ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم بارلىق تورداشلار كەمىنە تاڭنۇردىن سىلەرگە سالام ،
بۆرتالادا ئۆتكۈزىلىۋاتقان ئىتپاق لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بۈگۈن غەلبىلىك ئاياغلاشتى ، ئەتە چۈشتىن بۇرۇن ، قارامايدىن كەلگەن 11- 12 ياشلىقلار تەكلىپ دوسلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ بولۇپ ئىتپاق لوڭقىسىنىڭ ئۈچىنجىلىكنى تالىشىش باسقۇچى ئېلىپ بېرىلىدۇ ، چۈشتىن كىيىن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئۆتكۈزىلىدۇ ،
بۈگۈنكى مۇسابىقە ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە ،
ئېھسان كوماندىسى 4- 2 قىزىلتۇز كوماندىسى ،
قېرىنداشلار كوماندىسى 1- 7 ئاتلان كوماندىسى ،
ئەتە ئەتىگەن قېرىنداشلار كوماندىسى بىلەن قىزىلتۇز كوماندىسى ئۈچۈنجىلىكنى تالىشىدۇ ،
ئېھسان كوماندىسى بىلەن ئاتلان كوماندىسى چىمپىيونلۇقنى تالىشىدۇ .
مۇسابىقە رەسىملىرىدىن ھوزۇرلىنىڭلار !