2 مو
بىرنەچچە كۈن كۆكتات بازىرىغا بارالمىغاچقا، بۈگۈن سىۋەتنى كۆتۈرۈپ كۆكتات سېتىۋالغىلى باردىم. بازارغا كىرىشىمگە، كۆكتات يايمىسىدىكى بىر ئايال يىراقتىن مېنى چاقىردى، ئۇ ناھايىتى خۇشال بولغاندەك كۆرۈنەتتى. مەن ئۇنىڭغا ئېرىنچەكلىك بىلەن قارىدىم، چىراي ئىپادەممۇ تەبىئىي ئەمەس ئىدى، توۋلاپ سېتىشتا بۇنداق قىلمىسىمۇ بولاتتىغۇ؟ مەن قورقۇپ كەتتىم دە، ئەگىلىپ مېڭىشقا تەمشەلدىم.
ئويلىمىغان يەردىن، ھېلىقى ئايال ئۇددۇل مېنىڭ قېشىمغا كېلىپ:« ساقلاپ تۇرۇڭ، بولامدۇ؟ » دەپ توۋلىدى. مەن مەن ھەيرانلىق بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ: «ئىشىڭىز بارمىدى؟ » دەپ سورىدىم. ئايال كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: «باشقا ئىش يوق، بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى سىز مېنىڭ قېشىمدىن كۆتات سېتىۋالغاندا، ئاشقان 2مو پۇلىڭىزنى قايتۇراي دەپ تۇرسام سىز ئالمايلا كېتىپ قالدىڭىز، بىرنەچچە كۈندىن بېرى كەلمىدىڭىز....ئۇ شۇنداق دەپ ماڭا 2مو پۇلنى ئۇزاتتى، ئايالنىڭ چىرايىدا بىرخىل سەمىيمىيلىك چىقىپ تۇراتتى.
بۇ ئىشنى مەن بۇرۇنلا ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدىم، ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ ئېسىدە مەھكەم تۇرۇپتۇ. كۆڭلۈم ئىللىغاندەك بولدى. پۇل گەرچە ئاز بولسىمۇ، بىراق بۇ بىر سەمىيمىلىكنى ئىپادىلەيتتى. ئويلىمىغان يەردىن، ئۇ ئىككى مو ئۈچۈن مېنى نەچچە كۈن ساقلاپتۇ ئەمەسمۇ؟
مەن بۇ سەمىيمىلىك بىلەن تولغان 2مو نى ئىزچىل ساقلاپ، كومپىئوتېرىمنىڭ ئالدىدىكى ئەينەكنىڭ ئاستىغا قويۇپ قويدۇم. ئۇ ھەر ۋاقىت ماڭا ئادەم بولۇش يوللىرى توغرىسىدا ئەسكەرتىپ تۇراتتى.
كىيىن مەنمۇ مۇقىم ھالدا ھېلىقى ئايالنىڭ قېشىدىن كۆكتات سېتىۋالىدىغان بولدۇم. مەن يەنە ئۇنىڭ يايمىسىنىڭ سودىسى باشقا يايمىلار نىڭكىدىن ياخشى ئىكەنلىكىنى بايقىدىم.
بىر كۈنى مەن قاسساپتىن گۆش سېتىۋېلىپ بولغاندىن كىيىن، پۇل تۆلەيدىغان ۋاقتىدا كۆكتاتنى قاسساپنىڭ ئالدىدىكى ئاپتۇماتىك تارازىغا قويۇپ پۇل قاپچۇقىنى ئالدىم. پۇلنى تۆلەپ بولوپ، كۆكتاتنى قولۇمغا ئالىدىغان ۋاقىتتا، كۆكتاتنىڭ ئاران بىر جىڭ 700 گىرام ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. بىراق مەن ھېلىلا ئۇ ئايالدىن كۆكتات سېتىۋالغان ۋاقىتتا 2جىڭنىڭ پۇلىنى تۆلكىگەن ئىدىم، ئەجىبا، ئۇ كۆكتات ساتقاندا كەم بېرەمدىغاندۇ؟ مېنىڭچە، ئۇ ئۇنداق قىلمايدىغانلىقىمغا ئىشەنمەيتتىم.
ئۆيگە قايتقاندا، ئايالىمغا بۇ ئىشنى ئېيتقاندا، ئايالىم ئەيىپلەپلا كەتتى: سەن نېمىدەپ ئۇنىڭدىن كۆكتات ئالىسەن؟ ئۇ ئايال كۆكتات ساتقاندا بەك ئاز بېرىدۇ. ئىلگىرى مەن ئۇنىڭغا بەك ئىشىنەتتىم، كىيىنچە غەيرىلىك ھېس قىلاتتىم، بىر نەچچە قېتىم ئۆلچەپ بېقىش ئارقىلىق، ئاخىرى ئۇنىڭ بىر جىڭدا 450گىرام بېرىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن ئۇنىڭغا بۇ ئىشنى دەپ باققان ئىدىم.
مەن ئىشەنمەي، ئۇنىڭ ماڭا 2مو قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىدەك تەسىرلىك ئىشنى يەنە سۆزلەپ بەردىم. ئايالىم ھەيران بولغان ھالدا:« ئۇمۇ ئىلگىرى ماڭا 2مو قايتۇرۇپ بەرگەن ئىدى، ئەجىبا بۇ، ئوخشاشلىقمىدۇ؟» دەپ ھەيران قالدى.
تەرجىمە ئەسەر مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئايچىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-25 05:46 PM