مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1001|ئىنكاس: 15

پۇل ئوغرسى(ھىكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73559
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5924
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2012-1-20
ئاخىرقى: 2012-9-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 05:16:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

پۇل ئوغرىسى


( ھېكايە)


ئەخمەتجان ئابلىز


مەكتىپىمىزدە  ھەر قىتىم توي-توكۈن ، ئاغرىق-سىلاقلارنى يوقلاش، ئۆلۈملۈك بولۇپ قالغان خىزمەتداشلارغا چاي ئېچكۈزۈش  سەۋەبى بىلەن پۇل يىغىش قىلاتتۇق. مانا مۇشۇنداق چاغلاردا ھەممەيلەن دىگۈدەك بۇ ئاۋارچىلىقلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۆڭلىمىزنى  بىلدۇرۇپلا غىپپىدە تىكىۋىتەتتۇق. ياشتا چوڭراق ، پىشقەدەملەر بىردەم سىز تىزىملاڭ دىسە ، بىردە ئۇ تىزىملىسۇن دەپ ئىلتىجا قىلاتتى.شۇنداق قىلىپ باشىقىلارنىڭ ئۆتۇنۇشى بىلەن تىزىملاش ئىشلىرىنى ئېلىپ باراتتۇق. بىر قىتىم  تويغا بىرىش ئىشى بىلەن پۇل يېغىش بولۇپ قالدى. ئۇنى تىزىملاڭ دىسەكمۇ ياق، بۇنى تىزىملاڭ دىسەكمۇ ياق دەپ زادىلا ئۇنىمىدى ،شۇ ئەسنادا باراتجان ئىسىملىك بىر خىزمەتدىشىمىز : - مۇشۇنچىلىك ئىشنىمۇ قاملاشتۇرۇپ قىلالمىساڭلار  قانداقمۇ مۇئەللىملىك قىلدىغانسىلەر –ھە! ئىسىت ،ھالىڭلارغا -دېگەنچە خۇددى ئۇ بۇرۇندىلا تەييارلىق قىلىپ قويغاندەك  قويۇن يانچۇقىدىن قەغەز ، قەلەم ئالدى-دە، سەمەت 10يۇەن ، مەمەت 10 يۇەن ، ئەكبەر 20 يۇەن، ئابدۇللا 20 يۇەن ، ئايشەم 20 يۇەن، بىلىقىز 10 يۇەن ...دەپ تىزىملاشقا باشلىدى. مانا شۇندىن باشلاپ بىر باش ئاغرىقىمىز ئاخىرلاشىتى . قانداق ئاخىرلاشتى دەيسىز؟ شۇ كۈندىن باشلاپ باراتجان بۇنداق پۇل يىغىشلارنىڭ تىزىملىغۇچسى بولۇپ قالدى. ھەممىمىز بۇ ئاۋارچىلىقلاردىن قۇتۇلغانلىقىمىزدىن كۆڭلىمىز ئەمىن تېپىپ قالغان ئىدى. كۈنلەر ، ئايلار ئۆتۇۋەردى. بىر كۈنى خىزمەتدىشمىزنىڭ تويىغا پۇل يېغىش بولۇپ قالدى . كۆپ ساندىكى خىزمەتداشلىرىمىز 50 ھەتتاكى 100 يۇەنلەپ تىزىملىتىشقا باشلىدى. شۇنداق قىلىپ يىغىلغان پۇلمۇ 3000دىن سەل ئاشقانئىدى. تويغا بىرىپ خۇشال –خۇرام قايىتىپ كەلدۇق. ئارىدىن خىلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ھىلىقى خىزمەتدىشىم بىر كۈنى بىللە تاماق يىيىشكە چاقىرىپ قالدى. شۇنىڭ  بىلەن توي ھاردۇقى چىقىپ قالغانلىقى ھەققىدە پاراڭلىشىپ قالدىم . ئۇمۇ كۆڭلىمىگە يارىشا ھاردۇقىم چىقىپ قالدى -دىدى بىر خىل مەيۇسلۇك بىلەن .ئۇنىڭ بۇ جاۋابلىرىدىن بىر ئىشنى سەزدىم –دە: - تويدا بىرەر كۆڭۈلسىزلىك بولىمغاندۇ؟ -دىدىم ياندۇرۇپلا.
