2011-يىل 9-ئايدا، مۇختەر سىيىت ئالتۇن دەريا ئۆي زىننەتلەش شىركىتى بىلەن توختام تۈزىدۇ، توختامدا: ئالتۇن دەريا شىركىتى يۇلغۇن رېستۇرانىنى زىننتەتلەش جەريانىدىكى ياغاچچىلىق ئىشلىرىنى مۇختەر سىيىتكە ھۆددە بېرىدىغان، زىننەتلەش ئاخىرلاشقاندا ئالتۇن دەريا شىركىتى ئىش ھەققىنى مۇختار سىيىتقا بىر يولىلا تۆلەيدىغان بولۇپ پۈتۈشىدۇ. توختامدا ئىككى تەرەپ يەنە: مۇختەر سىيىت تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتكەن ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققى ۋە باشقا پاراۋانلىقىغا مۇختەر سىيىت مەسئۇل بولىدۇ، ئىشلەش جەريانىدا ھادىسە ۋە باشقا زىيانلار كۆرۈلسە مۇختەر سىيىت ئۆزى مەسئۇل بولۇپ بىرتەرەپ قىلىدۇ، ئالتۇن دەريا شىركىتى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، دەپ پۈتۈشىدۇ.
2011-يىل 9-ئاينىڭ 12-كۈنى، مۇختەر سىيىت ئىمىن مەمەت قاتارلىق 5 نەپەر ياغاچچى ئۇستىنى ياغاچچىلىق ئىشلىرىغا تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىدۇ. 9-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئىمىن مەمەت رېستۇراننىڭ تۇرۇسىغا نەقىش ئويۇلغان شالنى مىخلاۋاتقاندا، ئۇ دەسسەپ تۇرغان شۇتا ئۆرۈلۈپ كېتىپ، يەرگە يىقىلىدۇ. باشقىلار ئۇنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىدۇ، نەتىجىدە ئۇنىڭ باش ۋە ئوڭ پاقالچاق سۆڭىكىنىڭ سۇنغانلىقى مەلۇم بولىدۇ.
2012-يىل 3-ئايدا، ئىمىن مەمەت: «مەن ئالتۇن دەريا ئۆي زىننەتلەش شىركىتىنىڭ ئۆي زىننەتلەش ئىشىنى قىلىۋاتقاندا يارىلاندىم» دەپ، ۋىلايەتلىك ئەمگەك ۋە ئىجتىمائى كاپالەت ئىدارىسىغا ئىش ئۈستىدە يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ. ئالتۇن دەريا شىركىتى: ئىمىن مەمەت بىلەن ئوتتۇرىمىزدا ئەمگەك مۇناسىۋىتى مەۋجۇت ئەمەس،دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ۋىلايەتلىك ئەمگەك ۋە ئىجتىمائى كاپالەت ئىدارىسى ئىش ئۈستىدە يارىلىنىشنى بېكىتىش تەرتىپىنى ۋاقىتلىق توختۇتۇپ، ئىمىن مەمەتنىڭ ئەمگەك ماجىرالىرىنى كېسىم قىلىش كومىتىتىغا ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئىلتىماس سۇنۇشىنى ئۇقتۇرىدۇ.
كېسىم قىلىش جەريانىدا، ئالتۇن دەريا شىركىتى يەنىلا يۇقارقى تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىمىن مەمەتنىڭ كېسىم تەلىپىنى رەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئۇنداقتا، ئالتۇن دەريا شىركىتى بىلەن ئىمىن مەمەت ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك مۇناسىۋىتى مەۋجۇت بولامدۇ يوق؟
«ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئالاقىدار بىر قىسىم ئەھۋاللار ھەققىدە ئۇقتۇرۇش»( ئەسلىدىكى ئەمگەك مىنىستىرلىقى)تا: قۇرۇلۇش قىلغۇچى، كان ئاچقۇچى كارخانا قاتارلىق ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار قۇرۇلۇش(كەسىپ)نى ياكى تىجارەت ھوقۇقىنى ئادەم ئىشلىتىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولمىغان تەشكىلات ياكى تەبىئى شەخىسكە ھۆددە بەرسە، ئادەم ئىشلىتىش سالاھىيىتىگە ئىگە ھۆددىگە بەرگۈچى ئورۇن ئادەم ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ ، دەپ بەلگىلەنگەن. «ئەمگەك توختام قانۇنى»دا: شەخسىي ھۆددىگەرلەر مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئەمگەكچى ئىشلىتىپ، ئەمگەكچىگە زىيان سالغان بولسا، ھۆددە بەرگۈچى تەشكىلات بىلەن شەخسىي ھۆددىگەر چاتما تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن .
ئەمگەك كېسىم كومىتىتى يۇقارقى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئالتۇن دەريا شىركىتى بىلەن ئىمىن مەمەت ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك مۇناسىۋىتى مەۋجۇت، دەپ كېسىم قارارى چىقارغان.
شىنجاڭ خەيرىلىك ئادۋوكاتلار ئىش بېجىرىش ئورنىدىن
ئەخمەت ياسىن
تېلفۇن: 13779800483
بۇ ھەقتىكى دېلو مىساللىرى يەنە داۋاملىق يوللىنىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qiwer02 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-25 11:29 PM