ئۈستىگە ئالىدۇ. چۈنكى ئائىلە بىر تەرەپتىن ئاتا ئانىلار پەرزەنىتلەر ئۈچۈن مەڭگۈلۈك تەربىيچى ، پەرزەنىتلەر ئاتا -ئانىلاردىنمۇ ياخشاراق ياشىشى ، ئاتا -ئانىلاردىن مەدىنىيەتلىك ،ئىقتىدارلىق ، ياشاش روھىغا باي بولىشى كېرەك، پەرزەنىتلەر ئۈچۈن ئائىلە تەربىيسى ئاش ناندىنمۇ مۇھىمراق ، ئاش -نان پەقەت ھاياتقىلا كاپالەتلىك قىلىدۇ. تەلىم -بەربىيە تىرىك ئۈلۈك بولۇپ قالماسلىققىلا كاپالەتلىك قىلىدۇ. << نېمە تېرىساڭ شۇنى ئالىسەن>>دىگەندەك ئاتا ئانىلار ئۆز پەرزەنتىنىڭ ياراملىق ئىختىساسلىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن چۇقۇم ئائىلە تەربىيسىگە سەل قارىماسلىق لازىم . ئالىلە تەربىيسى ئۆسۈپ يېتىلىشگە مۈھىم رولغا ئىگەhttp://web.almizar.com/edebiyat/korush/13.html


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83084
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4024
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 168 سائەت
تىزىم: 2012-7-27
ئاخىرقى: 2014-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 01:42:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ ئوغلۇم 3 ئايلىق بولدى ، مېنىڭمۇ ئوغلۇمنى شۇنداق ياراملىق ئىزباسار قىلىپ تەربىيلەپ چىققۇم بار ، لېكىن قانداق تەربىيلەيمەن ، بېشىم قاتتىغۇ زادى . ئائىلە تەربىيىسى بۇرۇنقى چاغلاردا ئەخلاق تەربىيىسى ، دىن تەربىيسى بولغان بولسا ھازىرقى ئۇيغۇر جەمىيىتىمىزدە بولسا ئەخلاق ، كىملىك ، غورۇر ،ئادىمىيلىكنى ئاساس قىلىشقا ئۆزگەردى . ھازىرقى يېڭى ئۇيغۇر ئاتا - ئانىلىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتى بەك ئېغىر دەپ قارايمەن ، بىزنىڭمۇ بالىمىزنى مىللىي غورۇرغا ئىگە ، ئېتىقادلىق ، ئىقتىساد ئىگىسى قىلىپ تەربىيلىگۈمىز بار ، لېكىن ھازىر قارايدىغان بولسا ساپلا قوش تىل ، دىننى ئۆگىتىشكە بولمايدۇ ، ئەتراپىمىز ئەخلاقسىزلىق بىلەن تولغان . ھازىرقى جەمىيەتتە ئانا تىلنى كىچىك سەبىيلەرنىڭ ئانا تىلى قىلىپ تاللاتقۇزۇشمۇ گەپ بولدۇغۇ زادى .

ئېيىق ئادەم بولمايدۇ مىڭ يىل يۈدۈپ باقساڭمۇ؛ يەرگەپاتماس شوينىنى بازغان بىلەن قاقساڭمۇ؛ ئىچىڭ قارا بولسا  گەر ئاقارمايسەن ئۆلگۈچە؛ناشتىلىققا سوپۇن يەپ دەريالاردا ئاقساڭمۇ..........

بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68426
يازما سانى: 923
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8528
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 865 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 01:46:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا فەرزەنتلەنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن.

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ  ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7949
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 01:54:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە تەربىيە ئائىلىدىن باشلىنىدۇ . ئائىلە بۈيۈك مەكتەپ . ھەرقانداق مەكتەپمۇ ئۇنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ . ئائىلىنىڭ رولىنى چۈشەنمىگەن ئادەم ئەڭ نادان ئادەم بولسا كېرەك .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82956
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5025
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 323 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 02:05:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
izqin.com يوللىغان ۋاقتى  2012-8-26 01:42 PM
مېنىڭ ئوغلۇم 3 ئايلىق بولدى ، مېنىڭمۇ ئوغلۇمنى شۇنداق ي ...

‹‹ ئوقۇماي ئۇستازلىق قىلما›› دەپ بىر كىتابتا ئوقۇغان ئىدىم، ھەدىسمۇ ياكى ئىسلام ئالىملىرىنىڭ سۆزىمۇ ئىسىمدە قالمىدى، ئشقىلىپ ئىككىسىنىڭ بىرسى. سىز ئاۋۋال ئىسلامنى بەك ياخشى بىلىدىغان ھەم ئۆزىمۇ بەك تەقۋا كىشىدىن بىرنى ئىزدەپ تېپىڭ. ئاندىن شۇ كىشىنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۆزىڭىزنى راۋۇرۇس تەربىيەلەڭ، تىزلا يولىڭىز ناھايىتى راۋانلىشىپ كېتىدۇ. اللە خالسا.

بېلىق كۆلدە ئوينايدۇ، قۇش ئاسماندا كۆكلەيدۇ. - يۈزبېشى  ۋۇسۇڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83084
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4024
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 168 سائەت
تىزىم: 2012-7-27
ئاخىرقى: 2014-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 02:37:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tamkin147 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-26 02:05 PM
‹‹ ئوقۇماي ئۇستازلىق قىلما›› دەپ بىر كىتابتا ئوقۇغان ...

رەھمەت ، سىز تەۋسىيە قىلغان كىتاپنى ئىزدەپ باقاي .

ئېيىق ئادەم بولمايدۇ مىڭ يىل يۈدۈپ باقساڭمۇ؛ يەرگەپاتماس شوينىنى بازغان بىلەن قاقساڭمۇ؛ ئىچىڭ قارا بولسا  گەر ئاقارمايسەن ئۆلگۈچە؛ناشتىلىققا سوپۇن يەپ دەريالاردا ئاقساڭمۇ..........

ئەتە-مەن ئۈچۈن چ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1820
يازما سانى: 590
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6191
تۆھپە نۇمۇرى: 362
توردا: 829 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 02:52:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئۇلۇغ اللاھنىڭ شاپائىتى بىلەن ئىككى ئوغۇل پەرزەنتلىك بولدۇم. ھەر ھالدا باللىرىمنى ياخشى تەربىيلەش ئۈچۈن، ئۇلارغا ھەر جەھەتتىن ئۈلگە بولۇشنى ئويلاۋاتىمەن. شۇڭلاشقا ئەجداتلىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرغان كىتاپلىرىنى، ھىكمەتلىرى، تارىخ ئۆتكۈشلىرىمىزنى كۈرۈۋاتىمەن. ھەم چوڭ ئوغلۇمغا بىر قانچە ئايەتلەرنى يادقا ئالغۇزدۇم. اللاھ خالىسا باللىرىمنى ماڭا بالا- قازا ئەمەس بەلكى پەرزەنتتەك قىلىپ تەربىيلەپ قاتارغا قوشىمەن....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3170
يازما سانى: 2235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31295
تۆھپە نۇمۇرى: 2856
توردا: 4227 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 06:28:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ماقالىلەر كۆپرەك يېزىلسا ياخشى بولاتتى....

پۇرسەت تەييەرلىقى بار  كىشىلەرگىلا كېلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83654
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3957
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 189 سائەت
تىزىم: 2012-8-8
ئاخىرقى: 2014-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 06:54:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kok-sultan يوللىغان ۋاقتى  2012-8-26 06:28 PM
مۇشۇنداق ماقالىلەر كۆپرەك يېزىلسا ياخشى بولاتتى....

ئاللا خالىسا يوللاپ تۇرىمەن
سىلەرمۇ ئىلھامىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82956
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5025
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 323 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 08:45:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
izqin.com يوللىغان ۋاقتى  2012-8-26 02:37 PM
رەھمەت ، سىز تەۋسىيە قىلغان كىتاپنى ئىزدەپ باقاي .

ئۇ كىتابنىڭ ئىسمى ئەمەس، بىر كىتابنىڭ ئىچىدىكى بىر جۈملە.

بېلىق كۆلدە ئوينايدۇ، قۇش ئاسماندا كۆكلەيدۇ. - يۈزبېشى  ۋۇسۇڭ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش