Q Q رىڭدا گەپ قىلما،ئەمەلدار رەنجىيدۇ
Q Q دىگەن دېتال چىقىپ بەك ياخشى بولغان ئىدى ،يېراقنى يىقىنلىتىپ،قېيىننى ئاسانلاشتۇرۇپ بەك قۇلايلىقلارنى ئىلىپ كەلدى.QQ نى بىرنى تېزىملىتىپ ئالدۇقمۇ ،بوشلۇق بىزەيمىز،رەسىم يوللايمىز دەپ بىرمۇنچە ئەجىر قىلىپ ۋاقىت ئىسراپچىلىقى بۇلىۋاتقان ،سېرلىق پاراڭلىشىپ ئەر –ئاياللار بۇزۇلىۋاتقان ،كادىرلار كۈندە چ چ غا خۇمار بۇلۇپ ،بىر كۈنلۈك ئىشى تورغا چىقىش ، قۇرۇق پاراڭلىشىش ،كىملەردىدۇ قىز-ئاياللار بىلەن مۇڭداشقىنى مۇڭداشقان ،خىزمەتنى بىر يەرگە قۇيۇپ قويىدىغان ناچار خائىشلار مەيدانغا كەلگىلى تۇردى.
مانا Q Q رىمدا گەپنى يۇشۇرماي،ناچار خىزمەت ئىستىللىرىنى توپقا يوللىۋەتتىم دىگۈچە باشلىق تېركىپ كەتتى ...ئاز گەپ قىل،زامان شۇنداق، توپتا دىگىنىڭ غەيۋەت،ياچىكا قارار قىلمىسا سىرنى ئاشكارلىغىنىڭ،باشلىقنى داتلىغىنىڭ ،ئۆزەڭنى ھاڭغا ئېتتەرگىنىڭ ...راسكەن .راسكەن ... Q Q دىگەننىچۇ سەمەت باشلىقتەك ئىشلىتىمىز،قىز-چوكانلار بىلەن پاراڭلىشىپ،مۇڭدىشىپ چچنىڭ ئۆمرىنى ئۈزارتىپ،يۇرىكى ياشارتىپ باقىمىز،سەندەك Q Q نى قارا يۈز،نىمىنى ئويلىسا شۇنى دەيدىغان قىلىپ قويساق باشلىق تېركىدۇ،يامىنى كەلسە زامانىمىزدىكى Q Q پىرلىرى ، Q Q مۇھاببەت ئىلاھلىرى سىنى قارىداپ، Q Q دەم سۈيىدە قارغاپ،Q Q ياچىيكىسى قاراردا سىنى قارداپ ،توپتىن ھەيدەپ چىقىرىدۇ...
ئەمىسە Q Q قانداق ئىشلىتىمىز ؟
قانداق ئىشلىتىمىز دەمسىز ؟ سەمەت باشلىقتەك ،ئەمەت مۇدىردەك مۇنداق ئىشلىتىمىز:
Q Q ئاچىسىز ئەمما يۇشۇرۇن چىقىسىز ، قىز-ئاياللار بىلەن مۇڭدىشىسىز ،سېردىشىسىز ،بۇنى ھېچكىمگە بىلدۇرمەيسىز،توپتىكى ماتېرياللارنى چۈشۈرۈپ كۆرۈشنى بىلسىڭىز كۇپايە ،بىر نەرسى يوللىمايسىز ،ھېچنىمە دىمەيسىز،پىكرىڭىز بولسىمۇ قەتئىي دىمەيسىز ،خىزمەت ۋاقتىدا سېرلىق پاراڭلىشىڭ ،مۇڭدىشىڭ ئۇنى پەقەت توپتىكىلەر بىلمىسۇن،كەسىپداشلىرىڭىز تۇيمىسۇن ئىش پۇتتى ...ئەگەر توپقا بىرنىمە يوللىسىڭىز باشلىق تېركىدۇ،باشلىق تېرىكتى دىگەن گەپ Q Q ياچىكىسىنىڭ جازا قارارى سىزگە چۈشتى دىگەن گەپ ....بولدىلا چچ رىمنى گەپ قىلالماس قىلىۋىتەي!
Q Q دا گەپ قىلماڭ ،باشلىق تېركىدۇ! بايقىغان ناچار خائىشنى دىمەڭ ،باشقىلار سىزنى ئاغرىقچىلىق قىلىۋاتىدۇ دەيدۇ....
چۈشەندىڭىزمۇ؟ چۈشەندىم ... Q Q رىمنى مەنمۇ «تالانت »بىلەن «ھۆرمەتلەپ» ئىشلىتەي!چاندۇرماستىن ،بىلدۇرمەستىن سېرلىق سۆزلىتەي!ياق گەپ قىلالماس قىلىۋىتەي!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا asrar001 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-25 05:58 PM