كىرىپتۇ مۇھەببەت ئون بەشكە بۈگۈن
كىرىپتۇ مۇھەببەت ئون بەشكە بۈگۈن،
قەلبىگە تىگىپتۇ سۆيگۈنىڭ ئۇقى،
مانا مەن شۇنچىلىك شادلىققا تولدۇم،
بىلىنمەس ئەمدى ھەم يارىمنىڭ يوقى؛
كىرىپتۇ مۇھەببەت ئون بەشكە بۈگۈن،
ئاشىقلىق ئۇتىدا كۈيۈشكە باشلاپ،
يىڭىدىن ئېلىپتۇ قۇلىغا قەلەم،
نەزمىلەر پۈتمەككە قونچاقنى تاشلاپ؛
كىرىپتۇ مۇھەببەت ئون بەشكە بۈگۈن،
روماللىق چىقىپتۇ ئۆستەڭ بېشىغا ،
ئەمدى نە كىرەكتۇر قورقۇپ تارتىنىش،
بارىمەن ئۇدۇللا ئۇنىڭ قىشىغا؛
كىرىپتۇ مۇھەببەت ئون بەشكە بۈگۈن،
قاش- كۈزى يىتىلىپ بۇلۇپتۇ رەنا،
قوللىرى بۇلۇپتۇ ئۈزۈككە لايىق،
شۇ قولغا تاقاشقا ئۈزۈكى مانا؛
كىرىپتۇ مۇھەببەت ئون بەشكە بۈگۈن ،
ئاشىقلىق يولىدا قالماسمەن يالغۇز،
كىچىسى ئۇيقۇدىن قاچقاندا كۈزۈم ،
بار بولدى ئاسماندا قاراشقا يۇلتۇز؛
كىرىپتۇ مۇھەببەت ئون بەشكە بۈگۈن،
سەيلىگە چىقىشنىڭ كىلىپتۇ پەيتى،
شۇ ئايدىڭ ئاخشامدا تۇرسا يېنىمدا،
يوق ئۇندىن ئارتۇقچە ھاياتنىڭ پەيزى؛
كىرىپتۇ مۇھەببەت ئون بەشكە بۈگۈن ،
بىلمىدىم خالامدۇ ئۈزۈك تاقاشنى ،
بىرىمەن ئۈزۈكنى مەيلى ئۈزىدە،
ئۈزىلا بىلىدۇ تاقاش تاشلاشنى؛
كىرىپتۇ مۇھەببەت ئون بەشكە بۈگۈن،
ئەلچىلەر كەپتىغۇ داستىخان سېلىپ،
«ياق»دىسۇن ئون بەشكە تولغان مۇھەببەت،
قالماي مەن ئازاپتا كۆزياشلار تۈكۈپ؛
2007.10.19
.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا saba01 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-26 12:39 PM