ئۇ ئالقانلىرى بىلەن يۈز- كۆزلىرىنى سۈرتۇۋىتىپ :-ئاداش ، بۇ گەپنى ساڭا دىسەم باشقىچە ئويلاپ قالما، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تىزىملىكتە يىغقان پۇلى 3300يۇەن ئىكەن .لىكىن نەخ پۇل 3000 يۇەن تۇرىدۇ – دىدى ئۇ ھەيرانلىق ئىلىكىدە.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم . بۇنداق ئىش بولىمغاندۇ؟  يىغقان پۇلنى...ئاخىرىنى ئېيتىشقا جۇرئەت قىلالماي.
-ئاداش، باشقا پۇل بىلەن ئارلىشىپ كەتكەنمىدىمۇيا ؟ -دىدىم گۇمانىمنى ئاشكارلاپ.
-ياق ، سىلەر قويغان پۇل بىلەن تىزىملىكىنى ئايرىم يانچۇقىمغا سالغان ئىدىم . ئۇنداق ئىشنىڭ بولۇشى ئەسلا مۇمىكىن ئەمەس –دىدى ئۇ كەسىكىن قىلىپ .
شۇنداق قىلىپ ئىككىمىز ھەرخىل پەرەزلەرنى قىلىشتۇق. ئاخىرى پەرىزىمىز باراتجانغا مەركەزلەشتى.ئارىدىن ئۈزۈن ئۆتمەي يەنە  تويغا پۇل يىغىش بولۇپ قالدى . باراتجان بۇرۇنقىدەكلا ئاكتىپ ھالدا پۇل يىغماقتا ئىدى. دوستۇم ئەكبەر بىلەن بۇ ئىشنى ئېنقلاش ئۈچۈن بىرسىمىز تىزىملاپ بەرمەكچى بولدۇق. ئاخىرىدا ئەكبەر ئومۇمىي يىغىلغان پۇلنى ئىچىدە قۇشۇۋاپتۇ. تويغا كىرىپ يەپ –ئچىشلەر ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ياشتا چوڭراق ،پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىمىز باراتجاندىن پۇلنى ئىلىپلا ئۆي ئىگسىگە :- بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تويغا ئاتىغان كۆڭلى ئىكەن –دەپ داستىخان ئۈسىتىگە قويدى.ئۆي ئىگىسى بىر مۇنچە ئۆزىرخاھىلىق ئېيىتىپ ،پۇلنى ئالدى. بىر ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ئۆي ئىگىسىدىن سۇرۇشتە قىلساق ،يىغىلغان پۇلدىن 40 يۇەن كەملىكىنى ئېيىتتى . ئاچچىقىمىز غۇژژىدە كەلدى. ئۇ قاچانلاردىن باشلاپ مانا مۇشۇنداق ئالدامچلىق ،كۆز بۇيامچىلىق قىلىپ كەلگەن بولغىيىتى ،ھۇ، نۇمۇسسىز- دىدۇق – دە، بۇ ھىلىگەر،ساختىپەز، قۇيمىچىنىڭ ئەدىبىنى بەرمەكچى بولدۇق .بىر كۈنى يەنە مۇشۇنداق پۇل يېغىش بولۇپ قالدى. بۇ كۈنى باراتجان مەلۈم ئىش سەۋەب مەكتەپتە يوق ئىدى .شۇ سەۋەبىدىن بۇ قىتىم پۇلنى مەن يىغماقچى بولدۇم. بۇ ئىش باشقىلارغا يېڭلىق تۇيۇلدىمۇ تاڭ،بىر خىل ھەيرانلىق ئىچىدە تىڭىرقاپ قالماقتا ئىدى. شۇ ئەسنادا چاقچاقچى خىزمەتدشىمىز ھەسەنجان:
- قەيسەرجان ، كوجىلىقنى ئۆتكۈزۋالغان ئوخشىمامسىلە؟ زىيان چىقمىسۇن جۇمۇ ؟ -دىدى ئۇ چاقچاق ئارلاش.
-        قەيسەرجان ،ھىساپچى تۇرسا ،پايدا ئالسا ئالىدۇكى ھەرگىز زىيان تارتمايدۇ؟ -دىدى يەنە بىرەيلەن ئۇلاپلا.
-        ئاغىنلار ، نىمە پايدا ، نىمە زىيان  چاقچاق قىلماڭلار ،تىزىملاپ ئالغان پۇلنىڭ ھىسابى بار ئەمەسمۇ؟ دىدى پشىقەدەم ئۇستازىمىز سىلىم ئاكا . سىلىم ئۇستازنىڭ گەپلىرى باياتىنياقى قسىلغان تەنلىرىمنى سەل بۇشاشتۇردى.
شۇ ئارلىقتا باراتجان نەلەردۇر پەيدا بولدى –دە:
- ھە، مانا مەن كەلدىم ، قىنى كۆڭلىڭلارنى تىزىملىتىڭلار –دىدى ئالدىراش قەلەم ، قەغەز ئېلىپ .ھەممەيلەن بىردەم ئۇنىڭغا ،بىردەم ماڭا قارايتى.
-باراتجان ، سىلىنىڭ ئورنىڭلىغا قەيسەرجاننى تەينىلىدۇق ،سىلە تازا قاملاشتۇرالماي قالدىڭلا –دىدى دوستۇم ئەكبەر سەل شەپە بىرىپ .
-ئەكبەرجان ، گىپىڭلارنىڭ تىگىدە گەپ بارمۇ نىمە ؟ قورسىقىڭنىڭ ئاغرىقى بولمىسا تاۋۇز يىيىشتىن قۇرقىما دەپتىكەن جۇمۇ ؟ سىلەرنىڭ ئەشۇ ئىككى،تۆتتال پۇلۇڭلارغا كۆزۈمنى قىزارتىپتىمەندە، ئۇنداق زىدە پەس ئادەم ئەمەس جۇمۇ بىز –دىدى ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالماي.
ھەممىمىز ئۇنىڭ بۇنداق چالۋاقلاشلىرىدىن تەئەججۇپلىنىپ قالدۇق.‹‹ سەۋزىدە خەۋەر يوق ،گۇرۇچ دەم يەپتۇ ››دېگەندەك ئۆزىنىڭ قىلغىندىن ئۆزى گۇمانسىراپ كەتكىنى قارمامسىز؟ -دىدىم ئىچىمدە .
-باراتجان ، پۇلنى سىلە يىغامسىلە –دىدىم بىر خىل مەسىخىرە ئارلاش كۈلۈپ تۇرۇپ. باراتجان مىنىڭ قاراشلىرىمىدىن بىر نەرسىنى بايقىدىمۇ ئەيتاۋۇر :- سىلە ،يىغالمايمەن دىسەڭلا يىغاي ، بولمىسا ...دىدى دۇدۇقلاپ .
-باراتجان ئاداش، نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان يىقىنىڭلار بولا ئەمدى، بۇنىڭدىن كىيىن مەنمۇ يىغىپ باقاي ،خىلى پايدىسى بار ئىشكەن بۇ –دىدىم تەھەددى بىلەن . شۇنداق قىلىپ  قەيسەر بىلەن ئىككىمىز بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى  دىۋەتتۇق. ئوقۇتقۇچىلار   ئىككىمىزنىڭ   گەپلىرىنى ئاڭلاپ  مەڭدەپ قالغان ئىدى. بارات  بۇ ئەلەم ،خۇرلۇقىتىن خىجىللىق  ھىس قىلدىمۇ  ياغاق يۈزلىرى شەلپەردەك قىزىرىپ ، كۆز  چاناقلىرى يوغىناپ ، قەلەم ، قەغەز تۇتقان قوللىرى تىتىرمەكتە ئىدى.

