|
|
|
|
قەشقەر قاغلىق ناھىيەسى ئاددى دىھقان ئۆيىدە تۇغۇلغان ئالىمجان 2011-يىل 3-ئايدا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچىراپ سول پۇتى سۇنغان. ۋەقە سادىر قىلغۇچى ئەينى ۋاقىتتا 9600 يۈەن خەجلەپ ئالىمجاننىڭ پۇتىغا پولات تاياقچە سالدۇرۇش ئوپىراتسىيەسىنى قىلدۇرۇپلا يوقاپ كەتكەن. كېيىن پولات تاياقچە ئالىمجاننىڭ پۇتىغا ماس كەلمىگەنلىك ۋە كېيىنكى داۋالىش خىراجىتى بولماسلىق سەۋەبى بىلەن ئالىمجاننىڭ پۇتى داۋاسىز قىلىپ قان- يىرىڭ توختىماي ئېقىپ ئىششىق يانماي تۇرغان.
‹سالام ئۈرۈمچى›ساخاۋەتچىلەر توپىدىكى قېرىنداشلىرىمىز بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن توپداشلار ۋە جەمىيەتدىن 8000يۈەنگە يېقىن پۇل توپلاپ ھازىر ئالىمجاننى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3- دوختۇرخانىنىڭ سۆڭەك بۆلىمىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ داۋالاش ئېلىپ بارماقتا . ھازىر تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا ئالىمجاننىڭ يارا ئەھۋالى ئۇزۇن ۋاقىت داۋالانماي تۇرغانلىغى ئۈچۈن ئەھۋالى بىرقەدەر ئېغىر ئىكەن، شۇسەۋەپ داۋالىنىش ۋاقتى ۋە داۋالىنىش ھەققى بىرقەدەر كۆپ بولىدىكەن.
بىزنىڭ ساخاۋەتچىلەر توپىمىزنىڭ ياردىمى بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ كېيىنكى داۋالىنىشىغا يەتمەسلىگى سەۋەبلىك ھازىر جەمىيىتىمىزدىكى ئاق كۆڭۈل قېرىنداشلىرىمىزغا بۇ مۇراجەتنامىنى سۇندۇق.
ئالىمجاننىڭ ھازىرقى داۋالىنۋاتقان ئىنىق ئادىرىسى : ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-دوختۇرخانا ئونۋىرسال بىنا 5- قەۋەت سۆڭەك بۆلىمى 23-كارۋات.
ئالاقىلاشقۇچى : ئابدۇۋەلى
ئالاقە تېلفۇن :13999138713
ئىقدىسادى ياردەم بەرگۈچىلەر بۇ سودا- سانائەت بانكىسى كارتىسىغا پۇل سالساڭلار بولىدۇ.
كارتا ئىگىسى : ئەلىشىر تۇرسۇن (艾力西尔.吐尔逊) بۇقېرىندىشىمىز 3- دوختۇرخانىنىڭ تاشقى كېسەللەر دوختۇرى بولۇپ سالام ئۈرۈمچى ساخاۋەتچىلەر توپىمىزنىڭ ئەزاسى
كارتا نومىرى : 5309905400402506
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا atayar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-25 07:39 PM
|
|
|
|
|
|