مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1020|ئىنكاس: 31

يىگىت يىغلىمىسۇن~~ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77848
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5561
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 210 سائەت
تىزىم: 2012-3-24
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 04:28:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                      



يىگىتلەر  ئەتراپىدىكى  ئادەملەر ئارىسىدا  ئۆزىنى چۈشىندىغان  ئادەملەردىن  بىرنىمۇ  تاپالمىغاندا يىغلايدۇ..... كۆزى  ئەمەس  يۈركىدىن يىغلايدۇ.
ئۇ ئاشۇ ئۆزىنى چۈشەنمەيدىغانلار ئارىسدا ئۆزى بىلەن ئۆزى ئىچىدىكى مۇناسىۋەت ئىچىدە ئاچچىق كەچمىشلەرگە ھەمرا بولۇپ ئۆز يۈركىنى بەزلەيدۇ.
يىگىت تەنھالىقتىن يىغلايدۇ ....... يېندا ئادەم يوقلىقى ياكى سۆيگۈندىن ئايرىلغانغا ئەمەس، ئەتراپىدىكى شۇنچە ئادەملەر ئىچدە تەنھالىق، سىڭمەسلىك، ئۆزىگە قىلىنغان ياتسىراش ۋە قەلبىدىكى ناتۇنۇشلىققا يىغلايدۇ.......
                                                      **********
يىگىت قەلبىدىكى  قارشىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز قالغاندا يىغلايدۇ...ئۆزى ئويلىغان ھەقىقەت ۋە تۇرمۇش قاراشلىرىنى ئىپادىلەشكە، ئورتاقلىشىشقا ، پىكىرلىشىشكە ئامالسىز قالغاندا ئۈنسىز سۈكۈت بىلەن  ياشسىز يىغا  ئۇنىڭغا ھەمرا بولىدۇ.....
                                                  **********
يىگىت قېرىنداشلىرىدىن  مېھىرگە ئېرىشەلمىگەن ، توغرىسى خاتا مۇئامىلىگە  ئۇچرىغان، يۈرىكى زىمىستاندىكى شىۋىرغان كەبى  ئازارغا ئۇچرىغاندا  يىغلايدۇ.
يىگىت قارشىلىق كۆرسەتمىگىنگە ئەمەس كۆرسىتەلمىگىنگە، ناھەقچىلىققا كۆكرەك كېرىپ چىقالمىغىنغا ئەمەس.  ئۈستىدىن بېسىپ تۇرغان زۇلمەت تېغنى بىرگە ئاغدۇرۇشقا ئادەم تاپالمىغاندا يىغلايدۇ.....
                                              **********
يىگىت سۆيگۈسدىن ۋاقىتسىز ، سەۋەپسىز ، مەجبۇرلاچە  ئايرىلغاندا ياش تۆكىدۇ. قەلبىدىكى  مەشۇقىنىڭ  ئۆزىنىڭ مەقسەتسىز  سۆيگۈسنى قۇبۇل قىلمىغىنغا ئەمەس، بەلكى كەمسىتىلگەنلىكىگە ياش تۆكىدۇ. سۆيگۈسدىن ئايرىلغانغا ئەمەس. ئۆز قەلبىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىغا ياش تۆكىدۇ...
                                                  **********
يىگىت بىرەر ئىشتا ئامالسىز قالغانلىقغا ئەمەس  بەلكى ئامال تاپالىغاندىمۇ ، ياردەم قىلالمىغانلىقتىن مەجبۇرلانغانلىقتىن  ئەمەس ئالدانغانلىقتىن، بېسىمغا  قاشى تۇرغانلىقتىن ئەمەس ، قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان  بېسىمغا ئۇچرىغانلىقتىن  يىغلايدۇ.......
                                                **********
يىگىت دىگەن ئاددى بىر سۆز ،ئەمما بۇنىڭدىكى مەنا ئىنتايىن چوڭقۇر  شۇنچىلىك يېقىملىق، ئەمىليەتتە يىگىت   دىگن سۆز  مەسئۇليەت دىمەكتۇر.
يىگىت دىگەن سۆز ۋىجدان  دەۋىتىدۇر     يىگىت دىگەن سۆز غۇرۇر دەرسىدۇر........
                                                **********
لېكىن نۇرغۇن كىشلەر شۇنى بىلمەيدۇكى  ھەقىقى يىگىت ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس  مىللەت ئۈچۈن ياش تۆكىدۇ...ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس خەلقى ئۈچۈن باش قاتۇردۇ.
ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس  ئائىلىسى ئۈچۈن جاپا چىكدۇ......
                                               **********
ئەنە شۇنداق يۈكسەك مەسئۇليەتچانلىق، قاتتىق تەلەپچانلىق ،چوڭقۇر مېھىر مۇجەسسەملەنگەن ‹يىگىت›مۇ ياش تۆكىدۇ.......
                                                **********

ئەمما  ساپلىق ئۈچۈن ،پاكلىق ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن، ئائىلە ئۈچۈن، تۆكۈلگەن يۈرەك ياشلىرى بىكارغا  كەتمەيدۇ.
                                               **********
مانا مۇشۇنداق يىغىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققان  ئادەمدىن باشقىلار چۈشەنمەسلىگى  مۇمكىن، ئەمما ‹يىگىت› ھەر جايدا يۈكسەك سۆيگۈگە تەشنا، چوڭقۇر مېھىرگە  مۇھتاج .  يىگىت  كۆزى بىلەن ئەمەس  ،   مانا مۇشۇنداق    يۈركى بىلەن   يىغلايدۇ....!!!!!!!!!!