( يوپۇرغا ناھىيە ئاخۇنلۇقۇم يىزا مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتىن)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئايچىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-25 05:20 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44178
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3133
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2011-6-12
ئاخىرقى: 2012-8-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 05:31:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىلپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 343
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8380
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 414 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 05:45:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز 。اخۇنلۇقۇمدىنمۇ?راسلا شۇ يەردىن بولسىڭىز مىنى موڭداشقۇغا قوشىۋىلىڭە 1370868514

يەنە  يالغۇزلۇق

بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقت

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68426
يازما سانى: 824
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8036
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 656 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 05:48:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇتقۇچىلانىڭ ئىچىدىمۇ مۇشۇنداق ئىش بامىكەن ئەمدى توۋا؟

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ  ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

چــــــــــــــــــــــــــوغ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 1633
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8690
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 505 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 05:50:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق باراتجانلار قاچانمۇ تۈگە،ھەممىسى كۆڭلىنى ئۇدۇللا ئىپادىلىسە بولاتتى ئەسلى،ۋاكالەتچى چاقىرماي.

قۇربان ھىيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!كەلدى ئايەم كۈلدى ئالەم.خۇشال كۈنلەر!

ھەي~~كۆزۈمدىن يا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20877
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6224
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 118 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 05:58:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جەمىيىتىمىزدىكى بولىۋاتقانلا ئىشكەنغۇ~`
مىنىڭمۇ بىر ئاغىنەم بولىدىغان،دائىم پۇل يىغىدىغان چاغدا ئالدىغا ئۆتۈپ مەن يىغاي دەيدىغان~كىيىن بىر قىسىم ساھىپجانلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەندە بىلدۇقكى ،ئۇ ھەر قېتىم يىغىلغان پۇللاردىن نەچچە يۈز يۈەن ھەتتا ھەممىسىنى قايرىۋالىدىغان بولۇپ قاپتۇ .
نەچچەيلەن بىرلىشىپ ئارىمىزغا ئېلىۋېلىپ ئەپتى-بەشرىسىنى ئاشكارىلىۋەتكەنتۇق ئاخىرى تۈزەتتى~
پۇلنىڭ كارايىتى چاغلىق~لېكىن ساھىپخانغا كۆڭۈل دەپ يىغىلغان پۇل ئايرىمدە~

ھەي~~كۆزۈمدىن ياش ئاققۇزغىچى  پىياز ~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83340
يازما سانى: 434
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3994
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2012-8-2
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 07:27:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاپا تارتقاندىكىن  ئۇز نىسىۋەمنى ئىلۋالاي دەپ ئويلاپ قاپتۇدە بۇ ئاداش ھەي .ئەمدى بۇ پۇلنى باشقا بىرسىڭلار يىغساڭلار بولغۇدەك. بولسا ئۇچ كىشنىڭ قوولدىن ئۇتسۇن.

ئادىل ئابابەكرى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 710
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4512
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 236 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 08:09:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىشىنىڭ ھەققىگە قارا سانىسا بولمايدۇ دە؟  كىيىنلىكنى ئويلىماي قىپساپتۇدە ھەيييييييي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41136
يازما سانى: 311
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6600
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 941 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 08:57:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنداق بىر ماقالە بار، زىيادە ئىشتىن ‹زىيادە› ئىش چىقار..

كۈندىن-كۈنگە ،يەنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلماقتىمەن..

باشقىلار كۆكتە ئ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81
يازما سانى: 2034
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13481
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 2572 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 09:15:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھى ھى ھى ھېساۋاتچى دىگەن مەندەك بولمامدۇ دەيمەن، ئۇنداق دىسەم باشقىچە ئويلىماڭلا، مەنمۇ ئۇرۇق تۇققانلارنىڭ ئارىسىدا بولىۋاتقان ئادىمىگەرچىلىكلەرنىڭ يىغىش ئىشلىرىنى بىر قوللۇق قىلىمەن، ھەم ھەممىسى ماڭا تۇتقۇزىدۇ، ئەمما بىرەر قېتىممۇ پايدا ياكى زىيان تارتىپ باقمىدىم. ساناقلىق نەرسىنىڭ ھېساۋاتى بولغىنىدەك بۇنى يېزىپ قويۇپ يەۋالسا قورساق كۆپىدۇ، يازماي يىسە ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك، شۇڭا ھەممە ئىشتا لىللا بولغان ياخشى.

رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم....!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش