ئەجەپ قالتىس مۇسۇلمان مەن!
ئەجەپ قالتىس مۇسۇلمان مەن نىشە-قاپاق تىكلەيدىغان،
بەزى شاراپ ،دىسكو- قاۋاق ھەمراھىمدىن كەتمەيدىغان.
بىلىپ تۇرۇپ گۇناھ بولغۇر دىنغا يات ئىللەتلەرنى،
شۇندىمۇ ھەم پاك دىنىمنىڭ قەدرىگە يەتمەيدىغان.
جار سالدىم كىملەر سوراپ قالسا مۇسۇلمان مەن ئۆزۈم،
قولۇمدىن چۈشمەس تاماكا تۈتىنى كەتمەس يىراق.
نادانلىقتا ھەقىقەتتىن تاندىم ناگاندا نەچچە رەت،
پاك دىنىمنى قىلمىدىم ئىنكار غورۇرسىز مەن بىراق.
چەتكە قاقتىم بەش ناماز مۆۆمىن مۇسۇلمان دوستلارنى،
ئارىدىن قالدى ئەجەپ ياتسىراپ بويۇن قىسىپ.
ھەققە جاۋاپ بەك رەڭدار پەتىۋا كۆپ مىنىڭدە،
بىلىپ تۇرۇپ توغرىنى يالغان تۇۋاقلاردا بېسىپ.
ئىچ دىدىم زورلاپ ھاراقنى بولمىسا كىچەرمەن دەپ،
بولۇپ ئادىمى شايتان سەندىن تېنىپ كىتەرمەن دەپ.
كۆڭلىمگە كەلمەس ۋەھى يۈردىم شاراپلاردا قايناپ،
ئىچسەڭ شاراپ سىنىڭ بىلەن مەڭگۈ بىللە ئۆتەرمەن دەپ.
قۇرئاننى تۇتماي ئۆزۈمگە مەڭڭۈلىك توغرا يولداش،
تەرىك ئەتتىم پەرىز ناماز چىقتى خىيالدىن ياتسىراپ.
بۇلۇڭ-پۇچقاق ئىتىز-قىرلار نىشىدىن باسار تامغا،
مەسچىتكە ماڭغانلارغا تۇردۇم كەيىپتە مەن قاراپ.
مەكتەپ- يول سالسا بىراۋلار تىللىدىم ئەخمەقلەر دەپ،
ساخاۋاتلىك سۇنغان قولنى ئۆزىمگە تاما تىلەپ.
غەم-كۈلپەت تاپسا بىراۋنى مەسخىرە ئىچرە كۈلدىم،
يىقىلغاننى دەس بېرىپ قويمىدىم ئەسلا يۈلەپ.
يىمەيمەن چوچقا گۆشى يىگىنىم ئۇندىن بىلەك،
ئىچمىدىم ئىشەك سۈيدىكى ئىچكىنىم ئۇندىن بىلەك.
چەكمىگەن قاپتۇ پەقەت ئاق تاماكا-ناسىۋال،
ئويغانماپتۇ شۇنغىچە مەندىكى قارا يۈرەك.
سورۇنلاردا ئۆلپەتكە ئايرىماي تۇتتۇم ئاداش،
مەيلى چوڭ مەيلى كىچىك ياكى ياتتىن قېرىنداش.
پەيپى-كەلسە زىنالاردىن قاچمىقىم مۈشكۈل ئېرور،
ئەيشى-ئىشرەت يا ماڭا يا مەن ئۇنىڭغا مۇڭ يانداش.
سان-ساناقسىز گۈناھلاردىن ئەيمەنمەي يۈردىم كۈلۈپ،
تىرىك تۇرۇپ ئىمان روھىم قالدىمۇ ياكى ئۆلۈپ.
ئەمدى ئويغان دىگەن سادا چۈچىتتى مىنى ئەجەپ،
مەندەك قالتىس مۇسۇلمانلار توسمىغاچ قاپاق تۈرۈپ.
ئاھ دوزاقتىن قورقىمەن ئۇ دىمەك ئوتتا كۆيمەك،
ئازابى تولا يامان مىڭ قىينىلىپ مىڭ ئۆلمەك.
رەخمەتلەر قىلسا ئىگەم جەننەتنى كۆرەر ئىدىم،
بار خاتاغا ھەر جايدا تىگىشلىك بەدەل تۈلىمەك.
شۇنداق تۇرۇپ يۈرۈپتىم ئۆزىمنى مۇسۇلمان دەپ،
مۇناپىقنىڭ قىلىقى توسسا يولىمنى بىلمەستىن.
بەندىچىلىك باشلانغاي كىچىكمەي ھەق پەرىزلەرگە،
گۈناھىڭنى يۇي دوستۇم ئەجەل كىلىپ ۋاي ئۆلمەستىن.
تامام:ئاپىرىن:سەرگەردان