|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئەزىز قېرىنداشلار. قايسى كۈنى قاغىلىق ناھىيىسىدىكى ئىككى قىزنىڭ تېپىلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ تۇلىمۇ خۇرسەن بولدۇم.
ئىسمى: ئابلەت ئابدىرشىت، يېشى 14 ياش.
بۇ بالائاۋات ناھىيە يېڭىئېرىق يېزا تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇيدىغان بۇلۇپ، 2012-يىل 3-ئاينىڭ 27-كۈنى مەكتەپكە كىتىپ، چۈشلىك ئارام ۋاقتىدا يۇقاپ كەتكەن بۇلۇپ، تاھازىرغىچە ئىزدىرىكى بولمىدى. تېلىۋىزۇر، رادىئولارغىمۇ ئېلان بىرىپ باقتىم. لىكىن ھازىرغا قەدەر ئىزدىرىكى بولمىدى. دادام 13-يىل بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن بۇلۇپ، ئانامنىڭ شۇنىڭدىن كىيىن يۇرىكى ئاجىز ئىدى. ئەمدىلىكتە بۇ بالىنىڭ دەردىدە تۇلا يىغلاپ، تېخىمۇ ئاجىزلاپ كىتىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ بالىنى ئۇچرىتىپ قالغان قېرىنداشلىرىمنىڭ ماڭا خەۋەر قىلىپ قۇيۇشنى ئىلتىجا قىلىپ، چەكسىز سېغىنىش ئىچىدە بۇ ئىنكاسنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. خەنچە سەۋىيەم بولمىغاچقا خەنچە مۇنبەرلەرگە يوللىيالمىدىم، بولسا قېرىنداشلىرىمنىڭ ماڭا ياردەم قىلىپ، ۋاكالىتەن يوللاپ قۇيىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىلتىجا قىلىمەن. ئەڭەر تېپىۋالغۇچىلار بولسا ئەمىل رەھمىتىمنى بۈلدۈرگەنق بۇلاتتىم.
باشقۇرغۇچىلارغا ئىلتىماسىم: بۇتىمىنى تەستىقلاپ قۇيۇشىڭىزلارنى بىر مەزگىل كۆمۇلۇپ قالمايدىغان قىلىپ بىرىشىڭىزلەرنى سورايمەن.
ئالاقىلاشقۇچى: ياقۇپجان تىلىفۇن:18963845245 ئابدىقېيۇمجان تېلىفۇن:13150270222
|
|
|
|
|
|