مەنبە : مەرىپەت يولى مۇنبىرى:خالىق



ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
akax520 + 100 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ناماز بىزگە پەرز،بىز ئاللاھقا قەرز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80426
يازما سانى: 491
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2012-5-21
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 10:37:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىگە رەخمەت جاپا چىكىپسىز
شۇ  يىگىتلىرىىزمۇ يىغلىمىسۇن ،،،،،،،،،،،شەرمىي -ھايالىق قىزلىرىمىزنىڭمۇ كۆزىدىن ياش ئاقىمىسۇن ،

بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقت

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68426
يازما سانى: 821
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8031
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 654 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 10:43:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىگىت دىگەن سۆز ۋىجدان  دەۋىتىدۇر  ،   يىگىت دىگەن سۆز غۇرۇر دەرسىدۇر.

تىما ئىگىسىگە رەخمەت.

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ  ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

مەن ئاجىزلارنى ياقتۇرمايمەن!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 224
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6795
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1238 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 10:45:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەمنى ئويلاندۇردىكەن . ياخشى ئەسەركەن .

مەن ئاجىزلارنى ياقتۇرمايمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74852
يازما سانى: 797
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4993
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 573 سائەت
تىزىم: 2012-2-5
ئاخىرقى: 2012-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 10:47:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىگىت قەلبىدىكى  قارشىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز قالغاندا يىغلايدۇ...ئۆزى ئويلىغان ھەقىقەت ۋە تۇرمۇش قاراشلىرىنى ئىپادىلەشكە، ئورتاقلىشىشقا ، پىكىرلىشىشكە ئامالسىز قالغاندا ئۈنسىز سۈكۈت بىلەن  ياشسىز يىغا  ئۇنىڭغا ھەمرا بولىدۇ.....
ماڭا مۇشۇ بەك يارىدى ،  تېما ئىگىسىگە رەخمەت

ئەگەر بېشىڭغادەرىت كەلسە،ئىھ تەڭرىم مىنىڭ دەردىم بار دىمەستىن،  ھەي دەرىت مىنىڭ تەڭرىم بار دە.

كۈنلەر ئۇزۇن.ئەت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5434
يازما سانى: 1684
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9734
تۆھپە نۇمۇرى: 934
توردا: 3705 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 10:56:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوغۇل بالىمۇ ۋاقتى سائىتى كەلگەندە يىغلاش كىرەك .يىغلاش گەرچە ئاجىزلارنىڭ قورالى بولسىمۇ لېكىن ھەرگىز ئاجىزلىقنى ئىپادىسى ئەمەس.
‹‹ تاشقا ئايلانغان كۆز يېشى›› رومانى. ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت.

قەلەم! قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر، ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر. قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا، نۇمۇس بەكمۇ يامان زاۋالىمنى بەر. ________ئابدۇقادىر جالالىدىن.

ئەردەمئاي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41612
يازما سانى: 786
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8387
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 628 سائەت
تىزىم: 2011-5-21
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 11:07:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شۇنداق،ھەقىقىي يىگىت ۋىجدان ۋە غۇرۇرنىڭ مۇجەسسەمى،ھەقىقىي يىگىت ئەلنىڭ يۈلىكى،ئائىلىنىڭ تۈۋرىكى!~~~

ھەربىر قەلب گۈزەل بولغاندىلا پۈتكۈل ھاياتلىق گۈزەللىككە تولىدۇ! مېھرى مۇھەببەت بىلەن تولسۇن كەڭ ئالەم!!!

مەن گۇلگە ئامراق

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 853
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12411
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 2732 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 11:14:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىگىتلەرنىڭ قانداق ۋاقىتتا يىغلايدىغانلىغىنى بىلىۋالدۇق، رەھمەت. مەنىسى چوڭقۇركەن.

تۇرمۇش ئەتتىرگۇلزارلىق ئەمەس!

بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتەر.!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8726
يازما سانى: 896
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22493
تۆھپە نۇمۇرى: 2108
توردا: 6338 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 11:27:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنىسى ھەقىقەتەن چوڭقۇركەن......

ئادەم ئەخلاق بىلەن گۇزەلدۇر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58762
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3977
تۆھپە نۇمۇرى: 299
توردا: 942 سائەت
تىزىم: 2011-10-1
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 11:38:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىگىت قېرىنداشلىرىدىن  مېھىرگە ئېرىشەلمىگەن ، توغرىسى خاتا مۇئامىلىگە  ئۇچرىغان، يۈرىكى زىمىستاندىكى شىۋىرغان كەبى  ئازارغا ئۇچرىغاندا  يىغلايدۇ.
يىگىت قارشىلىق كۆرسەتمىگىنگە ئەمەس كۆرسىتەلمىگىنگە، ناھەقچىلىققا كۆكرەك كېرىپ چىقالمىغىنغا ئەمەس.  ئۈستىدىن بېسىپ تۇرغان زۇلمەت تېغنى بىرگە ئاغدۇرۇشقا ئادەم تاپالمىغاندا يىغلايدۇ..... ]

                             ماڭا  بەك ياقتى .                       مەن ئۇچۇنلا يىزىلغاندەكلا .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش