مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1223|ئىنكاس: 10

ئەدەپ-ئەخلاق ۋە ئەقىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83654
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3640
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 99 سائەت
تىزىم: 2012-8-8
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 11:57:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىشلىك ھاياتتا رىئايە قىلىش كېرەك بولغان ئەدەپ – ئەخلاق مىزانلىرى بىزنىڭ ئەقلىمىز، زىھنىمىز توغرا دەپ قوبۇل قىلىدىغان، تەن ئالىدىغان پەزىلەتلەر جۈملىسىدىن بولۇپ، ئەدەپ – ئەخلاق توغرا، ياخشىلىققا تولغان، زىيانسىز ئىجتىمائىي تەرتىپتۇر. ئەدەبتە زورلۇق يوق. ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ  ھەر قانداق بىر قانۇن – تۈزۈمىگە، ئەڭ ئەقەللىيسى مەكتەپ، دەرسخانىلارنىڭ ئەڭ ئادەتتىكى ئۇششاق تۈزۈم – تەرتىپلىرىگە قارىساقمۇ، ناھايتى ئوڭايلا شۇنداق بىر نەرسىنى بايقايمىزكى، ھەر قانداق بىر سىنىپ تەشكىلاتنىڭ تۈزۈمى زورلاش ۋە مەجبۇرىي ئىتائەتكە چاقىرىش بىلەن خاراكتىرلىنىدۇ. ئەمما، ئەخلاقچۇ ؟ ئەدەپ – ئەخلاق مەلۇم بىر سىنىپنىڭ قانۇنى ئەمەس. ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇ ھاياتنىڭ تەبئىي قانۇنى. شۇڭا ئەدەبتە مەجبۇرلاش يوق، ئەدەبتە زورلۇق يوق. ئۇ ئەقلىي جەھەتتە تەن ئىلىش، ئېتراپ قىلىش ۋە چىن كۆڭلىدىن تەن ئىلىپ تۇرۇپ رىئايە قىلىشنى مەزمۇن قىلىدىغان زىيانسىز، بىباھا ھايادۇر.
ئەدەپ مەلۇم بىر توپ كىشىلىرى ئورتاق ئېتراپ قىلغان ھەرىكەت شەكلى. ئۇ ناھايتى چوڭقۇر ھالدا شۇ توپ كىشىلىرىنىڭ ھاياتلىق ئەقىدىسىگە تۇتىشىپ كەتكەندۇر. شۇڭا، ئەدەبنى چۈشىنىشنىڭ ۋە ھاياتتىكى جەزمەن رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئەدەپ – قائىدە مەزمۇنلىرىنى بىلىپ، رىئايە قىلىپ مەنىلىك ياشىشىمىزدا ئۆزىمىز قىلىۋاتقان ھەرىكەت – قىلىقنىڭ  مەنە – ماھىيىتىگە باھا بېرىپ، ئۇنى دەڭسەپ ماڭالىغۇدەك ئەقىدە بايلىقى، ئەقىدە ساپلىقى ھەر بىر ئىنسان ئۈچۈن ئىنتايىن موھىمدۇر. ھەر قانداق بىر ئادەمدە مۇئەييەن ھاياتلىق ئەقىدىسى بولىدۇ. ئەقىدىسىز ئادەم، تۇرمۇشقا نىسبەتەن ياخشى – يامان ئۆلچىمى يوق ئىنسان بولمايدۇ.
تۇرمۇش رەڭگارەڭ، ئالدىمىزغا ئۇچرايدىغان ئادەم، ۋەقە، ئىش  – ھادىسىلەر تېخىمۇ خىل، ئۆزگىچە. بولۇپمۇ مەدەنىيەتلەر تېز سۈرئەتتە يۇغۇرۇلۇپ، گىرەلىشىپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىز دۇچ كېلىدىغان مەسىلە ۋە تاللاشلار تېخىمۇ ھەر خىل، مۇرەككەپ، ئۆزگىچە بولىدۇ. بەلكىم، ئۇخلىساقمۇ چۈشىمىزگە كىرمەيدىغان ناتونۇش نەرسىلەر بىلەن روبىرۇ كېلىپ قىلىشىمىز، ئاتا – ئانىمىزمۇ كۆرۈپ، ئاڭلاپ باقمىغان قىيىن ئىشلارغا يولۇقىشىمىز مومكىن.
بىزدە مەزمۇت، روھى قۇۋۋەتكە تويۇنغان ئەقىدە پاكلىقى بولىدىكەن، جاھاننىڭ ھېچبىر بۇلۇڭ – پۇچقىقىدا تېنەپ – تەمتىرەپ، قىيىنچىلىقلار ئالدىدا دۇدۇقلاپ، گاڭگىراپ قالمايمىز. ئىنسانغا، تەبىئەتكە ۋە كىشىلەر ئارىسىدىكى دۇنيا غوۋغاسىدىن خالىي، پاكىز، ئىنسانى مۇناسىۋەتلەرگە مۇخالىپ كەلمەيدىغانئىش – ئەمەللەرنى قوغلاشساق، تاللىساق، كىشىلەرگە ئازار بىرىدىغان، كىشىلەرنىڭ نەپسى، غورۇرى، قەدىر – قىممىتى ۋە مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان ئىشلاردىن نېرى تۇرساق، تۇرمۇشقا نىسبەتەن ئېنىق ئۆلچەم تۇرغۇزۇپ شۇ ئۆلچەم بويىچە كىشىلەرگە مۇئامىلە قىلساق تۇرمۇشتىكى ئەدەپ – ئەركان ناھايتى تەبئىيلا بىزگە مۇلايىم كۈلۈمسىرىگىنىچە ئوچۇق چىراي ئىچىپ كىلىدۇ. دېمەك، ئەقىدە دەل ياخشى – يامان ھەققىدىكى چوڭقۇر تونۇش ۋە ئۇنى ئىزچىل ئىجرا قىلىشتىكى ئىزچىللىقتىن ئىبارەتتۇر.
ياشلىرىمىز، يىگىتلىرىمىز، ئوغۇللىرىمىز شۇنىڭغا دىققەت قىلسۇنكى، ئەدەب ھەقىقەتەنمۇ تەرتىپكە لايىق كاتتا پەزىلەتتۇر. ئەمما ئۇنى ئىلاجىمىزنىڭ بارىچە ئاڭلىق چۈشەنچە ئاساسىدىكى ئەقىدە سۈيى بىلەن سۇغۇرىشىمىز، ئەدەپ ئەقىدە بىلەن ئىپادىلىنىش شەكلى جەھەتتە مەلۇم ئوخشاش يۈزلىنىش ھاسىل قىلسىمۇ، ئەمما، ھەرگىزمۇ ئەدەب بىلەن ئەقىدىنى بىر – بىرىگە تەڭ ئورۇنغا قويۇۋالماسلىقىمىز لازىم. چۈنكى، بەزى ئەدەبلار ئادەتلىنىشتىن شەكىللىنىدۇ. يەنە بەزى ئەدەب – ئەركان قائىدىلىرىنى كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇش جەريانىدا ئۆزلىرى ھاسىل قىلىۋالىدۇ، يەنە بەزىلىرى سودا، تېخنىكا، جوغراپىيىلىك ئورۇن، تۇرمۇش شەكلى تۈپەيلى شەكىللىنىدۇ. ئەمما ئەقىدە سۈيىدە سۇغۇرۇلغان ئەدەب بىباھادۇر، مۇقەددەستۇر ۋە يۈكسەك شان – شەرەپلەرگە مۇشەررەپتۇر. چۈنكى، ئۆرپ – ئادەت ياكى ئادەتلىنىش ۋە باشقا شەكىللەر تۈپەيلى ھاسىل بولغان ئەدەبلەر مەلۇم جەھەتتىن كىشىلەر ئارا ئالاقە ۋە مۇناسىۋەت زەنجىرىنى ھاسىل قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىنسانغا، كىشلىك ئەخلاققا، جەمئىيەتكە زىيانلىق مەلۇم تەرەپلەرنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ ھەم مۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلى شەكىللەنگەن بەزى ئەدەب- قائىدىلەر ۋاقىتلىق، ئۆتكۈنچى بولىدۇ. ئەمما، ئەقىدىدىن  شاخلىغان ئەدەبنىڭ ياخشى – يامان، خەير – ئېھسان تەرەپلىرى ئىنتايىن ئېنىق، ۋە پاكىز بولۇپ، ئۇ رەھمەت ئىنسان ئۈستىگە قۇرۇلغاچقا، تولىمۇ راھەت، يېقىشلىق، مەنىلىكتۇر.
جەمئىيتىمىزگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ھاياتلىق قارىشىنى، ئەقىدىنى كامىل ھالدا توغرا نىشان تەرەپكە بۇراپ، ئەدەپ بۇيرۇقلىرىنى ئىمانىدىن تاپشۇرۇۋىلىشنىڭ ئەكسىچە، ئەدەبنى قانداقتۇر مەجبۇرىيەت، ئادەتلىنىش يۈزىسىدىن بەجا كەلتۈرۈپ، ” باشىقلار نېمە دەپ قالار ” دەپ كىشىلەرگە ئەدەپ – ئەخلاق كۆرسىتىپ، رىياكارلارچە ئەدەپلىك قىياپەتكە كىرىۋىلىپ، كىشىلەرنىڭ يۈزى، مېلى، ئابرۇيى ۋە مەنسىپى تۈپەيلى باشقىلارغا پۈكلىنىپ بويۇن ئېگىپ، ئەدەپ كۆرسىتىدىغان پەسكەشلەرنى، ئىككى يۈزلىمىچى مۇناپىقلارنى ھەر قەدەمدە ئۇچرىتىۋاتىمىز، تور بەت، مۇنبەرلىرىمىزدا ئەڭ ئەششەدى يامان تىللار بىلەن ئۇلارغا لەنەت ئوقۇۋاتىمىز. بۇنداق كىشىلەر ئەقىدىسىزلىكنىڭ يامان ئاقىۋىتىگە قالغىنىدا چوقۇمكى، ئاخىرى بىر كۈنى ئەدەبكە قايىتماسلىقتىن باشقا چارە تاپالمايدۇ. رەھىمدىللىك، سىپايىلىق، ئەپۇچانلىق، دۇرۇسلۇق، ۋاپانى چىن دىلىمىزدىن تەستىقلەپ تۇرۇپ ئۆزىمىزگە يار قىلغاندىلا، كىشىلەرگە مەككارلىق كۆرسىتىدىغان ناچار ئىللەتلەردىن، مۇناپىقلىقتىن يېراق تۇرالايمىز، ياخشى ئىش – ئەمەللەرنى ھەر يەر، ھەر سورۇندا قىرىنداشلىرىمىزغا تەرغىب قىلىدىغان بولىمىز.
تۇرمۇشىمىزدا، كىشىلەرنىڭ باشقىلارنىڭ ئەيىب – نوقسانلىرىنى ” كىچىك ئەمەسمۇ ” دەپ ھار ئالماي ئۆتكۈزۋىتىدىغانلىقىنى تولا كۆرىمىز. ئەپسۇسكى، ئۇ دەل كىچىك بولغىنى ئۈچۈن بىز ئۇنىڭغا توغرا يولنى كۆرسىتىشىمىز كېرەك ئىدى. كىچىكىدىنلا ئەدەبسىز، نۇمۇسسىز يوغىناپ كەتكەن بالا چوڭ بولغاندا پەزىلەت باغچىسىغا شۇنداق ئاسانلا  قايىتالارمۇ ؟يۈگەنسىز پىتراپ يۈرۈپ چوڭ بولغان ئات قېرىغاندا نوختىدا توختارمۇ ؟… بەزى ياشانغان، ئاقساقال مويسىپىتلىرىمىز نەۋرە – چەۋرىلىك بولغانغا قەدەر ئەدەبنىڭ ، ھايانىڭ نېمىلىكىنى بىلمەي يۈرىشىدۇ ياكى ساقىلىغا ئاق سانجىغاندىلا، بەزى مۇناپىق، نۇمۇسسىز، رەسۋا ئادەملىرىمىزمۇ توساتتىنلا ئۆرۈلۈپ تولىمۇ تەقۋا، مۆمىن، ياۋاش بەندىگە ئايلىنىۋالىدۇ. بىزنىڭ ئەڭ پاكىز ئەدەپ – قائىدىلىرىمىزنى مانا مۇشۇنداق مەككار كىشىلەر بۇزىدۇ، پۈچەكلەشتۈرىدۇ، كۇرسىنى چۈشۈرىدۇ، ئاندىن ياشلىرىمىزنىڭ نەزىرىدە ئەدەپ – ئەخلاق ئەرزىمەس نەرسىدەك كۆرۈنۈپ قالىدۇ ياكى ئەدەپ – ئەركاننى زەنجىر – كىشەندەك ھېس قىلىۋالىدۇ، نېمە ئۈچۈن ؟ چۈنكى بىزنىڭ بەزىبىر چوڭلىرىمىز ئەدەپ – ئەخلاقنى ئىخلاس، مۇھەببەت، ئەقىدە بىلەن بەجا كەلتۈرمىگەن. ئۇنى كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ تۈپ مىزانىغا ئايلاندۇرالمىغان. بەلكى قىرىغاندا، توي – تۆكۈن، مۇراسىم، ئادەمگەرچىلىك سورۇنلىرىدا رىئايە قىلىدىغان، ئادەتتە كارى بولمايدىغان رەسمىيەت خاراكتىرلىك ئىشلارغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. ئەدەپ نۇرغۇن كىشىلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىدا ھاياتلىق ئەقىدىسى بىلەن بىرىكىش ھاسىل قىلالمىغان، نۇرغۇن كىشىلىرىمىز ئەدەب – قائىدىلەرنى ئەقىدە سۈيىدە سۇغىرالمىغان، شۇڭا، كىشىلىرىمىزدە ئەخلاقسىزلىق كۆپ، يالغانچىلىق كۆپ، مەككارلىق تولا، ھارامزەدىلىك جىق بولغان. بۇنىڭ دەستىدىن روھلار چۈشكۈن، كۆزلەردە مۇڭ، يۈرەكلەر يارا…
ئەدەب ئۆگىنىش ھاياتلىق ئەقىدىمىزنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئەڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى. ياشلىرىمىز ئالتۇندەك پەيىتلەردە تۇرىۋاتىمىز، بۇنىڭغا ھەرگىز سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك. ئەدەب دېمەك، تۇرمۇشنىڭ پۈتكۈل مەزمۇنى دېمەكتۇر. سۇ ئىچىشتىمۇ، تاماق يىيىشتىمۇ، ئۇخلاشتىمۇ ئەدەب بار. قوي ئۆزى ھالال، ئەمما ئۇنى ئۆلتۈرۈش، تاماق ئىېتىش، يېيىشتىكى ئەدەبكە دىققەت قىلمىسا ئۇ ھارام نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. دېمەككى، ھەر بىر ھەرىكەت – قىلىمىزمىز بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنى ياكى ھېكمەت مەنىلىرىگە ئورايدۇ، ياكى نادامەت پىغانلىرىغا باشلايدۇ.
ئەدەبنى مەجبۇرىيەتتىن قوبۇل قىلمايلى، كىشىلەرنىڭ ئەيىبلىشىدىن قورقۇپ ئەدەبلىك بولۇۋالمايلى. بەلكى ئۇنى چىن كۆڭلىمىزدىن قوبۇل قىلىپ، تىرىشىپ ھاياتلىق ئەقىدىمىزنى پاكلايلى. ئەدەبنى ئەقىدە نۇرلىرىدا يۇيۇپ چايقاپ تۇرايلى. شۇندىلا  شۇ قەدەر پاكىز، راھەتبەخش ئەدەب قىلىقلىرىنىڭ ھاياتىمىزنى گۈلگۈن ۋادىغا ئايلاندۇرۋاتقانلىقىنى بايقىيالايمىز…

مەنبە : تۇرمۇش خاتىرىسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   salih133 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-26 02:16 PM  


ھاجىتىڭ بولسا تىلە ئول كەرەملىك رەببىڭدىن،
قىلمىغىن بەندىدىن تەلمۈرۈپ ھاجەت تەلەپ،
بەندىدىن  تەلەپ قىلساڭ بولۇر سەندىن خاپا،
رەببىڭىدىن تەلەپ قىلساڭخوش بولۇر قىلماس غەزەپ

مەن قەيسەر قىزمەن !

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72523
يازما سانى: 674
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 52
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 780 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 01:12:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئادەمنى چوڭقۇر  ئويغا سالغىدەك ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز ...ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈر.


بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقت

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68426
يازما سانى: 820
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8028
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 652 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 01:32:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن تەشەككۇر.

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ  ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

مەن ئاجىزلارنى ياقتۇرمايمەن!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6790
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1235 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 02:30:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەرگە  كۈندىن كۈنگە  ياخشى  تېمىلار  چىقىۋاتىدۇ  جۇمۇ .

مەن ئاجىزلارنى ياقتۇرمايمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78095
يازما سانى: 562
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3458
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 192 سائەت
تىزىم: 2012-3-29
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 04:12:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەمنى ئويغا سالدىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3170
يازما سانى: 1213
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28802
تۆھپە نۇمۇرى: 2856
توردا: 4034 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 06:29:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل ماقالىرىڭىزگە تەشەككۈر!

پۇرسەت تەييەرلىقى بار  كىشىلەرگىلا كېلىدۇ

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 5745
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 44390
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 2369 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 07:21:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزمۇنى چوڭقۇر،تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ئېسىل تېمىڭىزغا تەشەككۈر......

مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

پەرىشتىلەرمۇ يا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4373
يازما سانى: 1795
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25545
تۆھپە نۇمۇرى: 1223
توردا: 3337 سائەت
تىزىم: 2010-7-20
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 08:10:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەخلاق جەھەتتىكى ئىلغارلىق ___ ئاڭنىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەشتىن باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەشكە ئۆزگىرشىدە.ئادەم ئىشەنگەنگە قانچىكى ئىشىنىدىغان بولسا ،شۇنچىكى ھەقىقىي ئادەم بولىدۇ. بۇ ھەقىقەت سۇبيېكتىپ قىممەتلا بولۇپ قالماستىن،بەلكى تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81951
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3576
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 129 سائەت
تىزىم: 2012-6-22
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 09:26:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىز زىيادە بولغاي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57398
يازما سانى: 464
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5439
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 268 سائەت
تىزىم: 2011-9-21
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 05:40:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز !!رەھمەت .

ھويلامىنى بىزەپ قويدۇم.كۈرۈپ بىقىڭلار (كۈلگەن  چىراي ئىپادىسى )
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش