خىيال يامغۇرى
(نەسىرلەر)
(1) سۈ قىرغاققا لەرزان ئۇرۇلۇپ شىۋىرلىدى - مېنى ئۆز ئەركىمدە ئاققىلى قوي. -ياق ، دەپ جاۋاپ بەردى قىرغاق ، سېنى ئۆز ئەركىڭگە قويسام زور كەلكۈن بولوپ بالايى - ئاپەت بولىسەن. (2) سەھەر ، تەمەچلەرگە يامىشىپ ئۆسكەن كانەيگۈل يېقىملىق ناخشا ئاۋازىنى ئاڭلاپ كۆزىنى ئاچتى ۋە پىشايۋان ئاستىدىكى گۈللۈكتە ھۆپپىدە ئېچىلىپ كەتكەن قىزىلگۈل يۈزىدىكى شەبنەم تامچىلىرىنى كۆرۈپ ،- قىزىلگۈلۈم ، سەن ئۈچۈن شۇنچە سەدپارە بولىدىغان بۇلبۇلۇڭ تۇرسا ، يەنە نىمە ئۈچۈن يىغلىدىڭ. - ياق ، بۇ ھەرگىزمۇ ئازاپ يېشى ئەمەس ، مەن ئۇپۇقتىن بىلىنگەن سۇبھى تىنىغى بىلەن نۇرلۇق قوياشىمنى كۆرۇشكە نىسىپ بولغانلىقىغا يىغلىدىم ، بۇ شادلىق يېشى ، چۇنكى مەن ، يوروقلۇقنى ، نۇرنى كۆرەلىدىم....
(3) ھەممە ئەينەككە مەدىھە ئوقۇدى . - نىمە دىگەن قالتىس نىمە ئەينەك دىگەن ، پارچە پارچە بولسىمۇ ھەممە نەرسىنى ئۆز ئەينى كۆرسىتىدۇ. ئەينەك ھەسرەتلىك تىنىپ جاۋاپ بەردى- كىچىككىنە پارچەممۇ ھەممە نەرسىنى ئەينى كۆرسەتكىنى بىلەن كۆرسەتكىنىم پەقەت تاشقى قىياپىتىدە... ئىچكى دۇنياسىنى كۆرسىتىش پەقەت قولۇمدىن كەلمەيدۇ... (4) پىنھان يول ، چاقلىق ئوروندۇق چاقىنى ئاستا ئىتتىرىپ كېتىپ بارغان قىز ھەسرەتلىك كۆز ياشلىرى بىلەن دەردىنى تەبىئەتكە سۆزلەپ كېتىپ باراتتى. - توۋا ، دەيتتى ئۇ، مۇشۇ يوللارغا ئۇنىڭ بىلەن كۆڭۈللۈك سۆھبەتلەر بىلەن تالاي قېتىم ماڭغان ئىدىم ئەمدى مېيىپ بوپ قالغىنىمدا ، تاشلاپ كېتەرىنى ئويلىماپتىكەنمەن ، مەن نىمە دىگەن بەخىتسىز ، ھاياتتىن ئۈمۈدۈمنى ئۆزدۈم ، ياشىغىم يوق.... -ۋاي، تۇيۇقسىز چاقلىق ئوروندۇق بىر كاتاڭغا چۇشۇپ قىز يىقىلىپ كەتكىلى تاس قالدى ۋە تىرىشىپ - تىرمىشىپ چىلىق - چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ ئوروندوقىنى كاتاڭدىن ئاران چىقىرىۋالدى،- تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كاللىسىغا : بۇ يەردىن باشقىلار ئۆتسە يىقىلىپ چۇشىشى مۇمكىنغۇ ، ئامال قىلىپ تىندۇرۇپ قويايچۇ ، قىز چاقلىق ئوروندۇقىنى ئىتتىرىپ يۈرۈپ مىڭبىر جاپادا بىر مۇنچە تاش ئەكىلىپ كاتاڭنى تىندۇردى. ئۇھ! قىز ئەمدى دېمىنى ئېلىپ تۇرىشىغا يىراقتىن ئەمەلار تايىقىنى كۆتۇرۇپ بىرىنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى ھەم بايىلا قىز تىندۇرۇپ قويغان يەردىن يىقىلماي ئۆتۇپ كەتكەنلىگىنى كۆرۇپ قىز ئىنتايىن شادلاندى. - باشقىلارغا زەررىچە خۇشاللىق ئاتا قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر بەخىت ئىكەنغۇ...... مەنبە: ئايچىننىڭ يازما خاتىرلىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-26 01:25 PM
|