مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1029|ئىنكاس: 18

بىر كوي (ھىكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73559
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5924
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2012-1-20
ئاخىرقى: 2012-9-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 05:13:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىر كوي


(ھېكايە)


ئەخمەتجان ئابلىز


بۈگۈن شەھەرگە بىرىش ئىشى بىلەن بىكەتكە قاراپ ماڭدىم .بىكەت ئالدىدا كىچىك ماشىنلار قاتار تىزىلىپ كەتكەن بولۇپ  ماشىنا شۇپۇرلىرى ھەدەپ ئادەم چاقرىماقتا ئىدى. بىر قانچە شۇپۇر مىنىڭ شەھەرگە باردىغانلىقىمىدىن خەۋەر تاپتىمۇ ياكى ئۇلارنىڭ سەزگۈلىرى ھىس قىلىپ يەتتىمۇ ئەيتاۋۇر ئالدىمغا ئىلدام قەدەملىرى بىلەن كەلدى-دە:
- ئاداش ، شەھەرگە بارامىسىز؟ قىنى ماشىنىغا چىقىڭ ،  ئادەم تولسىلا  ماڭمىز         دىسە ،يەنە بىرىسى ئۇنىڭدىن ھۇشيار كىلىپ :
- قىنى ،بىزنىڭ ماشىنغا چىقىڭ ،ھازىرلا ماڭىمىز –دەپ ماڭا بىر خىل ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن تىكىلىدى. ئۇلارنىڭ بۇنداق مۇئامىلىرىدىن سەل خىجىل بولۇپ  ، مۇنۇ ئالدىمدا تۇرغان ئىككى شۇپۇرغا نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم . تىرىكچلىك ئۈچۈن نەچچە يۈز مىڭ يۇەنگە ماشىنا ئېلىپ بىزلەرگە مۇلازىمەت قىلۋاتقان شۇپۇرلارغا ئېچىم ئاغرىپ قالدى. بۇ تەڭقىسىلىقىتىن قۇتۇلۇش نىيىتىدە :
- شەھەرگە نەچچە كوي ئالسىلەر-دىدىم نەچچە قىتىم كىچىك ماشىنا بىلەن شەھەرگە كىرگەن بولساممۇ كىرانى بىلمەسكە سېلىپ.
- 25 يۇەن –دىدى ئىككى شۇپۇر خۇدىدى دىيىشۋالغاندەكلا.
ئارتۇقچە گەپ قىلماي ،بىكەت ئىچىدە قاراپ مىڭىشقا تەمشەلدىم . ئۇلار ئالدىرمايدىغان ئوخشايدۇ-دېگەنچە ئوھسىنىپ تۇرۇپ قالدى.
بىلەت ساتدىغان كۆزنەككە باردىم . بىلەت ساتقۇچى ئۇرۇق ،ۋىجىك كەلگەن ،كەيگەن خىزمەت كىيىمى خوپمۇ ياراشقان مەن بىلەن تەڭ دىمەتلىك قىزچاق:
- چوڭ ماشىنىنىڭ بىلىتىنى ئالامىسز يا ‹‹ئىۋىك››نىڭ بىلىتىدىنمۇ؟ -دىدى ئۇ شۇنداق مۇلايىم ئاۋازدا.
- چوڭ ماشىننىڭ بىلىتى نەچچە يۇەن ، ‹‹ئىۋىك›› نىڭچۇ؟ -دىدىم يېنىشلاپ  .
-چوڭ ماشىنىنىڭ 11يۇەن ، ‹‹ئىۋىك››نىڭ 13يۇەن .
چوڭ ماشىنىغا ئادەم تىز تولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈسىتىگە بەك ئاستا ماڭىدۇ،‹‹ ئىۋىك ›› دېگەن بۇ ماشىنىغا چىقىپمۇ باقماپتىكەنمەن ،قانداقراق ماشىنىدۇر ئۇ دېگەنلەرنى كۆڭلىدىمىدىن ئۆتكۈزۈپ ‹‹ئىۋىك›› نىڭ بىلىتىدىن بىرنى بېرىڭ دىگەنچە 20 يۇەنلىك پۇلدىن بىرنى تەڭلىدىم. بىلەت بىلەن قايىتقان  پۇلنى ئېلىپ ماشىنا بار يەرگە قاراپ ماڭدىم.
بىكەتتە چوڭ –كىچىك ماشىنىلار خىلى كۆپ ئىدى. ئۇنىڭ ئۈسىتىگە ئادەممۇ ئانچە كۆپ ئەمەس  . چوڭ بىر ماشىنىدا ئۈچ-تۆت ئادەم ، بىلەت ساتقۇچى قىز ئېيىتقان ‹‹ ئىۋىك››تا يەتتە ،سەككىز ئادەم ئولتۇراتتى. ھەرنىمە بولسا ‹‹ئىۋىك››نىڭ بىلىتىنى ئاپتىمەن بولمىسا قانداق قىلاتتىم دېگەنچە ماشىنىغا چىقتىم.ماشىنا ئىچىدە شاڭگاڭنىڭ مۇشتىلاش فىلىمدىن بىرىسى قۇيۇلۋاتقان ئىكەن. بەش –ئون مىنۇتقىچە بىرىمۇ ئادەم چىقمىدى. ئاخىر بىكەت خادىملىرىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ماشىنا قوزغىلىشىقا مەجبۇر بولدى. شۇپۇر ئۇستام ماشىنا ئىچىگە بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن :
- ھو،لەنىتى ئۆلگۈرلەر، ئادەم بولمىسىمۇ ماڭ دەپ زورلاپ، ئادەمنىڭ ھالىغا پەقەت يەتمەيدۇ،خۇدايىم بىرىپ قالسا يولدا ئادەم چىقىپ قالار –دەپ زارلانغىنىچە ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇپ ،ئارقىسىغا شۇنداق تىز قايتۇرۇپلا ،ئالدىغا خوتنى ‹‹قارت-قۇرت›› قىلغىنچە سېلىپ مېڭشىقا باشلىدى.
ئارىمىزدىن بىرى چىقىۋاتقان شاڭگاڭ فىلىمىنىڭ ۋاراڭ –چۇرۇڭلىرىنى ياقتۇرمىدىمىكىن تاڭ:
-شۇپۇر ئۇستام،خەلق ناخشىلىرى بولسا قويلاملا ، نەدىكى بىر نىمىلەرنى قۇيۇپ  ئادەمنىڭ قۇلىقىنى پاڭ قىلغۇچە –دىدى .ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى ماشىنا ئىچىدىكلەرنىڭمۇ قوللىشىقا ئېرشىتى بولغاي، ئارىدىن بىرسى:
- شۇنداق قىلماملا ،ئۇستام،ئۆزىمىزنىڭ خەلق ناخشىلىرى قۇلاققا شۇنداق يىقىشلىق ئەمەسمۇ؟ -دىدى . شۇپۇر ئۇستام ئارقىغا بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن :
- ھىلى بىرسى كىنۇ   قۇيسىلا دېگەن ، ھىلى بىرى ناخشا   قويسىلا دېگەن ،تىخى چەتئەلىنىڭ كىنولىرى يۇقمۇ دەۋاتقان ، يولۇچى دېگەن ھازىر خان بولۇپ قالدى،كۆڭلىنى ئاغرىتىشقا بولمايدۇ-دە-دېگەنچە بىر پىلاسىتىنكىنى سالدى.ئىكراندا سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ ئىجىراسىدىكى ناخشا چىقىشقا باشلىدى. ماشىنا ئىچىدىكى يەتتە ،سەككىزىمىز بار زىھىنىمىز بىلەن ناخشىغا بىرىلىپ كەتكەن ئىدۇق. شۇپۇر ئۇستامنىڭ ماشىنى غاچچىدە تۇرمۇز قۇيۇشى بىلەن ھەممىمىز ئالدىمىزغا داجىپ كەتتۇق. دەرىزىدىن بىشىمنى چىقىرىپ قارسام ،بىر يولۇچى قولىنى كۆتۇرگەن ھالدا تۇراتتى. ئىشك ئېچىلدى. يۇلۇچى :
- ئۇستام، دۈشەنبە بازارغا باراتتىم ، ماشىنىغا سىلىۋالغان بولسىلا –دىدى بىر خىل يۇلۇچىلارغا خاس رايىشلىق بىلەن. شۇپۇر ئۇستام بىكەتتىن چىققاندىن تارتىپ يولدا بىرەرمۇ يۇلۇچى يۇلۇقمىغان ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ قارا بولۇتلار قاپلىغان چىرايى ھىچبىر ئېچلاي دىمىگەن ئىدى. بۇ يۇلۇچىنىڭ ئۇچرىشى ،خۇدانىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ئىلىتىپاتى بولغاي ئىلاھىم،چىرايىغا كۈلگە يۈگۈرۈتۇپ:
- قىنى ،چىقىسىلا ،ئالغاچ كەتمەي تۇرالايمىزمۇ؟ بىز شۇپۇرلار سىلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلماي نىمە ئىش قىلىمىز-دىدى خۇددى قېزىقچىلارغا خاس چاقچاق بىلەن.
يۇلۇچى ماشىنىغا چىقىپ ،ھەممىمىزگە بىر قۇردىن قارىۋەتكەندىن كىيىن ،بوش ئۇرۇنغا بېرىپ ئولتۇردى.ماشىنا يەنە شۇ تەرىقىدە يۈرۈپ كەتتى.سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ   مۇڭلۇق ،كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالدىغان ناخشىلار بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى چىقىۋاتاتتى. ئالاھەزەل يىرىم سائەت ئۆتەر –ئۆتمەيلا :
-ئۇستام ،ماشىنىنى توختىپ قويسىلا، مەن چۈشۈپ قالاي-دىدى ھىلى يولدا چىقىۋالغان يولۇچى ئورنىدىن تۇرۇپ .
شۇپۇر ئۇستام ماشىنىنى يولنىڭ چىتىگە تارتىپ ،يىنىك تۇرمۇز قۇيغىنچە ماشىننى توختاتتى.ھىلىقى يولۇچى ئىىشىك ئالدىغا كىلىپ شۇپۇر ئۇستامغا قاراپ:
-        ئۇستام ، كىراغا نەچچە پۇل بىرىمەن –دىدى ئۇ قۇيۇن يانچۇقىغا قول سېلىۋىتىپ.
-ئالتە كوي –دىدى شۇپۇر ئۇستام يولۇچىغا پەرۋاسىزلا.شۇپۇر ئۇستامنىڭ ئالتە كوي دىگنىمۇ ياكى يولۇچىغا بىر ئىش تەسىر قىلىدىمۇ بىلىمىدىم ئۇنىڭ قۇيۇن يانچۇقىغا سالغان قوللىرى تۇرۇپ قالغان ئىدى. شۇپۇر ئۇستام يولۇچىنىڭ داڭ قىتىپ تۇرۇپ قالغانلىقىتىن ھەيران بولۇپ:
- نىمە بولدىلا، كىرا سەل ئېغىر كەلدىمۇ؟- دىدى بىر خىل كۆتۇرەڭگۈ ئاھاڭ،مەنسىتمەسلىك نەزەرى بىلەن قاراپ. يولۇچى شۇپۇر ئۇستامنىڭ ۋەزىنىلىك بىلەن ئېيىتقان سۆزى ئۇنى ھۇشىغا كەلتۇردى.ئۇ ئۆزىنى سەل ئوڭشىۋالغاندىن كىيىن:
-ئۇستام ،بۇ يەرنىڭ كىراسى بەس كوي ئىدى، سىلى نىمىشقا ئالتە  كوي ئالىلا –دىدى بىر نەرسىنى چۈشىنەلىمىگەندەك قىلىپ .
شۇپۇر ئۇستام ئۇنىڭغا قايىتىلادىن بېشىدىن –ئايغىچە بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن:
-شۇنداق ،مەن ئالتە كوي ئالمەن ، ماي ئۆسۈپ كەتتى ،ماي –دىدى  يولۇچىنىڭ كۆڭلىدىكى تۈگۈنچەكنى يېشىش  قۇيۇش  تەرىقىسىدە تەكرارلاپ.يولۇچى ماينىڭ بىر كۈندىلا ئۆسۈپ كەتكىنى چۈشنەلمىدى،چۈنكى ئۇ ئالدىنقى كۈنى بۇ يەرگە بەش كويغا كەلگەن ئىدى  . قارمامسىز ، بىر كۈن ئۆتسىلا ماي ،كىرا ئۆسۈپ كىتەرمۇ؟ دىگەنلەرنى  كۆڭلىدىن ئۆتكۈزدىمۇ بولغاي  ،لىكىن بۇنىڭغا ئىشىنىپ كەتمىدى.
-ھەي ،ئاداش ،نىمىنى ئويلاپ تۇرۇپ كەتتىڭ، بۇ سىنىڭ ئۆيۈڭ ئەمەس ،ماشىنا  بۇلە ،كىرانى تۇلەپ ماشىنىدىن چۈشە –دىدى بايامقى مۇئاملىسى شاپپىدە ئۆزگىرىپ.
-بەش كوي بىرىمەن. مەن ئالدىنقى كۈنى بەش كوي بىلەن كەلگەن –دىدى يولۇچىمۇ بوش كەلمەي .يولۇچىنىڭ گەپلىرى شۇپۇر ئۇستامنىڭ ئوغىسىغا تەگىدىمۇ :
-ئادەش، مەن سىنى ماشىنىغا چىقىۋال دەو تۇختاتتىممۇ ؟قولۇڭنى ئەسىرگە چۈشكەن دۈشمەندەك قىلىپ كۆتۇرۋاتىڭغۇ؟  ماشىنغا مەن يۈلەشتۇرۇپ ئېلىپ چىقىمغاندىمەن –دىدى قوللىرىنى يولۇچىغا شىلتىپ  . شۇپۇرنىڭ قول شىلتاشلىرى يولۇچىغا ھار كەلدى بولغاي:
- ھە، ئۆزۈم چىققان، بۇ ماشىنىغا كىرا قىلدىغان ماشىنىدۇ؟ گەپ قىلمىسام ئەجەپ يۇغان گەپ قىلسەنا؟-دىدى بوش كەلمەي.شۇپۇر ئەمدى تاقەت قىلىشقا قۇربىتى يەتمىدىمىكىن ،ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ:
- گىپىڭ بار ئوخشىمامدۇ سەن ھارامزادىنىڭ ؟دېگەنچە ئۇنىڭغا دىۋەيلەپ كەلدى. ماشىنىكىلەر بولدى قىلىڭلار دېگەنچە ھەر ئىككەيلەننى تۇسماقتا ئىدى. مەن  بۇ ئاۋارچىلىقلاردىن قۇتۇلۇپ ،تىزرەك مېڭىش تەرىقىدە:
-ئۇستام ، بىر كوينى مەن بىرەي ،بولدى قىلىپ ماڭسىلا بوپتىكەن –دىدىم   بىر كوي پۇلىنى شۇپۇر ئۇستامغا تەڭلىگەنچە . لىكىن شۇپۇر ئۇستام مىنىڭ بۇ قىلىقلىرىمنى ياقتۇرمىدى بولغاي:
-ئۇكام ،ماڭا سىنىڭ بىر كويۇڭ كىرەك ئەمەس، مەن مۇنۇ يالاڭتوشدىن ئالىمەن-دىدى ئۇ يولۇچىغا قولىنى تەڭلەپ تۇرۇپ.
-بىلىپ قۇيغىن ساڭا بىردىغان بىر كويۇم يوق،ئالساڭ بەش كوي بىرىمەن –دىدى ھىلىقى يولۇچى . مىنىڭ كاللامدا شاپپىدە  بىر ئەقىل  كىرىدى –دە:
-ئاكا ، مۇنۇ بىر كوي پۇلنى ئېلىپ شۇپۇرغا بەرسىلە –دىدىم. يولۇچى  بىر ماڭا ،بىر شۇپۇرغا قاراپ :
- ئۇكام ،رەھمەت سىزگە، مىنى پۇلى يوق كۆرىۋاتقان ئوخشايلا ،مانا مەندە پۇل بار،دەپ مەيدىسىگە ئوڭ قولى بىلەن ئۇرغانچە قولىنى چاپىنىنىڭ ئىچ يانچۇقىغا   سالدى.ئۇ قۇيۇن يانچۇقىدىن 100يۇەنلىك بىر تۇتام پۇلنى ئالغانچە ،كۆردىڭمۇ مانا بۇ پۇل دېگەندەك قىلاتتى. مەن نىمە قىلارىمنى بىلمەي   مەڭدەپ قالدىم.
شۇپۇر ئۇستام ئالتە كوي ئالىمەن دىسە، يولۇچى بەش كوي بىرىمەن دەيتى.دەتالاش ئاخىرى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ماشىنىدىن چۈشۈپ زاكۇنلىشىشقا ئېلىپ باردى.ماشىنىدىكىلەر چۈشۈپ بولغىچە يولۇچى بىلەن شۇپۇر ئۇستام بىرقانچە مۇشىت ئېتىشىپ بولغان چىغى،   ھەر ئىككىسىنىڭ يۈز-كۆزلىرىدىن قانلار شاقىراپ ئاقماقتا ئىدى. كىمدۇر بىرى ساقچىلارغا تىلىفۇن قىلىپ قۇيدىمىكىن تاڭ بىردەمدىلا 110نىڭ ماشىنىسى پەيدا بولدى. ئۇلار بۇ ئىشنىڭ ئېغى –بېغىنى سۈرۈشتۇرمەيلا ،شۇپۇر ئۇستام بىلەن ھىلىقى يولۇچىنى ماشىنىغا سالدى –دە،ھۇقۇيقىنچە يۈرۈپ كەتتى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئايچىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-25 05:15 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 949
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6172
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 06:00:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي بىر يۈەن ئۈچۈن شۇنچىۋالا قىلىشقان بارمۇ ئەمدى

جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چىغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر ۋە ھەتتا ئەركە چىڭگىزخان.
كىلىپ كەتمەك بىلەن مەشغۇل جاھانغا بىھىساب كارۋان،
ئۆتەردۇنيا، كىتەر دۇنيا، پەقەت ھەقلا سۈرەر دەۋران.
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقەتنى.

چــــــــــــــــــــــــــوغ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 1633
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8690
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 505 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 06:03:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياۋ پانا ما بىر يۈەنننىڭ كاساپىتىنى كۆرۈڭ،ھازىر ساقچىللىرىمىزمۇ بەك ئاكتىپ جۇمۇ بىرسى تىلفۇن قىلمىسىمۇ ئۆزلىگىدىنلا پەيدا بولىدۇ ئۇنداق يەردە.

قۇربان ھىيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!كەلدى ئايەم كۈلدى ئالەم.خۇشال كۈنلەر!

بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقت

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68426
يازما سانى: 824
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8036
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 656 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 06:31:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا بۇ خەقلەگە

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ  ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83340
يازما سانى: 434
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3994
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2012-8-2
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 07:28:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر يۇەن پۇل ئۇچۇن بۇنچىلا قىلىش كەتمەس ئەمدى ھەي چاتاق.؟

ئادىل ئابابەكرى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 710
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4512
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 236 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 08:01:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uyghur05 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-25 06:00 PM
ھەي بىر يۈەن ئۈچۈن شۇنچىۋالا قىلىشقان بارمۇ ئەمدى

ئاشۇنداق شوپۇرلارنى شۇ ئۇسۇل بىلەن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. مېنىڭچە بۇ بىر كوينىڭ ئىشى ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41136
يازما سانى: 311
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6600
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 941 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 08:26:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلار نوقۇل بىر يۇەننى دەپ ئۇرۇشمىدى،بەلكى ئاتالمىش غورورىنى دەپ ئۇرۇشتى..

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
xohsanam886 + 10 بەرھەق

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

كۈندىن-كۈنگە ،يەنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلماقتىمەن..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81460
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4053
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2012-6-12
ئاخىرقى: 2012-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 08:45:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەپ بىريۈەننى بېرىشكە چىدىمىغانلىقتا ئەمەس، شۇ  بىريۈەنگە تويماۋاتقان نەپستە.
مەنمۇ ئۆتكەندە بىر يەرگە بېرىش ئۈچۈن بىكەت يولىغا ماڭدىم،ئەسلى پىلاندا ئىۋىك ماشىنىغا چىقماقچىتىم، چۈنكى بۇنداق چاغدا كىچىك ماشىنىلار بەزىدە ئۆسۈۋالاتتى،  ئالدىمغا بىر كىچىك ماشىنا كەلدى،  قارىسام ئىچىدە 2 ئادەم بار، ئالدىراش ئىشىم بولغانلىقى ئۈچۈن، مەن چىقتىم 3 بولدۇق، 4-سى چىققاندا ئۇف ياخشى ئىتتىك توشتى، دەپ ئولتۇرسام ئالدىدىكى ‹يولۇچى› چۈشۈپ قېلىپ، شوپۇر بىر ئادەم دەپ توۋلاشقا باشلىدى. شوپۇردىن ئۇ يالغان يولۇچى توغرىسىدا سوراپ بولغۇچە ئىۋىكتىن بىرسى نەق ئالدىمىزغا كەلدى، شوپۇرغا دېدىمكى :‹بايا سەن مېنى ئالدىدىڭ، ئەمدى مەنمۇ ماشىناڭدا ماڭىدىغان <يولۇچى> قىياپىتىدىكى ئارتىس بولغان بولاي› دەپ ئىۋىك ماشىنىغا چىقىپ كېتىپ قالدىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xaxyax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-25 08:46 PM  


باشقىلار كۆكتە ئ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81
يازما سانى: 2034
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13481
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 2572 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 09:08:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشنىڭ ماھىيىتى بىر كويدا ئەمەس مېنىڭچە، بەزىلىرىمىز بار قەستەن تويماسلىق قىلىدىغان، بىرنىڭ ئاچچىقىنى مىڭدىن ئالىدىغان، يەنە بەزىلىرىمىز بار چىدايدىغان يەرگە چىدىماي خەقنىڭ ھەققىنى تارتىدىغان.........

رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم....!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74852
يازما سانى: 798
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4996
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 575 سائەت
تىزىم: 2012-2-5
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 10:20:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىلەرنى مەنزىلگە كىم ئاپىرىپ قويدى ئەمسە شوپۇرنى ساقچى ئەپكەتكەن بولسا

ئەگەر بېشىڭغادەرىت كەلسە،ئىھ تەڭرىم مىنىڭ دەردىم بار دىمەستىن،  ھەي دەرىت مىنىڭ تەڭرىم بار دە.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش