زىتلىق
بىرىنچى
مائارىپ پىروگراممىسىدا، رىياسەتچى بىر مائارىپ مۇتەخەسىسىىنى ئىمتىھانغا تاقابىل تۇرۇش مائارىپىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكى، ساپا مائارىپىنىڭ تەخىرسىزلىكى، ئاممىنى مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.
كىيىنكىسى «مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش» دىگەن پىروگرامما ئىدى، رىياسەتچى بىرقانچە نەپەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى ئەلىيۇل ئەلانى ئۇلارنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازانغاندىن كىيىنكى «شان- شەرەپ»لىرىنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى، يەنە، ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى شەھەر بويىچە ئەڭ ياخشى نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرىنى ئەزىز مىھمان بولوپ، ئۇنىڭ «مەكتەپنى تۈزەش» تىكى دانا تەدبىرلىرىنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.
ئىككىنچى
خەۋەرلەر پىروگراممىسىدا بىرقانچە رەمبالنىڭ كىشىلەرنى قاقتى سوقتى قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى، دىكتور سەمىمىي تەلەپپۇزدا كۆپچىلىكنى ئاگاھلاندۇرۇپ: « ئۆزىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۆزىمىزنىڭ قولىدا، رەمباللارنىڭ يالغان سۆزلىرىگە ئىشەنمەي، فىئودال خۇراپاتلىق بىلەن كۆرەش قىلايلى!» دېدى.
ئارقىدىنلا ئېلان چىقتى:« قەلبىڭىزدىكى ئاشىقىڭىز بىلەن بولغان ئىشنىڭ نەتىجىسىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىشنى خالامسىز؟ بىر تەكىيگە باش قويالامسىز ياكى تەلىيىڭىز كاجمۇ؟ ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمىنى ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن جۈپلەپ يېزىڭ، مەسىلەن پالانى پۇستانى باش قوشىدۇ دىگەندەك، كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابونتى بولسىڭىز.....نۇمۇرغا، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ئابونتى بولسىڭىز ... نۇمۇرغا يوللاڭ».
ئۈچۈنچىنچى
«ۋەقەلىكلەر» پىروگراممىسىدا رىياسەتچى بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بەردى: 15 ياشلىق بىر بالا «تۈن پاراڭلىرى تېلفونى» غا مەپتۇن بولوپ قاپتۇ، نەتىجىدە، كۈندۈزى روھسىز يۈرىيدىكەن، ئەسنەپلا يۈرىيدىكەن، دىققىتى چېچىلىپ، ئۆگىنىش نەتىجىسى تۆۋەنلەپ كېتىپتۇ. رىياسەتچى: «بۇخىل تېلفۇنلار بىر قىلتاق، تېلفۇن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالماقچى، ھەرگىز ئالدام خالتىغا چۈشمەڭلار!».
بىر نەچچە سائەتتىن كىيىن تېلۋىزۇردىن مۇنداق نازلىق ئاۋاز ئاڭلاندى:«يېرىم كېچە بولغاندا كىممۇ زېرىكمىسۇن؟ سىز ياقا يۇرتتا تۇرۇپ مىھىرلىك سالاملارنى ۋە يېقىملىق ئاۋازنى ئاڭلاشنى خالامسىز؟ ئۇنداقتا ‹ئىللىق يۇرتىغا قايتىشنى چۈشەش› يېقىملىق تېلفونىغا تېلفون قىلىڭ، كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابونتى بولسىڭىز.....نۇمۇرغا، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ئابونتى بولسىڭىز ... نۇمۇرغا، كىچىك زېرەك ئابونتى بولسىڭىز... نۇمۇرغا تېلفون قىلىڭ...».
مەنبە: "فىليەتيۇنلار ئايلىق ژۇرنىلى"
ياۋائات تەرجىمىسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yawaat0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-25 05:38 PM