مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1617|ئىنكاس: 10

ئوقنى قەيەردىن ئاتىمىز؟(تەرجىمە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11290
يازما سانى: 976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7567
تۆھپە نۇمۇرى: 1267
توردا: 2441 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2013-8-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 05:43:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئوقنى قەيەردىن ئاتىمىز؟

مېنىڭ دوستۇم لو شۇ پىڭ ئىلگىرى سىچۈەن ئۆلكلىك ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ «سىچۇەن سوتى» ژورنىلىنىڭ مۇھەررىرى بولغان، يەنە ئۆلكىلىك ئالىي سوت مەھكىمىسى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرىمۇ بولوپ باققان، قانۇن پەنلىرى بويىچە «ماگىستىر» ۋە «دوكتۇر» دىگەندەك ئۇنۋانلىرىمۇ بار ئىدى. 1993-يىلى مەن چىڭدۇدىكى چېغىمدا ئۆز تەھرىرلىگەن ژورنالنى سوۋغا قىلغان ئىدى، ژورنالدا ئۆزى يازغان «ئىلمىي ماقالە» بار ئىدى، ماقالىسىدە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىنى مىلتىق بىلەن ئاتقان چاغدا ئوقنى قايسى نۇقتىدىن ئېتىپ، قايسى نۇقتىدىن تېشىپ چىقىرىش كېرەكلىكى سۆزلەنگەن ئىدى. ئۇنىڭ «تەتقىقاتى» غا ئاساسلانغاندا، ئەڭ ياخىش ئۇسۇل پالانى پالانى نۇقتىدىن جىنايەتچىنىڭ مېڭىسىگە ئېتىپ، پىشانىسىنىڭ پۇستانى، پۇستانى يېرىدىن چىقىرىش ئېمىش. بۇنداق بولغاندا، جەسەتكە ئېلىپ كېلىدىغان زىيان ئەڭ ئاز بولۇرمىش، ھەم ئەڭ «كۆركەم»، ئەڭ «ئىنسانپەرۋەرلىك» بولغان بولارمىش.

ئۇ بۇ خىلدىكى «مەسىلەر» ئۈستىدە، «تەتقىقات» ئېلىپ بارغان بولغاچقا، سۆز قىلىشقا «ھوقوقلۇق» ئىكەن. مەن دوختۇرخانىدا مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى بولغان، ئۇيەر ئادام قۇتقۇزىدىغان يەر، ئادەم ئۆلتۈرىدىغان يەر ئەمەس. شۇڭا، ئۇنىڭ «تەتقىقات نەتىجىسى» گە مەن بىرنىمە دىيەلمەيمەن. مەن پەقەت ئۇنىڭ سېمىزلىكىگە دىققەت قىلاتتىم، سېمىزلىكىدىن ئادەمگە ئوخشىماي قالغان بولوپ، كىشىگە ئۇنىڭ ھەربىر تەر تۆشۈكچىسىدىن توختىماستىن ماي ئېقىۋاتقاندەك تەسىر بېرەتتى. مەن ئەزەلدىن «ئادەم قاللاشقانراق بولغىنى ياخشى» دەپ قارايمەن. مەن ئۇنىڭغا قاراپ: قالاتتىم، پەرۋەردىگار، بۇنداق تۇرقى بىلەن «ئىش چىقماي» قالاتتىمۇ دەپ ئويلىنىپ قالاتتىم. بۇلتۇر قايسى ۋاقىت بولغىتى، بېيجىڭدىكى قانۇن ساھەسىدىكى بىر دوستۇم ماڭا تېلىفۇن قىلىپ، لو شۇ پىڭ قولغا ئېلىنىپتۇ، ئۆلكىلىك ئالىي سوت مەھكىمىسى ئىجرائىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولىۋاتقاندا ئىش چىقىپتۇ دېدى. مەن قانداق خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىقىنى سورىسام، ئۇ: قانداق چاتاق چىقاتتى؟ سوت مەھكىمىسى ئىجرائىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىقتىساسى جىنايەت ئۆتكۈزمەي قالامتى؟ دېدى. ئويلاپ قالدىم: راست، بۇ خىلدىكى ئادەملەر سىياسىي جەھەتتىن ئىشەنچلىك كېلىدۇ، ھەممىىسى قانداقتۇر ئىشلار بىلەن بىردەكلىكنى ساقلايدۇ. ئۇلاردا سىياسىي جەھەتتە ھېچقانداق مەسىلە بولمايدۇ، پەقەت ئىقتىسادىي جىنايەت مەسىلىسىلا بار بولاتتى، ئۇنىڭدىن سىرت، ئۇلاردا يەنە بۈگۈنكى كۈندە «مەسىلە ھېسابلانمايدىغان» تۇرمۇش ئىستىلى جەھەتتىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرىمۇ بار بولاتتى.

لو شۇ پىڭ تۈرمىگە كىرگەندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى «نەتىجىلىرى» نى ئويلاپ باققانمىدۇ؟ئوقنى قەيەردىن ئېتىپ قەيەردىن تېشىپ چىقارسا ئەڭ «كۆركەم»، ئەڭ«ئىنسانپەرۋەرلىك» بولىدىغانلىقى ئۈستىدە يەنە ئويلىنىۋاتامدىغاندۇ؟

جاڭ ياڭ ئىمزالىقىدىكى بۇ مۇلاھىزە «جاڭ ياڭنىڭ ئويلىغانلىرى» دىن «فىليەتۇنلار ئايلىق ژورنىلى»نىڭ 2010-يىل 2-ئايلىق كىيىنكى سانىغا كۆچۈرۈپ بېسىلغان.
ياۋائات تەرجىمىسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yawaat0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-25 05:44 PM  


ئاق چاشقان، قارا چاشقان، مۆشۈككە تۇتۇلۇپ قالمىغان ياخشى چاشقان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 2422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11654
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1003 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2014-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 06:57:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ ئەپەندىم ئوقنىڭ تەمىنى ئەمدى ئۆزى تىتىپ باقىدىغان ئوخشىمامدۇ

سۇمرۇغنىڭ قۇيرىقى بولغىچە خورازنىڭ تاجىسى بول!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83340
يازما سانى: 558
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4277
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-8-2
ئاخىرقى: 2013-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 07:11:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق بوپتۇ ئەمدى ئۇ ئوقنىڭ تەمىنى ئۇزى تىتىپ كۇردىغان بوپتۇ.ھەي بۇ دۇنيا مانا مۇشۇنداق دۇنيا.

دوسلارنى ھەممىدىن ئەلا بىلمەن.

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12393
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32443
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4456 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 10:00:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىشىگە سانىساڭ ئۆزگە ،قاشقا سانىساك ئۆزگە.

ھەممە ئىشنىڭ ھېسابى بار جاھان بۇ...

جاپا چېكىپ تەرجىمە قىلغانلىقىڭىزغا تەشەككۈر...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1499
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6589
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 499 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 10:21:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە ئىشنىڭ ھىسابى بار!

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3490
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32319
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3727 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2014-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 09:56:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      ساڭا بار ، ماڭا يوق دەيدىغان جاھان ئەمەسقۇ بۇ

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33013
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4343
تۆھپە نۇمۇرى: 192
توردا: 125 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2013-10-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 03:51:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ  ئەمەلدارنىڭ   پۇتىنىڭ ئاستىدىن ئېتىپ  بېشىنىڭ  ئۈستىدىن   چىقىرىش  كېرەك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82472
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3628
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2014-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 04:33:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزغا كۆپتۈن كۆپ رەھمەت !

ھايات سۆيگۈدىن باشلانغۇسى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17844
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6353
تۆھپە نۇمۇرى: 427
توردا: 338 سائەت
تىزىم: 2010-11-17
ئاخىرقى: 2012-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 04:35:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق بوپتۇ ئەمدى ئۇ ئوقنىڭ تەمىنى ئۇزى تىتىپ كۇردىغان بوپتۇ

مۇھەببەت بىرخىل تاتلىق ھەسەلدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57398
يازما سانى: 470
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5498
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2011-9-21
ئاخىرقى: 2013-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 05:27:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوتنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قۇلى كۆيىدۇ ...

ھويلامىنى بىزەپ قويدۇم.كۈرۈپ بىقىڭلار (كۈلگەن  چىراي ئىپادىسى )
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش